كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس

كۆكتات - كۆكتات - ياڭيۇ سىزنىڭ ئورنىڭىز:

ياڭيۇ

مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-10-10 22:05:07 كۆرۈلىشى: 11



ياڭيۇ
 ئوزۇقلۇق تەركىبى:   ھەر 100 گرام ياڭيۇ تەركىبىدە 9.1 گرام ئاقسىل، 7.0 گرام ياغ، 16 گرام قەنت، 11 مىللىگرام كالتسىي، 9.0 گرام ئاقسىل، 7.0 گرام ياغ، 16 گرام قەنت، 11 مىللىگرام كالتسىي، 9.0 مىللىگرام تۆمۈر، 01.0 مىللىگرام كاربوتىن، 1.0 مىللىگرام ۋىتامىن  03.0 مىللىگرام ۋىتامىن B2، 4.0 مىللىگرام ۋىتامىن PP، 18 مىللىگرام ۋىتامىن C بار.
 تەبىئىتى:  ھۆل سوغۇق.
 شىپالىق رولى:  ئاشقازان ۋە ئۈچەي خىزمىتىنى ياخشىلاش، يۈرەكنى كۈچەيتىش، ھەرخىل تېرە كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىش.
 ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
      مۇۋاپىق مىقداردىكى ياڭيۇنى ئوتقا كۆمۈپ پىشۇرۇپ يەپ بەرسە، يۈرەك كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
   يېڭىدىن چىققان قىزىل شۆپۈكلۈك ياڭيۇدىن ياڭيۇ قىيامى ياساپ، كۈندە تاماقتىن بۇرۇن 100 گرامدىن يەپ بەرسە، ھەزىمنى ياخشىلايدۇ.
   ياڭيۇ كراخمالىنى مۇۋاپىق مىقداردا يەپ بەرسە، ئاشقازان ۋە ئۈچەي كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
   خام ياڭيۇنى يۇمشاق سوقۇپ، ھەر كۈنى يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، ھۆل تەمرەتكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
   ياڭيۇنى ئاقلىۋېتىپ، ھاۋانچا ياكى يارغۇنچاقتا يۇمشاق ئېزىپ، مەلھەم ھالەتكە كەلتۈرۈپ، بوتۇلكىغا قاچىلاپ توڭلاتقۇدا ساقلاش، توڭلاتقۇ بولمىسا كۈندىلىكىنى كۈندە تەييارلاپ، يەرلىك ئورۇندا تەخمىنەن 5.0 سانتىمېتىر قېلىنلىقتا چېپىپ داكا بىلەن چىڭ تېڭىش كېرەك، كۈندە ئىككى - تۆت قېتىم يەڭگۈشلىنىدۇ.
   ياڭيۇ، كۆممىقوناقتىن 30 گرام، ئاق شېكەردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، كۆممىقوناق بىلەن ياڭيۇنى ئېزىپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا قاينىتىپ، ئۇماچ ھالىتىگە كەلتۈرۈپ، ئاندىن ئاق شېكەرنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، كۈندە بىر - ئىككى قېتىم، مۇۋاپىق مىقداردا ئىسسىق ھالەتتە ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئاشقازاننى كۈچەيتىپ، ھەزىمنى ياخشىلايدۇ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ، بالىلاردىكى ھەزىم ناچارلىشىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.

شىركىتىمىزگە قاراڭ | ئالاقىلىشامسىز؟ | يالغۇزلا ماڭامسىز؟ | بۇغداي سۆزىمىز بار | ھەممە ئاڭلىسۇنمۇ؟ | بېكىتىمىز بوپتىمۇ؟ | قوشۇۋېلىڭچۇ   
بارلىق ھوقۇق  شىنجاڭ ‹‹بىلقۇت›› ئېلېكترون پەن- تېخنىكا تەرەققىيات چەكىلىك شىركىتگە تەۋە 


新疆碧黎库特电子科技开发有限公司
    QQ:   250092392 (Raziman)    ,   502410794(Bilqut)        
新ICP备07002316