[تەرجىمە فىلىم] كىچىك ئاياغ - {default} - {default}

[تەرجىمە فىلىم] كىچىك ئاياغ
ئاپتۇرى :  kulke   كۆرۈلىشى :  1845   يوللانغان ۋاقتى :  2008/5/1 18:54  【بىلقۇت باغچىسدىن كۆرۈش 】


فىلىم ئىسمى: Bacheha-Ye aseman
ئىنگلىزچە: The Children of Heaven
ئۇيغۇرچە: كىچىك ئاياغ
ئىشلەنگەن ۋاقتى: 1997 - يىلى
دۆلىتى: ئىران
ژانىرى: ۋەقەلىك
تىلى: پارسچە
يېزىقى: ئۇيغۇرچە
رازمېرى: 704x432
ئۇلىنىش: http://www.imdb.com/title/tt0118849/
نەتىجىسى: 7.9 (3735 ئاۋاز)
ئۇزۇنلۇقى: 87 مىنوت
سىغىمى: 363mb
رېژىسسور: مەجىد مەجىدى
روللاردا:
ئەمىر فەرۇخ ھەشىمەن ... ئەلى
باھارە سەدىقى ... زۆھرە
دارىئۇش مۇختەرى ... ئەلىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى
مۇھەممەد ھەسەن ... رويانىڭ ئاتىسى
مۇھەممەد ئەمىر نەجى ... ئەلىنىڭ ئاتىسى
كەسمىسى:





قىسقىچە مەزمۇنى:
فىلىمدىكى باش پېرسۇناژ ئەلى نامرات بىر ئائىلىنىڭ پەرزەنتى بولۇپ، سىڭلىسىنىڭ ئايىقىنى ياماتقىلى ئېلىپ بېرىش جەريانىدا يوقىتىپ قويىدۇ. ئۇ دادىسىنىڭ يېڭى ئاياق ئېلىپ بېرىشكە قۇربىتى يەتمەيدىغانلىقىنى بىلگەچكە، سىڭلىسىدىن ئۆزىنىڭ كونا ئايىقىنى نۆۋەتلىشىپ مەكتەپكە كىيىپ بېرىشنى ئۆتۈنىدۇ. كېيىن ئۇ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، مۇسابىقىدە 3- بولغاندا بىر جۈپ يېڭى ئاياق مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقىنى ئۇقۇپ، ئامال قىلىپ مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ ۋە 3- بولۇشنى ئويلىغان بولسىمۇ، ئويلىمىغان يەردىن 1- بولۇپ قالىدۇ.
بۇ فىلىمدە ئادەتتىكىچە بىر ھېكايە ئارقىلىق بالىلار دۇنياسىدىكى ساپ مېھرى مۇھەببەتنى ناھايىتى جانلىق ۋە ئوبرازلىق سۈرەتلەپ بەرگەن. رېژىسسورنىڭ بەدىئىي ماھارىتى يۇقىرى، فىلىمنىڭ ئىنچىكە تەپسىلاتلىرى قىزىقارلىق بولۇپ، بولۇپمۇ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىنىڭ ئاخىرىسىدىكى ھاياجانلىق دەقىقىلەر ئادەمنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىدۇ.
ئىران رېژىسسورى مەجىدنىڭ «كىچىك ئاياغ» دېگەن بۇ ۋەكىل خاراكتېرلىق ئەسىرى، بالىلار فىلىملىرىنىڭ يۇقۇرى سەۋىيىسىنى نامايەن قىلغان بولۇپ، ئاتا - ئانىلار ۋە پەرزەنتلەرنىڭ بىللە ئولتۇرۇپ كۆرۈشىگە تولىمۇ ماس كېلىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭدا قېرىنداشلىق مېھرى - مۇھەببەتنىڭ ناھايىتى قىممەتلىك ئىكەنلىكى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

[url=Thunder://QUFodHRwOi8vMjIyLjgwMTg0LjE2L1V5Z2h1cmNoZS9LaWNoaWsuQXlhZ2gxLnJtWlo=]چۈشۈرۈش [/url]


بۇ يەردىن كۆرۈڭ

كۆپ كۆرۈلگەن تېمىلار  
ئاۋات تېمىلار  
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېغون : 09912552897
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى

بىكەت باشلىقى ، لايىھىلىگۈچى :

رازىمەن ( ئابلىمىتجان )Raziman Email: RaZiMan@188.com

( بىــلـــــقــۇت)Bilqut

Email:imamjan3@163.com
باشقۇرغۇچىلار : لۇتپۇللا (Bilqut_L) مەردان : (Koysoyar)
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备07002316
Powered by DiY-Page 5.3.0 © 2005-2008