چۆلتۈمەن BilqutBBS - powered by phpwind.net

  باش بىكەت   |  ئاۋازلىق ئەسەر | خەزىنە  |  مۇنبەر  |  كۈتۈپخانا  |  كىنو  |  MTV  |  ناخشا  |  ئويۇن  | ئېتوت 



نۆۋەتتىكى تېما : چۆلتۈمەن تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 12ـ كۆرۈرمىنى
UyMuglaN

دەرىجىسى : باش ۋەزىر


نادىر يازمىلار : 52
يوللىغان تېما : 4312
شۆھرىتى: 4410 نومۇر
پۇلى: 7713 RMB
تۆھپە: 50 نومۇر
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-03-12
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-10-23

 چۆلتۈمەن


چۆلتۈمەن قەشقەر كوناشەھەر ناھىيە سايۋاغ يېزىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان. چۆلتۈمەن دېگەن نام  «چىل تۈمەن» سۆزىدىن كېلىپ چىققان.
  چىڭگىزخان ئىستىلاسىدىن بۇرۇن قەشقەرنى ساقلاۋاتقان ھەربىي باشلىق ئىمىر ئىسىملىك پالۋان ئىكەن. چىڭگىزخان ئەسكەرلىرى قەشقەرنى بېسىۋالغاندا ئىمىر قىرىق مىڭ ئەسكىرىنى ئېلىپ چېكىنىپ توققۇزاققا چىقىپ سايۋاغ يېزىسىنىڭ دەرياغا يېقىن دەرەخزارلىق، ئەتراپى كەڭ كەتكەن، تۈز ۋە ئوتلاقلىرى بار جايغا چۈشۈپ ئورۇنلىشىپتۇ. بۇنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئاتالمىسى  بىلەن «چىل تۈمەن ئەسكەر»دەپ ئاتاپتۇ.
  چىل - تۆت دېگەن مەنىدە. تۈمەن - ئون مىڭ دېگەننى بىلدۈرىدىكەن.  «چىل تۈمەن» قىرىق مىڭ دېگەن سۆز. چىڭگىزخان ئەسكەرلىرى بۇلارنى قوغلاپ چىققاندا بۇ جايدا شىددەتلىك جەڭ بولغانىكەن. قىرىق كېچە - كۈندۈز جەڭ بولۇپ، ئىمىر ئۆلۈپ شۇ جايغا دەپنە قىلىنىپتۇ.  بۇ مازارنى قىرىق مىڭ ئەسكەرنىڭ سەردارى «چىل تۈمەن مازار غوجام»دەپ ئاتاپتۇ. قىرىق مىڭ ئەسكەرنىڭ نۇرغۇنلىرى ئۆلۈپ بىر قىسمى ئەسىرگە چۈشۈپتۇ. ئۆلگەنلەرنى نە ئۇدۇل كەلسە شۇ جايغا كۆمۈپتۇ. ھازىر كولىغان جايدىن جەسەت سۆڭەكلىرى چىقىدۇ. بۇ ۋەقە ھەققىدە يېزىپ قالدۇرۇرۇلغان تەزكىرە بار ئىكەن، لېكىن ھازىرغىچە تېپىلمىدى. موڭغۇللار ئەسىرلەرنى بۇ جايدا ئۆستەڭ چاپتۇرۇپ بىنەم ئېچىپ دېھقانچىلىق قىلدۇرغانىكەن. شۇلار چاپقان ئۆستەڭ ھازىرمۇ «قالماق ئۆستەڭ» دەپ ئاتىلىدۇ. شۇ كىشىنىڭ ۋە ۋەقەنىڭ نامى يۈزىسىدىن «چىل تۈمەن»  دەپ يەرنامى تەرىقىسىدىمۇ ئاتىلىدۇ. يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن «چىل تۈمەن»، «چۆلتۈمەن» دەپ ئاتىلىدىغان بوپتۇ. ئازادلىقتىن كېيىن «گۈلچىمەن »دەپ ئاتىلىدىغان بولدى.
 
بىلقۇت مۇنبىرى كەڭ تورداشلارنىڭ ياخشى تاللىشى بولغۇسى!!!!!!
Posted: 2008-10-18 10:42 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
BilqutBBS » رېۋايەتلەر


ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىزدە ۋەمۇنبىرىمىزدە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن - سىياسەت پەرمانلىرىغا خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ.
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خاراكترىدىكى ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . تور پونكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ . ئۆز تور مەدەنىيتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە توسالغۇسىز ئىلگىرلىشى ئۈچۈن بۇ مۇنبەرنى ئۆز كۆز قارچۇقىڭىزدەك ئاسرىشىڭىزنىئۈمىد قىلىمىز.
كېيىنكى پۇشايمان ، ئۆزۈڭگە دۈشمەن . مىللەتنىسۆيگۈچىلەر ئۆز نەرسىسىنى قەدىرلەيدۇ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق بىلەن ئۆتشىنى تىلەيمىز !

   
Total 0.071670(s) query 3, Time now is:10-23 02:15, Gzip disabled


Uyghur Version Powered by Sazgur & RaZiMan Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation