قېرى ئېيىقنىڭ شېرىن چۈشى BilqutBBS - powered by phpwind.net

  باش بىكەت   |  ئاۋازلىق ئەسەر | خەزىنە  |  مۇنبەر  |  كۈتۈپخانا  |  كىنو  |  MTV  |  ناخشا  |  ئويۇن  | ئېتوت 



نۆۋەتتىكى تېما : قېرى ئېيىقنىڭ شېرىن چۈشى تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 19ـ كۆرۈرمىنى
UyMuglaN

دەرىجىسى : باش ۋەزىر


نادىر يازمىلار : 52
يوللىغان تېما : 4312
شۆھرىتى: 4410 نومۇر
پۇلى: 7713 RMB
تۆھپە: 50 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-03-12
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-23

 قېرى ئېيىقنىڭ شېرىن چۈشى


  قېرى بۆرە، تۈلكە ۋە قېرى ئېيىق ئۈچى بىر ئىشنى مەسلىھەتلىشىپتۇ. يەنى ئۇلار ئۈچى نۆۋەتلىشىپ بىر - بىرىنى بىر ۋاقلىق ئەڭ ئېسىل تاماق بىلەن مېھمان قىلماقچى بوپتۇ!
تۈلكە بىرىنچى بولۇپ مېھمان قىپتۇ، ئۇ قېرى بۆرە بىلەن قېرى ئېيىقنى تەكلى قىلىپ، ياۋا توشقان كاۋىپى يېگۈزۈپتۇ.
قېرى بۆرە ئىككىنچى بولۇپ مېھمان قىپتۇ، ئۇ تۈلكە بىلەن قېرى ئېيىققا دۈملەپ پىشۇرۇلغان قىرغاۋۇل گۆشىنى يېگۈزۈپتۇ.
ئەمدى مېھمان قىلمىغان پەقەت قېرى  ئېيىقلا قاپتۇ. بىر كۈنى، تۈلكە بىلەن قېرى بۆرە تەخىرسىزلەنگەن ھالدا قېرى ئېيىققا:
- ئېيىق ئەپەندى، مېھمان قىلىش نۆۋىتى سىزگە كەلدى، ئۇنچە پىخسىقلىق قىلىپ كەتمەڭ! - دەپتۇ.
- سىلەر نېمىگە ئالدىرايسىلەر؟ مەن سىلەرنى چوقۇم ئەڭ ئېسىل تاماققا تەكلىپ قىلىمەن، ئۇ سىلەرنىڭ ياۋا توشقان گۆشى ۋە قىرغاۋۇل گۆشىڭلاردىن كۆپ ياخشى، - دەپتۇ قېرى ئېيىق.
سەن بىزنى زادى قانداق ياخشى تاماققا تەكلىپ قىلىسەن؟ - دەپ سوراپتۇ قېرى بۆرە.
- ۋاقتى كەلگەندە بىلىسىلەر، - دەپتۇ قېرى ئېيىق سىرلىق قىلىپ.
يەنە بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، قېرى ئېيىق تۈلكە بىلەن قېرى بۆرىنى تېپىپ ھىجايغان ھالدا:
- بۇرادەرلەر، ئەمدى مەن بىلەن بىللە بېرىپ ئېسىل تاماق يېگەيسىزلەر! - دەپتۇ.
قېرى بۆرە بىلەن تۈلكە سوراپتۇ:
- ئۇ زادى قانداق ئېسىل تاماق؟
- قېرى ئېيىق ئاغزىنىڭ چۆرىسىدىكى سېرىق سۇلارنى يالاپ قويۇپ:
- لايخورەك بالىسى گۆشى، - دەپتۇ.
لايخورەك بىر خىل قۇش بولۇپ، ئۇنىڭ گۆشى قىرغاۋۇلنىڭ گۆشىدىنمۇ مەززىلىك ھەم يۇمشاق - دە!
تۈلكە لايخورەك بالىسىنىڭ گۆشىنى يەيدىغانلىقىنى ئاڭلاپ خۇشال بولۇپ چاۋاڭ چېلىپ كېتىپتۇ. بىراق سەل ئويلانغاندىن كېيىن:
-  قېرى ئېيىق، لايخورەك ئۇچالايدىغان تۇرسا، سەن ئۇنى قانداق تۇتىسەن؟ - دەپتۇ.
قېرى بۆرىمۇ گەپ قىستۇرۇپ:
- توغرا، قېرى ئېيىق! سېنىڭ قانىتىڭ يوق جۇمۇ! - دەپتۇ.
قېرى ئېيىق تولۇق ئىشەنچ بىلەن:
- مەن لايخورەك بالىسى دىدىممۇ؟ بولدى. مەن بىر چوڭ دەرەختىكى ئۇۋىدا ئەمدىلا تۈك چىقارغان لايخورەك بالىلىرىنى كۆردۈم، ئۇلار تېخى ئۇچۇشنى بىلمەيدۇ! - دەپتۇ.
تۈلكە بۇ گەپنى ئاڭلاپ يەنە خۇش بولۇشقا باشلاپتۇ. ئۇ سەكرەپ ئويناقشىپ تۇرۇپ:
- سېمىز لايخورەك بالىسىنىڭ گۆشى چوقۇم بەك تەملىك! - دەپتۇ.
قېرى بۆرە ئاغزىنى يوغان ئېچىپ:
- مەن بىر قېتىمدا ئىككىنى يەۋېتەلەيمەن! - دەپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن قېرى ئېيىق تۈلكە بىلەن قېرى بۆرىنى بىر چوڭ دەرەخنىڭ ئاستىغا باشلاپ كەپتۇ.
دەرەختە بالىلىرىغا دان بېرىۋاتقان لايخورەك ئانا دەرەخ ئاستىغا ئۈچ ئەبلەخنىڭ كەلگىنىنى كۆرۈپ، جىددىيلىشىپ كېتىپتۇ.
قېرى ئېيىق كۆرەڭلىگەن ھالدا:
- قېرى لايخورەك، ياخشىمۇ سەن؟ گەرچە مەن سېنى تۇتالمىساممۇ، بىراق بالىلىرىڭ ئۇچالمايدۇ، بىز ئۈچىمىز بالىلىرىڭنى راسا بىر مەززە قىلىپ يەۋالايلى! - دەپتۇ.
لايخورەك ئانا سەل ئويلانغاندىن كېيىن:
- قېرى ئېيىق، سەل كۈتۈپ تۇر، مەن  بالىلىرىمغا دان بېرىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن يەڭلار، بولامدۇ؟ - دەپتۇ.
قېرى ئېيىق دەرھال ماقۇل بولۇپ:
- بولىدۇ، بەرىبىر سېنىڭ بالىلىرىڭ قاچالمايدۇ، - دەپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۈچ خۇمپەر دەرەخ ئاستىدا ئېغىزلىرىنى تامچىتىپ كۈتۈپ تۇرۇپتۇ.
ئازراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، لايخورەك ئانا:
- قېرى ئېيىق، ئەمدى چىقساڭ بولىدۇ! - دەپتۇ.
قېرى ئېيىق بۇ گەپنى ئاڭلاپ، خۇشاللانغان ھالدا پۇشۇلدىغىنىچە دەرەخكە يامىشىشقا باشلاپتۇ. ئۇ قۇشنىڭ ئۇۋىسى يېنىغا كېلىپ قاراپ، چۆچۈپ كېتىپتۇ! ئەسلى ئۇۋا ئىچىدە بىرمۇ لايخورەك قالمىغانىكەن.
بۇ قېرى ئېيىق بېشىنى كۆتۈرۈپ، لايخورەك ئانىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر بالىسىنى پۇتىغا قىسىپ، ناھايىتى ئېگىز ئۇچۇپ كېتىۋاتقىنىنى كۆرۈپتۇ.
لايخورەك ئانا كۈلۈپ تۇرۇپ:
- ئەخمەق ئېيىق، سەن بىز لايخورەكلەرنىڭ بالىمىزنى ئېلىپ ئۇچالايدىغىنىمىزنى بىلمەمسەن؟ سىلەر مېنى كۈتۈپ تۇرغان چاغدا، مەن بالىلىرىمنى بىخەتەر جايغا بىر - بىرلەپ يۆتكەپ بولغانمەن! خەير - خۇش، سۆيۈملۈك ئەخمەق ئېيىق! - دەپتۇ.
بىلقۇت مۇنبىرى كەڭ تورداشلارنىڭ ياخشى تاللىشى بولغۇسى!!!!!!
Posted: 2008-10-19 10:11 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
BilqutBBS » بالىلار ھېكايىسى


ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىزدە ۋەمۇنبىرىمىزدە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن - سىياسەت پەرمانلىرىغا خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ.
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكترىدىكى ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . تور پونكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ . ئۆز تور مەدەنىيتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە توسالغۇسىز ئىلگىرلىشى ئۈچۈن بۇ مۇنبەرنى ئۆز كۆز قارچۇقىڭىزدەك ئاسرىشىڭىزنىئۈمىد قىلىمىز.
كېيىنكى پۇشايمان ، ئۆزۈڭگە دۈشمەن . مىللەتنىسۆيگۈچىلەر ئۆز نەرسىسىنى قەدىرلەيدۇ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق بىلەن ئۆتشىنى تىلەيمىز !

   
Total 0.068327(s) query 3, Time now is:10-23 02:17, Gzip disabled


Uyghur Version Powered by Sazgur & RaZiMan Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation