سۇڭپىياز بۇ گۈلسامساق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 20 ~ 50 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ يوپۇرمىقى يۇمىلاق كاناي شەكلىدە بولۇپ، ئوتتۇرىسى كاۋاك كېلىدۇ. تەڭگىچە غولى يۇمىلاق ھەم تۈۋرۈك شەكلىدە بولۇپ، گۈلى كىچىك ئېچىلىدۇ، ئۇرۇقى قارا. ئوزۇقلۇق تەركىبى: ھەر 100 گرام سۇڭپىياز تەركىبىدە بىر گرام ئاقسىل، 3.0 گرام ياغ، ئالتە گرام قەنت، 2.1 گرام كالتسىي، 6.4 مىللىگرام فوسفور، 6.0 مىللىگرام تۆمۈر، 2.1 مىللىگرام كاروتىن، 8.0 مىللىگرام ۋىتامىن B1، 5.0 مىللىگرام ۋىتامىن PP، 4.1 مىللىگرام ۋىتامىن C بار. تەبىئىتى: ھۆل ئىسسىق. شىپالىق رولى: باھ ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋەتلەش، مىكروب ئۆلتۈرۈش، قان بېسىمنى چۈشۈرۈش. ئىشلىتىش ئۇسۇلى: 15 گرام سۇڭپىيازنى 15 گرام خام زەنجىۋىل، ئۈچ گرام تۇز بىلەن قوشۇپ، قول ياغلىق ياكى پاكىز داكىغا ئوراپ ئەزگەندىن كېيىن مەيدە، تارغاق، پۇت - قولنىڭ ئالىقىنى، تىز، جەينەك ئويمىنى قاتارلىق جايلارغا تەخمىنەن يېرىم سائەت ئەتراپىدا توختىماي سۈركەپ بەرسە، سوزۇلما خاراكتېرلىك زۇكامغا مەنپەئەت قىلىدۇ. بىر باش سۇڭپىيازنىڭ ئېزىپ چىقىرىلغان سۈيىگە 30 گرام كۈنجۈت يېغى ئارىلاشتۇرۇپ، ئاچ قورساققا ئىچىپ بەرسە، قورساق ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ ھەم بەزى كىشىلەرنىڭ ئۈچىيىدىكى مەددە قۇرتنى چۈشۈرىدۇ. )ئەگەر بۇ ئۇسۇلنى كىچىك بالىلارغا قوللىنىشقا توغرا كەلسە دورىنىڭ مىقدارىنى ئازايتىش كېرەك(. پاكىز ئادالانغان 30 گرام ئەتراپىدىكى سۇڭپىيازنى 100 گرام سۇدا قاينىتىپ پىسىپىنى سۈزۈۋەتكەندىن كېيىن، قالغان سۇنى پاكىز شىشىگە قاچىلاپ قويۇپ، ھەر كۈنى كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن تۈتۈ مەددە كېسىلى بار بالىلارنىڭ مەقئىتىدىن 10 مىللىلىتىردىن ھەمەل قىلىپ بەرسە بولىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلنى ئۈچ - تۆت قېتىم داۋاملاشتۇرسا، كىچىك بالىلاردىكى تۈتۈ مەددىنى چۈشۈرىدۇ. پاكىز ئادالانغان تۆت - بەش تال سۇڭپىيازنى ئېزىپ، 120 گرام ئەتراپىدا قارا شېكەر ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن تەخسىگە ئېلىپ، جىمبىل قازاندا 10 مىنۇت ئەتراپىدا پىشۇرۇلىدۇ، بۇ خىل ئۇسۇلدا تەييارلانغان دورىدىن ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم، ھەر ۋاقلىقىغا توققۇز گرامدىن ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئاشقازان يېقىمسىزلىنىش، ئاشقازان سۇيۇقلۇقى كۆپىيىپ كېتىش، ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ. بىر تال سۇڭپىيازغا 15 گرام خام زەنجىۋىل ئارىلاشتۇرۇپ ئېزىپ، ئاندىن توققۇز گرام بەدىيان تالقىنىنى ئارىلاشتۇرۇپ قازاندا قورۇغاندىن كېيىن قىزىق پېتى داكا ياكى باشقا رەختكە ئوراپ، كىندىككە تېڭىپ بەرسە، كىچىك بالىلاردىكى ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىققا مەنپەئەت بولىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلنى ھەر كۈنى بىر - ئىككى قېتىم، كېسەل ساقايغىچە داۋاملاشتۇرۇش لازىم. سۇڭپىياز ئۇرۇقىنى سوقۇپ كۈندە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش گرامدىن، قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، كۆپ ئېھتىلام بولۇشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. ئىككى تال سۇڭپىيازنى يۇمشاق سوقۇپ، 06 گرام ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ، كۈنىگە بىر قېتىم يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، سۈت بېزى ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. سۇڭپىيازدىن بىر تال، گۈڭگۈرتتىن 30 گرام ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، كىندىككە چېپىپ بەرسە، بالىلاردىكى سىيگەكلىككە مەنپەئەت قىلىدۇ. سۇڭپىياز ئۈچ تال، بەسەي كۆتىكى ئۈچ دانە، قومۇش يىلتىزى 10 گرام، قائىدە بويىچە قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. سۇڭپىيازنىڭ ئېقىنى ياپىلاقلاپ، ماسكىنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ تاقىۋالسا، يۇقۇملۇق زۇكامغا مەنپەئەت قىلىدۇ. بىرنەچچە تال سۇڭپىياز ئېقىغا ئىككى - ئۈچ تال زەنجىۋىل قوشۇپ قاينىتىپ، ئىسسىق پېتى ئىچىپ بەرسە، سوغۇقتىن بولغان زۇكامغا مەنپەئەت قىلىدۇ. سۇڭپىيازدىن ئۈچ تال، بەسەي كۆتىكىدىن ئۈچ تال، قومۇش يىلتىزىدىن 12 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، تارقىلىشچان زۇكامغا مەنپەئەت قىلىدۇ. بىر تال سۇڭپىيازنى 12 گرام گۈڭگۈرت بىلەن بىللە يۇمشاق سوقۇپ، كىندىككە چېپىپ بەرسە، بالىلاردىكى كۆپ سىيىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. ئىككى تال سۇڭپىيازنى 70 گرام ھەسەل بىلەن بىللە يۇمشاق ئېزىپ، يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، سۈت بېزى ياللۇغى، غەلۋىرەككە مەنپەئەت قىلىدۇ. سۇڭپىيازدىن بىر تال، قارىمۇچتىن ئۈچ دانە ئېلىپ سوقۇپ، قارا شېكەر بىلەن قوشۇپ شىلىمدەك قىلىپ، كۆكرەك ۋە قول - پۇتنىڭ ئالىقىنىغا چېپىپ بەرسە، قىزىلنىڭ بەدەن سىرتىغا تەپمەسلىكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. بەش تال سۇڭپىيازنى سوقۇپ كىندىككە چېپىپ بەرسە، قىزىلنىڭ سىرتقا تەپمەسلىكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. |