ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوسلار ... مەن يېقىندا مۇنداق بىر قىيىن مەسىلىگە دۇچ كەلدىم . بولسا قېرىنداشلار ھەمكارلىشىپ بىرلىكتە مۇ مەسىلىنى ئەڭ توغرا ھەل قىلساق دىگەن ئۈمىدتە مانا بۇ سورۇنغا تاشلىدىم ، قېنى قولۇڭلاردىن كىلىشىچە ياردەم قىلساڭلار .... بۇ مەن ، سەن ھەم ئۇ ئۈچۈن ئەمەس بەلكى پۈتكۈل ئۇيغۇر جۈملىدىن بارلىق مۇسۇلمانلارغا مۇناسىۋەتلىك .
مەن يېقىندا بازار ئارلاپ خېلى مەھسۇلاتلارنى كۆرۈپ باقتىم . بولۇپمۇ مىتال قۇتۇلىق ئىچىملىكلەر ....
بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تەركىۋىدە 肌醇 بار ئىكەن . بۇ ئىنگىلىزچىدا ئىنوزىتول دىيىلىدىكەن . بۇ مۇسۇلمانلار ئىستىمال قىلىشقا بولىدىغان نەرسىمۇ ياكى بولمايدىغان نەرسىمۇ ؟ ئۇ زادى ھالالمۇ ياكى ھاراممۇ ؟ بەزىلەر ئۈسۈملۈكلەرنىڭ تىرىسى بىلەن غولى ئارىسىدىكى بىر خىل ماددا دەيدۇ ..... سىلەر مۇشۇ توغرىدا بىلىدىغانلىرىڭلارنى ۋە كۆز قارشىڭلارنى دەپ باقساڭلار ... مۇسۇلمانلارنىڭ ئىچىملىكلىرىنىڭ ساپلىقى ئۈچۈن قىلغان بۇ ئەجرىڭلارغا ئاللاھ ئىگەم كاتتا مۇكاپاتلارنى بەرگەي ....... |