كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس

كۆكتات - كۆكتات - پالەك سىزنىڭ ئورنىڭىز:

پالەك

مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-10-10 22:04:42 كۆرۈلىشى: 13



پالەك
 بۇ  لويلا ئائىلىسىدىكى بىر ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ،  يوپۇرمىقى سەل  ئۈچ بۇرجەك؛ يىلتىزى ئازراق  قىزىل كېلىدۇ.
 ئوزۇقلۇق تەركىبى:  ھەر 100 گرام پالەك تەركىبىدە ئىككى گرام ئاقسىل، 2.0 گرام ياغ، ئىككى گرام قەنت، ئىككى گرام يىرىك تالا ماددىسى، 70 مىللىگرام كالتسىي، 34 مىللىگرام فوسفور، 5.2 مىللىگرام تۆمۈر، 96.2 مىللىگرام كاروتىن، 04.0 مىللىگرام ۋىتامىن B1، 13.0 مىللىگرام ۋىتامىن PP، 31 مىللىگرام ۋىتامىن C، ئازراق فتور ۋە سىنكمۇ بار.
 تەبىئىتى:  ھۆل سوغۇق.
 شىپالىق رولى:  ئىچ يۇمشىتىش، تېز ھەزىم بولۇش، تەشنالىق ۋە قىزىتما پەسەيتىش، كۆكرەك ۋە ئۆپكىنىڭ ئىسسىقتىن بولغان ئاغرىقىنى يوقىتىش، سىل ۋە قان خاراكتېرلىك بەل ئاغرىقنى پەسەيتىش، تېرىنى يۇمشىتىش.
 ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
      پالەكنى قايناق سۇدا ئۈچ مىنۇت قىزىتىپ، كۈنجۈت يېغى ئارىلاشتۇرۇپ، كۈندە ئۈچ قېتىم يەپ بەرسە، باش ئاغرىقى، يۈرەك سېلىش، يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
   500 گرام يېڭى پالەكنى سوقۇپ سۈيىنى چىقىرىپ، ئازراق مايسىز پىششىق گۆشنى توغراپ ئارىلاشتۇرۇپ تاماق بىلەن يەپ بەرسە، نامازشام قارىغۇسىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
   پالەك ئۇرۇقىنى ئوتتا سارغايتىپ، قۇرۇتۇپ، يۇمشاق سوقۇپ، ئاز مىقداردا ئۇن قوشۇپ، گۈلە چوڭلۇقىدا كۇمىلاچ ياساپ، كۈندە ئۈچ قېتىمدىن يەپ بەرسە، دەم سىقىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
   پالەك ئۇرۇقىدىن 750 گرام، سۇئلەبتىن 500 گرام ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ تاماقتىن كېيىن مۇۋاپىق مىقداردا يەپ بەرسە، ئۆپكە سىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
   پالەكنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىنى شېكەر بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، گال ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
   پالەكنى سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ غار - غار قىلسا، گال ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
 پالەكنى سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ، مۇۋاپىق مىقداردا شېكەر قوشۇپ ئىچسە، گال ئاغرىقىغا، يەرقان )سېرىقلىق چۈشۈش( كېسەللىكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. دوۋساقتىكى ئۇششاق تاشلارنى چۈشۈرىدۇ، سۈيدۈكنىڭ كۈيۈشۈپ كېلىشىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
   پالەكنى پىشۇرۇپ، ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا چاپسا، ئىسسىقتىن بولغان بوغۇم ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
   پالەكنى ئېزىپ ھەرە چېقىۋالغان ئورۇنغا چاپسا ئاغرىق پەسەيتىپ، ئىششىق ياندۇرىدۇ، زەھەر قايتۇرىدۇ.
   پالەكنى ئېزىپ سەدەپ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، يەرلىك ئورۇنغا چاپسا، ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
   پالەك ئۇرۇقىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، قائىدە بويىچە پىشۇرۇپ يەپ بەرسە، تەپكەمەنپەئەت قىلىدۇ.
   پالەكنى ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلىپ بەرسە، يۇقىرى قان بېسىمغا ۋە قەنت سىيىش كېسەللىكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
 100 گرام پالەكنى مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا 10 مىنۇت قاينىتىپ ئەتىگەن ۋە كەچتە ئىچىپ بەرسە، قان ئازلىق ۋە نەپەس يوللىرى كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
 500 گرام پالەكنى سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ، كۈندە ئەتىگەن ۋە كەچتە مۇۋاپىق مىقداردا مەلۇم مەزگىل ئىستېمال قىلىپ بەرسە،  نامازشام قارىغۇسىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
  250 گرام يېڭى پالەكنى قايناق سۇغا ئۈچ مىنۇت بېسىپ، ئاندىن سۈزۈپ، مۇۋاپىق مىقداردا كۈنجۈت مېيى ئارىلاشتۇرۇپ سەي قىلىپ، كۈندە ئەتىگەن، كەچتە يەپ بەرسە، قەۋزىيەتكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
   پالەكنى ماش بىلەن پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلسا، ئىسسىقتىن بولغان نەزلىگە  مەنپەئەت قىلىدۇ.
   پالەكنى سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىنى غار - غار قىلسا،  گال ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
   پالەكنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىنى  شېكەر بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە،  گال ئاغرىقى ۋە يەرقان كېسىلىگە ياخشى مەنپەئەت قىلىپ، بۆرەك ۋە دوۋساقتىكى ئۇششاق تاشلارنى ئېزىپ چۈشۈرىدۇ.
   پالەكنى پىشۇرۇپ ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا چاپسا، ئىسسىقتىن بولغان بوغۇم  ئاغرىقى، ئىسسىقتىن بولغان ئىششىق، قان ۋە سەپرادىن بولغان سۈيدۈك تۇتۇلۇشقا  مەنپەئەت قىلىدۇ.
    خام پالەكنى ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا چاپسا،  ھەرە چاققان زەھەرنى قايتۇرىدۇ.
پالەكنى ئېزىپ  سەدەپ بىلەن يەرلىك ئورۇنغا چاپسا، دانىخورەككە مەنپەئەت قىلىدۇ.پالەكتىن 250 گرام، تۇخۇمدىن بىر دانە، تۇز ۋە مايدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، پالەكنى 1500 مىللىلىتىر سۇدا قاينىتىپ، تۇخۇمنى چېقىپ پىشۇرۇپ، تۇز ۋە ماينى سېلىپ تەمىنى تەڭشەپ، كۈندە بىر - ئىككى قېتىم، مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئوزۇقلۇق تولۇقلاپ، قان ئازلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
   كالا سۈتىدىن 300 گرام ئېلىپ، ئالمىنى پاكىز يۇيۇپ، شۆپۈكى بىلەن ئۇرۇقىنى ئېلىۋېتىپ، سوقۇپ، پالەكنى ئۇششاق توغراپ، داكىدا سىقىپ سۈيىنى ئېلىپ، تەييارلانغان ئۈچ خىل خۇرۇچنى تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
   پالەكتىن 200 گرام، ھەسەلدىن 150 گرام، تۇخۇمدىن بىر دانە، ياڭاق مېغىزىدىن 30 گرام ئېلىپ، ئاۋۋال پالەكنى پاكىز تازىلاپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا قاينىتىپ، سۈزۈپ، سۈيىگە چەككىلەنگەن ھەسەلنى ئارىلاشتۇرۇپ، ئاندىن ياڭاق مېغىزىنى يۇمشاق سوقۇپ، ئاخىرىدا تۇخۇمنى پوستى بىلەن ئايرىم پىشۇرۇپ، كۈندە  بىر قېتىم، ياڭاق مېغىزى بىلەن تۇخۇمنى پالەك شەربىتى بىلەن ئىستېمال قىلىپ بەرسە )ئۇدا ئىككى - ئۈچ ئاي داۋاملاشتۇرۇلىدۇ(، ئوزۇقلۇق تولۇقلاپ، بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ، ساپ قان پەيدا قىلىپ، قان ئازلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
   پالەكتىن 250 گرام، گۈرۈچتىن 100 گرام، كۈنجۈت يېغى، تۇز، تېتىتقۇ قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، پالەكنى پاكىز يۇيۇپ توغراپ، گۈرۈچ بىلەن بىرگە ئىككى لىتىر سۇدا قاينىتىپ، ئۇماچ قىلىپ، ئۈستىگە كۈنجۈت مېيى بىلەن تېتىتقۇنى سېلىپ، تاماققا قوشۇمچە قىلىپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئۈچەينى سىلىقلاپ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ، قەۋزىيەت ۋە بوۋاسىرغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
   پالەكتىن 500 گرام، خەيدەيدىن 150 گرام، كۈنجۈت، خاسىڭ 20 گرامدىن، كۈنجۈت يېغى، تۇزدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، خەيدەينى ئاۋۋال ئىسسىق سۇغا چىلاپ كۆپتۈرۈپ، ئاندىن پاكىز سۇ بىلەن بىرقانچە قېتىم چايقاپ، ئىنچىكە قەلەمچە قىلىپ توغراپ، ئارقىدىن پالەك بىلەن قوشۇپ، قىزىق سۇ قۇيۇلغان قازانغا سېلىپ بىر ئاز قايناتقاندىن كېيىن، سۈزۈپ سۈيىنى سىقىۋېتىپ، كۈنجۈت بىلەن خاسىڭنى ئازراق قورۇپ پىشۇرۇپ، ئاندىن يۇمشاق ئېزىپ، ئاخىرىدا بارلىق خۇرۇچلارنى تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، كۈنجۈت يېغىنى ئۈستىگە قۇيۇپ، كۈندە ياكى ئىككى كۈندە بىر قېتىم، قوشۇمچە تاماق ئورنىدا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ياللۇغ قايتۇرۇپ، ئىششىق ياندۇرىدۇ، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇپ، سوزۇلما خاراكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
   پالەكتىن 100 گرام، ئاچچىقسۇدىن 500 مىللىلىتىر، ھەسەلدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، پالەكنى ئۇششاق توغراپ، ئاچچىقسۇدا قاينىتىپ، قويۇلدۇرۇپ ئاندىن ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ كۇمىلاچ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن ئاۋۋال ھەر قېتىمدا 10 ~ 15 دانىدىن ئىستېمال قىلىپ بەرسە، بەدەننى قۇۋۋەتلەپ، ياللۇغ قايتۇرۇپ، ئاق خۇن كۆپ كېلىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
   پالەكتىن 100 گرام، قوي جىگىرىدىن 50 گرام، تۇزدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، پالەك ۋە قوي جىگىرىنى پاكىز تازىلاپ، توغراپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا قاينىتىپ، ئۈستىگە تۇزنى سېلىپ پىشۇرۇپ، كۈندە بىر - ئىككى قېتىم، ئەھۋالغا قاراپ گۆشى ۋە شورپىسىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئوزۇقلۇق تولۇقلاپ، بالىلاردىكى راخت كېسىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
 پالەكتىن 200 گرام، قوي جىگىرىدىن 010 گرام، تۇز، مايلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، قوي جىگىرى ۋە پالەكنى پاكىز تازىلاپ، توغراپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا قاينىتىپ، ئۈستىگە تۇز، ماي قاتارلىق تەم تەڭشىگۈچلەرنى سېلىپ تەمىنى تەڭشەپ پىشۇرۇپ، كۈندە بىر - ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 200 ~ 300 مىللىلىتىردىن، گۆش بىلەن بىرلىكتە ئىستېمال قىلىپ بەرسە، كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ، نامازشام قارىغۇسىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
   پالەكتىن 20 گرام، يۇمغاقسۈتتىن 30 گرام، چىلاندىن 25 گرام، توخۇ گۆشىدىن 250 گرام، تۇزدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، خۇرۇچلارنى پاكىز تازىلاپ، توغراپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا قاينىتىپ پىشۇرۇپ، ئاخىرىدا تۇز بىلەن تەمىنى تەڭشەپ، كۈندە بىر - ئىككى قېتىم، مۇۋاپىق مىقداردا ئىسسىق ھالەتتە ئىستېمال قىلىپ بەرسە، قان تازىلاپ، ياللۇغ قايتۇرىدۇ، دانىخورەكنى يوقىتىدۇ.

شىركىتىمىزگە قاراڭ | ئالاقىلىشامسىز؟ | يالغۇزلا ماڭامسىز؟ | بۇغداي سۆزىمىز بار | ھەممە ئاڭلىسۇنمۇ؟ | بېكىتىمىز بوپتىمۇ؟ | قوشۇۋېلىڭچۇ   
بارلىق ھوقۇق  شىنجاڭ ‹‹بىلقۇت›› ئېلېكترون پەن- تېخنىكا تەرەققىيات چەكىلىك شىركىتگە تەۋە 


新疆碧黎库特电子科技开发有限公司
    QQ:   250092392 (Raziman)    ,   502410794(Bilqut)        
新ICP备07002316