قايتۇرۇپ بەرمىسىمۇ بولىدىغان ئوخشايدۇ، دەپتىمەن BilqutBBS - powered by phpwind.net

  باش بىكەت   |  ئاۋازلىق ئەسەر | خەزىنە  |  مۇنبەر  |  كۈتۈپخانا  |  كىنو  |  MTV  |  ناخشا  |  ئويۇن  | ئېتوت 



نۆۋەتتىكى تېما : قايتۇرۇپ بەرمىسىمۇ بولىدىغان ئوخشايدۇ، دەپتىمەن تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 23ـ كۆرۈرمىنى
UyMuglaN

دەرىجىسى : باش ۋەزىر


نادىر يازمىلار : 52
يوللىغان تېما : 4312
شۆھرىتى: 4410 نومۇر
پۇلى: 7713 RMB
تۆھپە: 50 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-03-12
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-23

 قايتۇرۇپ بەرمىسىمۇ بولىدىغان ئوخشايدۇ، دەپتىمەن


ئەپەندىمنىڭ ئەخلاقسىز ئاغىنىسى بولۇپ، پۇرسەت تاپسىلا خەقلەرنىڭ پۇل - پۇچەكلىرىنى سوراپ - سورىماي ئېلىۋالىدىكەن، ئەمما سورىمىغۇچە قايتۇرۇپ بەرمەيدىكەن. بىر كۈنى ھېلىقى ئاغىنىسى ئەپەندىمنى كۆرۈپلا:
- ئاداش، پۇل بولسا ئون سوم بېرىپ تۇرغان بولساڭلار، ئەتىلا بېرىۋېتىمەن، - دەپتۇ.
ئەپەندىم بولىدۇ، دەپ 10 سوم بېرىپتۇ. بىراق، ئون نەچچە كۈن ئۆتۈپ كېتىپتۇ، بەرمەپتۇ. مۇنداق ئىش بىرقانچە قېتىم يۈز بەرگەن بولىسمۇ، ئەپەندىم پۇللىرىنى زادىلا قايتۇرۇپ ئالالماپتۇ. بۇ ئىشلارغا ئاچچىقى كېلىپ يۈرگەن ئەپەندىم بىر كۈنى تۇيۇقسىزلا ھېلىقى ئاغىنىسىنى ئۇچرىتىپ قاپتۇ ۋە ئۇنىڭدىن:
- ئاداش، جىددىي پۇل كېرەك بولۇپ قالغان، پۇل بوسا 100 سوم بېرىپ تۇرغان بولساڭلار، - دەپتۇ.
ھېلىقى ئاغىنىسى ئامال يوق 100 سوم پۇلنى ئەپەندىمگە بېرىپ:
- تېزرەك قايتۇرۇۋېتەرسىلەر، - دەپتۇ ئەپەندىمگە تاپىلاپ.
ئەپەندىم بولىدۇ دەپ قويۇپ، ئىككى ئايغىچە قايتۇرماپتۇ. بۇنىڭغا تىتىلداپ ئاچچىقى كەلگەن ئاغىنىسى بىر كۈنى يولدا كېتىپ بارغان ئەپەندىمنىڭ ئالدىنى توسۇپ:
- ئەپەندىم، پۇلنى ئىككى - ئۈچ كۈن ئىچىدىلا قايتۇرۇۋېتىمەن، دەۋاتقانتىڭلار، ئىككى ئاي ئۆتۈپ كەتتى، لېۋىڭلارغا سۈرتۈپمۇ قويماسىلەرغۇ!؟ - دەپتۇ
- شۇنداقمىتى، - دەپتۇ ئەپەندىم ئاغىنىسىنىڭ سۆزىنى چۈشەنمىگەندەك قىلىپ، - خاپا بولماڭلار ئاداش، مەن تېخى سوراپ ئېلىۋالغان پۇللارنى قايتۇرمىسىمۇ بولىدىغان ئوخشايدۇ، دەپتىمەن.
ئاغىنىسى ئىزا تارتقىنىدىن نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي قاپتۇ.
awazlik
بىلقۇت مۇنبىرى كەڭ تورداشلارنىڭ ياخشى تاللىشى بولغۇسى!!!!!!
Posted: 2008-10-18 10:44 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
BilqutBBS » لەتىپە-يۇمۇرلار


ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىزدە ۋەمۇنبىرىمىزدە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن - سىياسەت پەرمانلىرىغا خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ.
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكترىدىكى ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . تور پونكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ . ئۆز تور مەدەنىيتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە توسالغۇسىز ئىلگىرلىشى ئۈچۈن بۇ مۇنبەرنى ئۆز كۆز قارچۇقىڭىزدەك ئاسرىشىڭىزنىئۈمىد قىلىمىز.
كېيىنكى پۇشايمان ، ئۆزۈڭگە دۈشمەن . مىللەتنىسۆيگۈچىلەر ئۆز نەرسىسىنى قەدىرلەيدۇ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق بىلەن ئۆتشىنى تىلەيمىز !

   
Total 0.071514(s) query 3, Time now is:10-23 02:15, Gzip disabled


Uyghur Version Powered by Sazgur & RaZiMan Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation