كۈدە بۇ گۈلسامساق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، يوپۇرمىقى ئىنچىكە، ئۇزۇن ھەم ياپىلاق، گۈلى ئاق، ئادەتتىكى كۆكتاتلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئوزۇقلۇق تەركىبى: 100 گرام كۈدە تەركىبىدە 4.2 گرام ئاقسىل، 5.0 گرام ياغ، تۆت گرام قەنت، 6.5 مىللىگرام كالتسىي، 45 مىللىگرام فوسفور، 3.1 مىللىگرام تۆمۈر، 49.3 مىللىگرام كاروتىن، 3.0 مىللىگرام ۋىتامىن B1، 09.0 مىللىگرام ۋىتامىن B2، 9.0 مىللىگرام ۋىتامىن PP، 9.1 مىللىگرام ۋىتامىن C ۋە گۈڭگۈرت ھەم گۈڭگۈرتلىق بىرىكمىلەر بار. تەبىئىتى: ھۆل ئىسسىق. شىپالىق رولى: توسالغۇلارنى ئېچىش، زەھەر قايتۇرۇش، ئىششىقلارنى تارقىتىش، باھ، جىگەر ۋە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش، بەل ۋە تىز ئاغرىقلىرىنى پەسەيتىش، بوۋاسىر قېنىنى توختىتىش. ئىشلىتىش ئۇسۇلى: كۈدە يوپۇرمىقىنى پېشانىگە تېڭىپ بەرسە، بۇرۇن قاناشنى توختىتىدۇ. كۈدە يوپۇرمىقىنى سىركە بىلەن قاينىتىپ پىسەپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ، ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىپ بەرسە، ئۆپكە ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. كۈدە يوپۇرمىقىنى سىركىگە چىلاپ يەپ بەرسە، جىگەر ۋە تالنىڭ توسالغۇلىرىنى ئاچىدۇ. كۈدە يوپۇرمىقىنى ئېزىپ يەككە ھالدا ياكى مۇۋاپىق دورىلار بىلەن جىنسىي يولغا ھەمەل قىلسا، بالىياتقۇنىڭ ھۆللۈكىنى قۇرۇتۇپ، ھامىلە چۈشۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. كۈدە يوپۇرمىقىنى ئېزىپ، سۈيىنى چىقىرىپ، سۈيىگە گۈل يېغى، سىركە ئارىلاشتۇرۇپ قۇلاققا تېمىتىپ بەرسە، قۇلاق غوڭۇلداشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. كۈدىنى ئېزىپ يىلان چېقىۋالغان ئورۇنغا تېڭىپ بەرسە، زەھەر قايتۇرىدۇ. كۈدىنى سۇ ماي بىلەن ئېزىپ سۆگەلگە تېڭىپ بەرسە، سۆگەلنى چۈشۈرىدۇ. كۈدىنى سىركىدە پىشۇرۇپ يەپ بەرسە ئىچنى يۇمشىتىدۇ، باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ. كۈدىنى سىركە بىلەن قاينىتىپ پىسەپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ، ھەركۈنى 15 - 20 گرام ئىچىپ بەرسە، باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ. كۈدە يوپۇرمىقىنى ئېزىپ سىركە بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ پېشانىگە چېپىپ بەرسە، بۇرۇن قاناشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. كۈدە يوپۇرمىقىنى يەپ بەرسە ھەزىمنى ياخشىلاپ، جىگەرنىڭ توسالغۇلىرىنى ئاچىدۇ، قەۋزىيەتنى يۇمشىتىپ، قۇلۇنجىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. كۈدە يوپۇرمىقىنى تاماقتىن كېيىن يەپ بەرسە، باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ، تاماق سىڭدۈرىدۇ. كۈدە يوپۇرمىقىنى ئېزىپ سۈيىنى چىقىرىپ، مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىپ بەرسە، بوۋاسىر قاناشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. كۈدە يوپۇرمىقىنى ئېزىپ، سۈيىنى چىقىرىپ، مۇۋاپىق مىقداردا ھەسەل ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىپ بەرسە، ھۆل سوغۇقتىن بولغان كۆكرەك كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. كۈدە يوپۇرمىقىنى سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ، ئارپا سۈيىگە قوشۇپ ئىچىپ بەرسە ياكى يوپۇرمىقىنى ئارپا بىلەن پىشۇرۇپ يەپ بەرسە، كۆكرەك ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. كۈدىنى سىركىگە چىلاپ يەپ بەرسە، جىگەر ۋەتالنىڭ توسالغۇلىرىنى ئاچىدۇ، قۇلۇنجىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. كۈدىنى پىشۇرۇپ يەپ بەرسە ياكى ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ، بوۋاسىرغا مەنپەئەت قىلىدۇ. كۈدىنى سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ، گۈل يېغى ۋە سىركە قوشۇپ قۇلاققا تېمىتسا، قۇلاق ئاغرىقىغا، قۇلاق غوڭۇلداشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. كۈدىنى سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ، بەزۇرلبەنجى ۋە كونا سىركىنى قوشۇپ، بۇرۇنغا تېمىتسا، بۇرۇن قاناشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. كۈدىنى بىر - ئىككى قاينىتىپ، سۈزۈپ ئاندىن سوغۇق سۇغا چىلاپ، بىر ئازدىن كېيىن سۇدىن ئېلىپ تاماقلار بىلەن قوشۇپ يېسە، تاماق سىڭدۈرىدۇ. كۈدە يوپۇرمىقىنى سىقىپ، سۈيىنى چىقىرىپ، ھەسەل سۈيى بىلەن ئىچسە زەھەر قايتۇرىدۇ. كۈدىنى ئېزىپ سۇ ماي بىلەن يەرلىك ئورۇنغا چاپسا، سۆگەلنى چۈشۈرىدۇ. كۈدىنى ئېزىپ سۈيىنى چىقىرىپ، يەرلىك ئورۇنغا چاپسا، يىرىڭلىق جاراھەتلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ. 60 گرام كۈدە يىلتىزىنى دورا چىلاشقۇدەك مىقداردىكى سۇدا قاينىتىپ سىقىپ، سۈيىنى ئەتىگەن ۋە كەچ تەرەپتە مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىپ بەرسە، قىزىتما قايتۇرۇپ، ماغدۇرسىزلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ. توخۇ تۇخۇمىدىن بىر دانىنى ھەر كۈنى ئەتىگەندە كۈدە يىلتىزىنىڭ قاينىتىلغان ھورىدا پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، سازاڭسىمان مەددە قۇرتنى چۈشۈرىدۇ. كۈدە ئۇرۇقىنى سۇس ئوتتا سارغايغىچە قورۇپ، سوقۇپ تاسقاپ تەييارلاپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئالتە گرامدىن ئىستېمال قىلىپ بەرسە، كۆپ ئېھتىلام بولۇشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. كۈدە ئۇرۇقىنى ھەببۇلئاس بىلەن قاينىتىپ تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ سۈيىنى ئىچىپ بەرسە،قان تولغاققا مەنپەئەت قىلىدۇ. كۈدە ئۇرۇقىنى بوشراق قورۇۋېتىپ زاغۇن بىلەن يەپ بەرسە، ئۈچەيدىكى يەللەرنى تارقىتىپ، كونا ئىچ ئۆتكۈگە مەنپەئەت قىلىدۇ. كۈدە ئۇرۇقىنى قاينىتىپ پىسەپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ سۈيىنى شاراب بىلەن ئىچىپ بەرسە، باھنى قوزغايدۇ. ئىككى قوشۇق كۈدە سۈيىگە يېرىم پىيالە سۈت، مۇۋاپىق مىقداردا زەنجىۋىل سۈيى قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، ئىچ ئېلىشىپ، قۇسۇشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. كۈدىنى يۇمشاق ئېزىپ، ئوتقا قاقلاپ قىزىتىپ، ئاندىن يەرلىك ئورۇنغا سۈرتۈپ بەرسە، تەڭگە تەمرەتكە، سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كېتىش خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغى، ئالىچىپار تەمرەتكە قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ. كۈدە يوپۇرمىقىنى ئېزىپ سىركە بىلەن پېشانىگە قويسا، بۇرۇننىڭ قېنىنى توختىتىدۇ. كۈدىنىڭ يوپۇرمىقىنى ئىستېمال قىلسا، كانايچىلارنى تازىلاپ، جىگەرنىڭ توسالغۇلىرىنى ئاچىدۇ؛ ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەپ، بەلگە قۇۋۋەت بېرىدۇ؛ تەرەتنى يۇمشىتىپ، قۇلۇنجىنى يوقىتىپ، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرىدۇ. 65 گرام كۈدە يىلتىزىنى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆزلۈكىدىن تەرلەش ۋە ئوغرى تەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ. 65 گرام كۈدە يىلتىزىنىڭ سۈيىگە بىر تال توخۇ تۇخۇمىنى چېلىپ، ھورداپ تۇخۇم پوشكىلى تەييارلاپ، ئاچ قورساققا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، سازاڭسىمان مەددە قۇرتنى چۈشۈرىدۇ. ھۆل كۈدىدىن 135 گرام، ھۆل زەنجىۋىلدىن 53 گرام، نەشپۈتتىن ئىككى دانە ئېلىپ، ئېزىپ سۈيىنى چىقىرىپ، ئۇنىڭغا 135 گرام قاينىتىلغان كالا سۈتى قوشۇپ ئۈزمەستىن ئىچىپ بەرسە، ھېق تۇتۇش ۋە يۇتقۇنچاق ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. كۈدىنى چاناپ، ئازراق تۇز قوشۇپ، بىرلىكتە سوقۇپ سۈيىنى چىقىرىپ كۈنىگە 1 ~ 3 قېتىم، ھەر قېتىمدا بىر ئىستاكان قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، بۇرۇن قاناش ۋە ھەيز بىلەن تەڭ بۇرۇن قاناشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. يېڭى كۈدىدىن 100 گرام، تۇخۇمدىن ئىككى دانە، ماي، تۇزدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، كۈدىنى پاكىز تازىلاپ توغراپ، تۇخۇمنى چېقىپ، مايدا بىرلىكتە قورۇپ، تۇز بىلەن تەمىنى تەڭشەپ پىشۇرۇپ، كۈندە ياكى ئىككى كۈندە بىر قېتىم، قوشۇمچە تاماق ئورنىدا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئوزۇقلۇق تولۇقلاپ، باھ ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ. كۈدە يىلتىزىدىن 20 گرام، تۇخۇمدىن بىر دانە، قارا شېكەردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، كۈدە يىلتىزىدىن 300 مىللىلىتىر سۇدا قاينىتىپ، ئاندىن ئۈستىگە تۇخۇمنى چېقىپ پىشۇرۇپ، ئاخىرىدا قارا شېكەرنى سېلىپ تەمىنى تەڭشەپ، كۈندە بىر - ئىككى قېتىم، مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاپ، ئاق خۇن كۆپ كېلىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. كۈدە ئۇرۇقى، ئاچچىقسۇ، مۇسەللەستىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، ئالدى بىلەن ئاچچىقسۇدا كۈدە ئۇرۇقىنى قاينىتىپ پىشۇرۇپ قاتۇرۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇندەك سوقۇپ، ئاچچىقسۇ بىلەن پۇرچاق چوڭلۇقىدا كۇمىلاچ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 ~ 15 دانە ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئاق خۇن كۆپ كېلىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. كۈدىدىن 50 گرام، ئاغىچە يوپۇرمىقىدىن 30 گرام، ئاق غولپىيازدىن 25 گرام، ئاچچىقسۇدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، كۈدە، ئاغىچە يوپۇرمىقى، ئاق غولپىياز قاتارلىقلارنى پاكىز تازىلاپ، يۇمشاق ئېزىپ شىرىسىنى چىقىرىپ، ئاچچىقسۇنى قىزىتىپ ئارىلاشتۇرۇپ، سۈزۈپ كۈندە بىر قېتىم، سۈيىنى ئىستېمال قىلىپ ھەم سۈزۈپ ئېلىنغان تىرىپىنى يەرلىك ئورۇنغا سۈركەپ بەرسە، ياللۇغ قايتۇرۇپ، ئىششىق ياندۇرىدۇ، ئاغرىق پەسەيتىدۇ. |