پىياز بۇ گۈلسامساق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان، كۈندىلىك تۇرمۇشتا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان كۆكتاتلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئوزۇقلۇق تەركىبى: ھەر 100 گرام پىياز تەركىبىدە 8.1 گرام ئاقسىل، سەككىز گرام قەنت، 40 مىللىگرام كالتسىي، 50 مىللىگرام فوسفور، 8.1 مىللىگرام تۆمۈر، ئاز مىقداردا كاروتىن، 03.0 مىللىگرام B1، 02.0 مىللىگرام B2، 2.0 مىللىگرام ۋىتامىن PP، سەككىز مىللىگرام ۋىتامىن C بار. تەبىئىتى: قۇرۇق ئىسسىق. شىپالىق رولى: ئىشتىھانى ئېچىش، توسالغۇلارنى ئېچىش، باھنى قۇۋۋەتلەش، مىكروب ئۆلتۈرۈش. ئىشلىتىش ئۇسۇلى: پىيازنى ئېزىپ پۇرىسا ياكى تاپانغا تاڭسا، باش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. ئاق پىياز ئەرىقىنى بىر مەزگىل بۇرۇنغا تېمىتسا، ھاراق ۋە نەشە خۇمارىنى كېسىدۇ ھەم تۇتقاقلىق كېسەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ. پىياز ئەرىقىدىن بىر - ئىككى تامچىنى ھوشسىز كىشىنىڭ بۇرنىغا تېمىتسا، ھوشىغا كېلىدۇ، پىياز ئەرىقىنى كۆزگە تېمىتسا، نامازشام قارىغۇسىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. قىزىل پىيازنىڭ سۈيىنى كۆزگە تېمىتسا، كۆزدىكى تىرناقسىمان گۆش ئۆسۈپ قېلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. پىيازنىڭ ئىلمان سۈيىنى قۇلاققا تېمىتسا، قۇلاق ئېغىرلىقى، قۇلاق ئاغرىقى، قۇلاققا گۆش ئۆسۈپ قېلىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ. يۇمشاق ئېزىلگەن پىيازنى گالغا تاڭسا، بەلغەمدىن بولغان بادامسىمان بەز ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. پىيازنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلسا، ھەزىمنى كۈچەيتىپ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ، مۇسھىل )سۈرگە( ئىچكەندىن كېيىن پىيازنى پۇرىسا، ھۆنى توختىتىدۇ. نوقۇت چوڭلۇقىدىكى ھىڭنى بىر گرامدىن بەدىيان ۋە يۇمغاقسۈتلەر بىلەن بىللە پىياز ئەرىقىگە ئارىلاشتۇرۇپ، قان تولغاقنىڭ ئىككىنچى كۈنى تاماقتىن ئىلگىرى، ئىستېمال قىلسا مەنپەئەت قىلىدۇ. ئاق پىياز ئەرىقىگە مۇۋاپىق مىقداردىكى ھىڭ قوشۇپ ئىستېمال قىلسا، ھەزىم بۇزۇلۇش ۋە قورساق ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. ئاق پىيازنى قايماق ياكى مايدا قورۇپ تۇخۇم سېرىقى بىلەن ئېزىپ مەقئەتكە تاڭسا، مەقئەت ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. پىيازنى گۆش بىلەن پىشۇرۇپ، يېتەرلىك مىقداردا سېرىق ماي قوشۇپ ئىستېمال قىلسا، باھنى كۈچەيتىدۇ. ئالتە گرام پىياز ئەرىقى، تۆت گرام سېرىق ماي، ئۈچ گرام ھەسەل قاتارلىقلارغا مۇۋاپىق مىقداردا ئىسسىق سۈت، شېكەر قوشۇپ ئىچسە، مەنىي كۆپەيتىدۇ. پىيازنىڭ ئەرىقىگە ھەسەل قوشۇپ چاچنى يۇسا، چاچ چۈشۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. پىيازنى داۋاملىق يەپ بەرسە، قان تومۇر قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا بىر باشپىيازنى شورپا، سۈت ۋە باشقا تائاملارغا قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، سۈيدۈك راۋان بولماسلىق، بۆرەك ۋە سۈيدۈك يولىغا تاش چۈشۈش، سۈيدۈك يولى ياللۇغى، رېماتىزم، نىقرەس قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ. پىشۇرۇلغان پىيازنى مۇۋاپىق مىقداردا يەپ بەرسە، چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇپ، سېسىق كېكىرىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ؛ چىش مىلىكلىرىنى چىڭىتىپ، ئېغىزنى خۇش پۇراق قىلىدۇ؛ پەيلەرنى چىڭىتىدۇ؛ چىراينى گۈزەللەشتۈرىدۇ. پىيازنى خام پېتى ئىستېمال قىلسا، ئاشقازان ۋە ئۈچەي يوللىرىنىڭ يۇقۇملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. پىيازنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىنى بۇرۇنغا تېمىتسا، بۇرۇندىن كەلگەن قاننى توختىتىدۇ. ئىككى باش پىيازنى توغراپ 500 مىللىلىتىر سۇغا بىر كېچە چىلاپ قويۇپ، كۈندە ئىككى قېتىم 80 گرامدىن ئىچسە، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاپ، زۇكامغا مەنپەئەت قىلىدۇ. كەچلىك تاماققا كۆپ مىقداردا پىياز قوشۇپ ئىستېمال قىلسا، نېرۋا ۋە بەدەننىڭ ھارغىنلىقنى يوقىتىپ، ئۇيقۇنى ياخشىلايدۇ. بوۋاقلارنىڭ ئىچى سۈرۈپ كەتسە، توغرالغان پىيازنى بىر لىتىر قايناق سۇغا ئىككى سائەت دۈملەپ، تىرىپىنى ئاز - ئازدىن يېگۈزسە، ئوبدان مەنپەئەت قىلىدۇ. پىيازنىڭ سۈيىنى پاختىغا تېمىتىپ، قۇلاققا تىقىپ قويسا، قۇلاق غوڭۇلداش ۋە قۇلاق ئېغىرلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. ئاغرىغان چىشقا تەگكۈزسە، ئاغرىق توختايدۇ. توغرالغان خام پىيازنى دوۋسۇننىڭ ئۈستىگە تاڭسا، باش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. پىياز سۈيىنى تۈرلۈك ھاشاراتلار چېقىۋالغان ئورۇنغا چاپسا، ئاغرىق توختىتىدۇ. پىيازغا ئازراق تۇز قوشۇپ، مەلھەم تەييارلاپ، كۆيگەن ئورۇنغا چاپسا، ساقىيىشنى تېزلىتىدۇ. پىياز كۆكى بىلەن پىياز ئۇرۇقىنىڭ ھەرقايسىسىدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ، ئېزىپ سۈيىنى چىقىرىپ، مەلۇم مىقداردىكى شېكەر سۈيى بىلەن شەربەت تەييارلاپ، ئىستېمال قىلسا ئەرلىك جىنسىي ئاجىزلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ. پىياز سۈيىگە ئاچچىق بادام يېغى، سېرىق ماي قاتارلىقلارنىڭ ھەربىرىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئارىلاشتۇرۇپ، سىرتتىن يەرلىك ئورۇنغا چاپسا، ھەرخىل ئىششىقلارنى ياندۇرىدۇ. پىيازنى ئېزىپ سۈيىنى چىقىرىپ، مۇۋاپىق مىقداردا سىركە ئارىلاشتۇرۇپ، كۈندە كۆزگە تېمىتىپ بەرسە، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ. ئېزىپ چىقىرىلغان 100 گرام پىياز سۈيىگە سىركىدىن 50 گرام، ئەنزۇرۇتتىن )سوقۇپ ئۇپا ھالەتكە كەلتۈرۈلگەن( 10 گرام ئارىلاشتۇرۇپ، سۇس ئوتتا بەش مىنۇت ئەتراپىدا قايناتقاندىن كېيىن سۈزۈپ قۇلاققا تېمىتسا، قۇلاق يىرىڭلىق ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. ئېزىپ سىقىپ چىقىرىلغان 100 گرام پىياز سۈيىگە، سىركىدىن 100 گرام، ئاچچىق بادام يېغىدىن 30 گرام ئارىلاشتۇرۇپ، سۇس ئوتتا 501 گرام قالغۇچە قاينىتىپ، كۈندە ئىككى قېتىم يۈزىگە چېپىپ بەرسە، ھەيز قالايمىقانلىشىش ۋە ھامىلىدارلىق سەۋەبىدىن پەيدا بولغان داغ ۋە دانىخورەككە مەنپەئەت قىلىپ، چىراينى گۈزەللەشتۈرىدۇ. پىياز ئۇرۇقىدىن 100 گرام ئېلىپ، سوقۇپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇ بىلەن قاينىتىپ، تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ، 30 گرام گۈل يېغى ئارىلاشتۇرۇپ بەش مىنۇت ئەتراپىدا قايناتقاندىن كېيىن، ھەر قېتىم چىش ئاغرىغاندا چىشقا تېمىتسا، چىش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. پىيازنىڭ سۈيىنى چىقىرىپ، ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، كۆزگە چېپىپ بەرسە، كۆزدىكى ئاقنى يوقىتىدۇ. كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ. پىيازنىڭ سۈيىنى قۇلاققا تېمىتىپ بەرسە، قۇلاق غوڭۇلداشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. پىياز سۈيىنى يۈزگە چېپىپ بەرسە، رەڭگىرويىنى چىرايلىق قىلىدۇ. پىيازنى ھەسەل، تۇز، مىلتىق دورىلىرى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئاق كېسەلگە، سۆگەلگە چاپسا مەنپەئەت قىلىدۇ. پىيازنى پۇرىسا، نەپەس يوللىرى ئارقىلىق يۇقىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. پىيازنى گۆش، ياغلار بىلەن پىشۇرۇپ يەپ بەرسە، ئىشتىھانى ئاچىدۇ، باھنى قوزغايدۇ. پىيازنى قوينىڭ دۈمبە يېغى بىلەن پىشۇرۇپ يەپ بەرسە، بەلغەم بوشىتىدۇ. پىيازنى سىركە بىلەن پىشۇرۇپ يەپ بەرسە، ھەزىمنى ياخشىلايدۇ؛ تال ۋە جىگەر كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. پىيازنى تۇز، سۇزاپ، ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، خېمىر قىلىپ سۆگەلگە چېپىپ بەرسە مەنپەئەت قىلىدۇ. پىيازنى ئادەم چېچى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ سوقۇپ، غالجىر ئىت چىشلىۋالغان ئورۇنغا چاپسا، زەھەرنى ئالىدۇ. پىيازنى ئەنجۈر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئېزىپ چايان چېقىۋالغان ئورۇنغا چاپسا، زەھەر قايتۇرىدۇ. پىيازنى تۇخۇم سېرىقى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يەرلىك ئورۇنغا چاپسا مەقئەت قىچىشىش ۋە مەقئەت ئىششىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. پىيازنى تۆگە لوكىسىنىڭ يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، مەقئەت يېرىقىغا ۋە بوۋاسىرغا چېپىپ بەرسە مەنپەئەت قىلىدۇ. پىيازنى زەيتۇن يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ بوۋاسىرغا چېپىپ بەرسە، بوۋاسىردىن كەلگەن قاننى توختىتىدۇ. پىيازنىڭ شىرنىسىگە ھەسەل ۋە تۇخۇم سېرىقىنى ئارىلاشتۇرۇپ، بىر ھەپتىگىچە كۈندە مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىشنى داۋاملاشتۇرسا، باھنى قۇۋۋەتلەپ، مەنىينى كۆپەيتىدۇ. قان تەركىبىدىكى قەنتنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، شېكەر سىيىش كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە ئۇنى داۋالايدۇ، قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىپ، قىزىل قان تومۇرلىرىنىڭ قېتىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. پىياز بىلەن زەنجىۋىلنىڭ ھەربىرىدىن 51 گرامدىن، ئاش تۇزىدىن ئۈچ گرام ئېلىپ ئېزىپ ئارىلاشتۇرۇپ، خېمىر ھالىتىگە كەلتۈرۈپ، ئاندىن داكىغا ئوراپ، كۆكرەك، دۈمبە، تاپان، ئالىقان قاتارلىق جايلارغا سۈرتۈپ بەرسە، قىزىتما قايتۇرىدۇ. 60 گرام پىيازنى پاكىز يۇيۇپ يالپاقلاپ، چەينەككە سېلىپ، ئۈستىگە ئۈچ ئىستاكان سۇ قويۇپ، ئىككى ئىستاكان قالغۇچە قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. 30 گرام پىيازنى پاكىز يۇيۇپ، خېمىر ھالىتىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن، زەخىملەنگەن ئورۇنغا كۈندە ئىككى قېتىمدىن تېڭىپ قويسا، ئىششىقنى ياندۇرۇپ، ئاغرىق پەسەيتىدۇ. ئىككى تال پىياز، بىر دانە ئامۇت، 50 گرام شېكەرنى سۇدا قاينىتىپ ئىچسە، يۆتەل پەسەيتىدۇ. پىيازنى ئاچچىقسۇ بىلەن پىشۇرۇپ يېسە، تال ۋە جىگەر كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. پىياز پوستىنى موم بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، تەمرەتكىگە چاپسا مەنپەئەت قىلىدۇ. پىيازنى يۇيۇپ سوقۇپ، ئاچچىقسۇ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، قورۇپ، بەدەندىكى ھەرخىل جاراھەتلەرگە تاڭسا، ساقىيىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. پىيازنى گۆش، ياغلار بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلسا، جىنسىي ئاجىزلىق، ئىشتىھاسىزلىق، بۇلغانغان سۇنى ئىچىپ زەھەرلىنىش قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ. خام پىيازنى تاماق بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلسا، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرىدۇ، بۆرەك ۋە دوۋساقتىكى تاشلارنى پارچىلاپ چۈشۈرىدۇ؛ چوڭ تەرەتنى بوشىتىدۇ. پىيازنى سىركە بىلەن پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلسا، تال ۋە جىگەر كېسەللىكى، ھەزىم ناچارلىشىش، بەلغەم ۋە سەپرادىن بولغان ھوشسىزلىنىشلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ. پىيازنى يەككە ھالەتتە ئىستېمال قىلسا، پۇرايدىغان نەرسىلەرنىڭ پۇرىقىنى يوقىتىپ، زەھەر قايتۇرىدۇ. پىيازدىن 30 گرام، ئالمىدىن 80 گرام، لىموندىن 40 گرام، ھەسەلدىن 10 مىللىلىتىر، داغلانغان سۇدىن 120 مىللىلىتىر ئېلىپ، پىيازنى سۇدا قاينىتىپ سوۋۇتقاندىن كېيىن، ئالمىنىڭ پوستى بىلەن ئۇرۇقىنى ئېلىۋېتىپ، يۇقىرىدىكى خۇرۇچقا سېلىپ، ئۈستىگە ھەسەل بىلەن لىمون قوشۇپ كۈندە بىر - ئىككى قېتىم، ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، يۇقىرى قان بېسىمغا مەنپەئەت قىلىدۇ، قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىدۇ. پىيازدىن 10 گرام، ئۇندىن 60 گرام، توخۇ تۇخۇمىدىن ئۈچ دانە، ھەسەل، ئاچچىقسۇلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، پىيازنى ئۇششاق توغراپ، ئۈستىگە تۇخۇمنى چېقىپ، ئاندىن ئۇن بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ھەسەلدە پىشۇرۇپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن ئىلگىرى، مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ ئاچچىقسۇ بىلەن ئىستېمال قىلىپ بەرسە، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ، ھەيزنى نورماللاشتۇرىدۇ. |