بېلىق يىللىقلارنىڭ كەسپى شىرىك تاللىشى BilqutBBS - powered by phpwind.net

  باش بىكەت   |  ئاۋازلىق ئەسەر | خەزىنە  |  مۇنبەر  |  كۈتۈپخانا  |  كىنو  |  MTV  |  ناخشا  |  ئويۇن  | ئېتوت 



نۆۋەتتىكى تېما : بېلىق يىللىقلارنىڭ كەسپى شىرىك تاللىشى تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 18ـ كۆرۈرمىنى
UyMuglaN

دەرىجىسى : باش ۋەزىر


نادىر يازمىلار : 52
يوللىغان تېما : 4312
شۆھرىتى: 4410 نومۇر
پۇلى: 7713 RMB
تۆھپە: 50 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-03-12
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-23

 بېلىق يىللىقلارنىڭ كەسپى شىرىك تاللىشى



>ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە، ھايۋاننىڭ ئالىسى تېشىدا< دېگەندەك ئادەم ھەقىقەتەنمۇ چۈشىنىش ئەڭ تەس مەخلۇق. بولۇپمۇ بۈگۈنكى جەمئىيەتتە،

نام - مەنپەئەت قوغلىشىش ئىدىيىسى ھەممىلا ئادەمگە مەۋجۇت. شۇڭا كەسپىي شېرىك تاللاشتا دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك. سودا - تىجارەت قاتارلىق

تاللاشتا دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك. سودا - تىجارەت قاتارلىق پۇل - مال بىلەن بىۋاستە ئالاقىدار ئىشلاردا شېرىك تاللىغا ۋاقىتتا، كۆڭۈلسىز

ئىشلارنىڭ تۇغۇلۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، تېخىمۇ ئېھتىيات قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. تۇرمۇشتا باشتا ھەمشېرىكلەردىن بولۇپ، كېيىن

ئەشەددىي رەقىبلەرگە ئايلىنىپ كېتىدىغان ئىشلار ناھايىتى تولا. كىشىلەر ھەمىشە: مۇشۇنداق بولارىنى بالدۇرراق بىلگەن بولسام، باشتىلا ئۇنداق

قىلىپ يۈرمەس ئىكەنمەن، دەپ ھەسرەت چېكىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە، سىز بۇنداق ئىشلارنىڭ تامامەن ئالدىنى ئالالايسىز.
12 مۈچەل ئارقىلىق بىر ئادەمنىڭ ئاساسىي مىجەز - خاراكتېرىنى بىلىۋالغىلى بولغاچقا بۇ جەھەتلەرگە دىققەت قىلىپ قويسىڭىز سىزگە زىيىنى

يوق. مۈچەللەرنىڭ ماسلىق مۇناسىۋىتىدىن مەلۇم ئاساسقا ئىگە بولالايسىز. مۇۋاپىق تاپسىڭىز قوبۇل قىلىسىز، مۇۋاپىق تاپمىسىڭىز رەت

قىلىسز. ئىش شۇنچىلىك ئاددىي.
△ بېلىق يىللىقلار بىلەن چاشقان يىللىقلار -كۆڭۈلدىكىدەك ھەمكارلىشىپ ئۆتەلەيدۇ، ئەمما بېلىق يىللىقلار ئەقىل كۆرسەتكەن ئەھۋالدىلا

ئىشىنى روناق تاپقۇزالايدۇ.
△ بېلىق يىللىقلار بىلەن كالا يىللىقلار - زادى ئەپلىك ھەمكارلىشالمايدۇ. كالا يىللىقلار ھامان يول كۆرسىتىمەن دەپ بېلىق يىللىقلار بىلەن

بەس تالىشىپ، قىلچە يول قويۇشنى خالىمايدۇ، ئاخىر بېرىپ ھەمكارلىشىشقا ئورۇن قالدۇرمايدۇ. مۇبادا ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنىڭ پىكرىگە

ھۆرمەت قىلىپ مۇۋاپىق تۈردە يول قويۇشىدىغان بولسا، ھەمكارلىشىپ كېتەلەيدۇ.
△ بېلىق يىللىقلار بىلەن يولۋاس يىللىقلار - ئەڭ ياخشى شېرىكلەردۇر، ئۇلارنىڭ تالانتى بىر - بىرىگە شۆھرەت قوشىدۇ.
△ بېلىق يىللىقلار بىلەن توشقان يىللىقلار - ئىنتايىن چىقىشىپ ھەمكارلىشالايدۇ، توشقان يىللىقلار بېلىق يىللىقلارنىڭ قارار چىقىرىشىغا

يول قويىدۇ، ئەينى زاماندا يەنە بېلىق يىللىقلارغا نۇرغۇن ئەقىلگە مۇۋاپىق تەكلىپ بېرىپ، بېلىق يىللىقلارنىڭ ئوبدان مەسىھەتچىسى بولۇپ

قالىدۇ.
△ بېلىق يىللىقلار بىلەن بېلىق يىللىقلار - ئەڭ ياخشىسى ھەمكارلاشمىغىنى تۈزۈك، ھەر ئىككى تەرەپ ھاكاۋۋۇر بولغاچقا، بىللە بولسا ھوقۇق ۋە

مەنپەئەت تالىشىشتىن باشقىنى بىلمەيدۇ.
△ بېلىق يىللىقلار بىلەن يىلان يىللىقلار - ھەمكارلىشالايدۇ، ئەمما يىلان يىللىقلار ئۆز ئاكتىپلىقىنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇشى، ھەممىلا ئىشنى

بېلىق يىللىقلارغا ئىتتىرىپ قويماسلىقى لازىم، ئۇنداق قىلمايدىغان بولسا، بېلىق يىللىقلارنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويىدۇ.
△ بېلىق يىللىقلار بىلەن ئات يىللىقلار - ئۇششاق ئىشلاردا قىسقا ۋاقىت ھەمكارلىشالايدۇ، ۋاقىت ئۇزىراپ كەتسە ئوڭۇشسىزلىق يۈز بېرىشى

مۇمكىن.
△ بېلىق يىللىقلار بىلەن قوي يىللىقلار - ھەمكارلىشالايدۇ، ئەمما ھەممىلا ساھەدە ئەمەس، ئومۇمەن ئېيتقاندا، بەزىبىر سەنئەت ئىشلىرىدا

مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىشى مۇمكىن، لېكىن ئىش تەقسىماتى ئايدىڭ بولۇشى كېرەك، بولۇپمۇ باشقۇرغۇچى، كىنو ئىشلىگۈچى دېگەندەك ۋەزىپىلەرنى

ئەڭ ياخشىسى بېلىق يىللىقلار ئۈستىگە ئالغىنى تۈزۈك.
△ بېلىق يىللىقلار بىلەن مايمۇن يىللىقلار - ئەڭ ئوبدان ھەمكارلىشىدۇ، ئىككى تەرەپ ئۆز ئارا ياردەملىشىپ بىر - بىرىنى تولۇقلايدىغان بولسا،

مەڭگۈ مەغلۇب بولمايدۇ.
△ بېلىق يىللىقلار بىلەن توخۇ يىللىقلار - ھەمكارلىشالايدۇ، ئەمما بېىلق يىللىقلار باشقۇرغۇچى بولۇشى شەرت، توخۇ يىللىقلار سىرتتا بەزى

كۆرۈنەرلىك ئىشلارنى قىلىشقا بەكرەك مۇۋاپىق.
△ بېلىق يىللىقلار بىلەن ئىت يىللىقلار - زادى ھەمكارلىشالمايدۇ، ئىت يىللىقلار ھەممىلا ئىشتا بېلىق يىللىقلارنىڭ كۆڭلىدىكىنى

بىلىۋالىدۇ، بېلىق يىللىقلار زادى چىقىشالمايدىغان تۇيغۇغا كېلىدۇ.
△ بېلىق يىللىقلار بىلەن توڭگۇز يىللىقلار - توڭگۇز يىللىقلار سەل كەمتەر بولالىسا، ناھايىت ئۈنۈملۈك ھەمكارلىشالايدۇ."
بىلقۇت مۇنبىرى كەڭ تورداشلارنىڭ ياخشى تاللىشى بولغۇسى!!!!!!
Posted: 2008-10-18 10:58 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
BilqutBBS » مۆچەل


ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىزدە ۋەمۇنبىرىمىزدە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن - سىياسەت پەرمانلىرىغا خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ.
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكترىدىكى ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . تور پونكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ . ئۆز تور مەدەنىيتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە توسالغۇسىز ئىلگىرلىشى ئۈچۈن بۇ مۇنبەرنى ئۆز كۆز قارچۇقىڭىزدەك ئاسرىشىڭىزنىئۈمىد قىلىمىز.
كېيىنكى پۇشايمان ، ئۆزۈڭگە دۈشمەن . مىللەتنىسۆيگۈچىلەر ئۆز نەرسىسىنى قەدىرلەيدۇ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق بىلەن ئۆتشىنى تىلەيمىز !

   
Total 0.072270(s) query 3, Time now is:10-23 02:16, Gzip disabled


Uyghur Version Powered by Sazgur & RaZiMan Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation