تاشپاقا بىلەن ئۆردەك BilqutBBS - powered by phpwind.net

  باش بىكەت   |  ئاۋازلىق ئەسەر | خەزىنە  |  مۇنبەر  |  كۈتۈپخانا  |  كىنو  |  MTV  |  ناخشا  |  ئويۇن  | ئېتوت 



نۆۋەتتىكى تېما : تاشپاقا بىلەن ئۆردەك تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 15ـ كۆرۈرمىنى
UyMuglaN

دەرىجىسى : باش ۋەزىر


نادىر يازمىلار : 52
يوللىغان تېما : 4312
شۆھرىتى: 4410 نومۇر
پۇلى: 7713 RMB
تۆھپە: 50 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-03-12
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-23

 تاشپاقا بىلەن ئۆردەك


تاشپاقا بىلەن ئۆردەك دوست بوپتۇ.
  ئۇلار بىر كۈنى يېگىلى ئوزۇق ئىزدەپ كېتىۋاتقاندا، كىشىلەر يەپ تاشلىۋەتكەن ئىككى دانە ئالما شۈپۈكى تاشپاقىنىڭ كۆزىگە چېلىقىپتۇ.
  - يېگىلى نەرسە تېپىلدى! - يىگىلى نەرسە تېپىلدى! - خۇشاللىقىنى باسالماي ئالما شۆپۈكلىرىنى يەردىن ئېلىپ، ئۆردەككە كۆرسىتىپتۇ تاشپاقا.
  ئۆردەك ئۇنى قولىغا ئېلىپ، كۆڭلىگە بىر يامانلىقنى كەلتۈرۈپتۇ - دە، شۆپۈكنى تاشپاقىغا قايتۇرۇپ بېرىپ:
  - ئاغىنە، بۇ شۆپۈكلەرنى بىردىن يېسەك ياكى سەن تويمايسەن، ياكى مەن. ئۇنىڭدىن كۆرە، ئىككىمىز مۇسابىقىلەشسەك، قايسىمىز ئۇتۇپ چىقساق، ئۇلارنى شۇ يېسە قانداق؟ - دەپتۇ.
  - قانداق مۇسابىقىلىشىمىز؟
  - ھەر ئىككىمىز بۇ شۆپۈكلەرنى بىردىن چىشلەپ دەريادىن ئۆتەيلى، قايسىمىز قىرغاققا بالدۇر چىقساق، ئۇنى شۇ يېسۇن، - دەپتۇ ئۆردەك تاشپاقىغا.
  تاشپاقا بىر ئاز تۇرۇپ قاپتۇ - دە، ئۆردەكنىڭ كۆڭلىنى ئىزدەپ، مۇسابىقە قىلىشقا قوشۇلۇپتۇ.
  ئىككىيلەن دەريا بويىغا كەپتۇ. ئۇلار بىردىن ئالما شۆپۈكىنى چىشلەپ، سۇغا كىرىپتۇ - دە، يانمۇيان تۇرۇپ، مۇسابىقىنى باشلىۋېتىپتۇ.
  ئۆردەك كەڭ، چوڭقۇر دەريادا بەھۇزۇر ئۈزۈپ، ھەش - پەش دېگۈچە تاشپاقىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىپتۇ. تاشپاقا ئۆزىنىڭ كەينىدە قالغانلىقىنى كۆرۈپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۆردەككە يېتىشىۋېلىش ئۈچۈن تىرىشىپتۇ.
  ئۆردەك قارشى قىرغاققا يېقىنلىشاي دەپ قاپتۇ. ئۇ تاشپاقىنىڭ قانچىلىك كەينىدە قالغانلىقىنى كۆرۈش ئۈچۈن كەينىگە قاراپتۇ - دە، تاشپاقىنىڭ دەريانىڭ ئوتتۇرىسىغىمۇ كەلمىگەنلىكىنى كۆرۈپ: مېنىڭ سۈرئىتىم نېمىدېگەن تېز، مېنىڭ قاناتلىرىم نېمىدېگەن ياخشى!؟ - دېگەندەك قىلىپ، كۆرەڭلەپ ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا >غاق!< قىلىپتىكەن، شۆپۈك ئاغزىدىن چۈشۈپ ئېقىپ كېتىپتۇ. ئۆردەك شۆپۈكنىڭ كەينىدىن قوغلاپ، ئۇنى تۇتقۇچە تاشپاقا قىرغاققا چىقىپ بوپتۇ.
  كۆرەڭ ئۆردەك مۇسابىقىدە يېڭىلىپ، ئالما شۆپۈكلىرىنى تاشپاقىغا بېرىشكە مەجبۇر بوپتۇ.
بىلقۇت مۇنبىرى كەڭ تورداشلارنىڭ ياخشى تاللىشى بولغۇسى!!!!!!
Posted: 2008-10-18 10:45 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
BilqutBBS » مەسەللەر


ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىزدە ۋەمۇنبىرىمىزدە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن - سىياسەت پەرمانلىرىغا خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ.
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكترىدىكى ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . تور پونكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ . ئۆز تور مەدەنىيتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە توسالغۇسىز ئىلگىرلىشى ئۈچۈن بۇ مۇنبەرنى ئۆز كۆز قارچۇقىڭىزدەك ئاسرىشىڭىزنىئۈمىد قىلىمىز.
كېيىنكى پۇشايمان ، ئۆزۈڭگە دۈشمەن . مىللەتنىسۆيگۈچىلەر ئۆز نەرسىسىنى قەدىرلەيدۇ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق بىلەن ئۆتشىنى تىلەيمىز !

   
Total 0.070519(s) query 3, Time now is:10-23 02:15, Gzip disabled


Uyghur Version Powered by Sazgur & RaZiMan Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation