كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس

كۆكتات - كۆكتات - سامساق سىزنىڭ ئورنىڭىز:

سامساق

مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-10-10 22:03:17 كۆرۈلىشى: 13



سامساق
 بۇ گۈلسامساق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ،  گۈلى ئاققا مايىل سۆسۈن، يوپۇرمىقى بىلەن گۈل ئوقى يۇمران ۋاقتىدا كۆكتات قىلىنىدۇ؛  يەرئاستى  غولى ئاچچىق بولۇپ، قوزغاتقۇچى پۇراققا ئىگە.
 ئوزۇقلۇق تەركىبى:   ھەر 100 گرام سامساق تەركىبىدە 4.4 گرام ئاقسىل، 2.0 گرام ياغ، 23 گرام قەنت، بەش مىللىگرام كالتسىي، 44 مىللىگرام فوسفور، 4.0 مىللىگرام تۆمۈر، 9.0 مىللىگرام ۋىتامىن B1، ئۈچ مىللىگرام ۋىتامىن C بار. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاز مىقداردا سىنك، مىس، ماگنىي قاتارلىق مىكرو ئېلېمېنتلارمۇ بار.
 تەبىئىتى:  قۇرۇق ئىسسىق.
 شىپالىق رولى:  بەدەننى قۇۋۋەتلەش، يەل ماڭدۇرۇش، ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، قان تازىلاش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋان قىلىش، تەرلىتىش، تەم پەيدا قىلىش، قان جانلاندۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش، ئاغرىق توختىـتىش، ھەرخىل مىكروبلارنى ئۆلتۈرۈش ۋە تورمۇزلاش.
 ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
      پۇتىغا قاداق پەيدا بولۇپ قالغاندا، سامساقنى سوقۇپ تەييارلاپ بولغاندىن كېيىن قاداق ئورنىنى پاكىز يۇيۇپ، ئىتتىك پىچاق بىلەن قاداقنىڭ قاسرىقىنى ئېلىۋېتىپ، قاداقنىڭ مەركىزىي قىسمىدىن ئازراق قان چىقىرىپ ياكى قان چىققۇدەك دەرىجىگە كەلتۈرۈپ، يۇمشاق سوقۇلغان سامساقنى قاداق ئورنىغا ئىككى - ئۈچ قېتىم تەكرار تېڭىپ بەرسە، قاداقنى يىلتىزىدىن تۈگىتىدۇ.
   سامساقنى سىركىگە چىلاپ يەپ بەرسە، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. پالەچ، لەقۋا، نىقرەس، مۇپاسىل، رەئىشە، ئولتۇرغۇچ نېرۋا ئاغرىقى قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
   سامساقنى قاينىتىپ، ھورىغا يەڭگىگەن ئاياللارنى ئولتۇرغۇزسا، بالا ھەمراھىنى چۈشۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
   سامساقنى ئاقلاپ شۈمۈپ بەرسە ياكى سامساق شىرنىسىدىن ھەر ئۈچ - تۆت سائەتتە بىر قېتىم 12 - 25 گرام يەپ بەرسە، گال ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
   سامساقنى پۇراپ بەرسە، دەسلەپكى كۆكيۆتەلگە ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.
 سامساقنى ئېزىپ ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يالاپ بەرسە، كۆكيۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
   سامساق شىرنىسىنى ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ، ئۇزۇن مۇددەت كۈندە تۆت قېتىمدىن ئىستېمال قىلىپ بەرسە، بەلغەم بوشىتىدۇ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ، ئۇيقۇ كەلتۈرىدۇ، تۇبېركۇلوز كېسەللىكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
   سامساقنى داۋاملىق يەپ بەرسە يەل ھەيدەيدۇ، قورساق ئاغرىقىنى پەسەيتىپ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ.
   سامساقنى كۈنجۈت يېغى بىلەن پىشۇرۇپ يەرلىك ئورۇننى مايلاپ بەرسە، بوغۇم ۋە بەل ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
   سامساقنى نۆشۈدۈر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ سوقۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە ئاق كېسەلگە، بەھەقكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
   سامساقنى زەھەرلىك ھاشاراتلار چېقىۋالغان ئورۇنغا سۈركەپ بەرسە، ئاغرىق پەسەيتىدۇ، زەھەر قايتۇرىدۇ.
   سامساقنى سىقىپ شىرنىسىنى چىقىرىپ، سۇ ياكى مۇۋاپىق كېلىدىغان شەربەتلەر بىلەن چوڭلار 4 - 6 سائەتتە 2 - 4 مىللىلىتىر، بالىلار بىر - ئىككى مىللىلىتىر ئىچىپ بەرسە، ئۈچەي كېزىكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
   ياز ۋە كۈز پەسىللىرىدە ھەر كۈنى بىرنەچچە تال خام سامساقنى يەپ بەرسە، تولغاق ۋە ئۈچەي ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
   قىش پەسلىدە سامساقنى يۇمشاق سوقۇپ، سۈيىگە 10 ھەسسە سۇ قوشۇپ، بۇرۇنغا كۈندە بىر قېتىم تېمىتىپ تۇرسا، يۇقۇملۇق زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
   سامساقنى يۇمشاق سوقۇپ، سۈيىنى ئۈششۈگەن يەرگە كۈندە بىر قېتىمدىن ئۇدا بەش - ئالتە كۈن سۈرسە، ئۈششۈك يارىسىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
   كېكىردەك ئاغرىپ قالغاندا سامساقنى چايناپ سۈيىنى شورىسا، ياللۇغ قايتۇرۇپ، ئاغرىق توختىتىدۇ.
   سامساقنى يۇمشاق سوقۇپ سۈيىنى ھەرە چېقىۋالغان يەرگە سۈركىسە، ئىششىق ياندۇرىدۇ.
   چىشنىڭ قۇرت يېگەن يېرىنى پاكىز تازىلاپ، سوقۇلغان سامساقتىن بىر ئاز تىقىپ قويسا، چىش ئاغرىقىنى توختىتىدۇ.
   ئەگەر ئاچچىق - چۈچۈك مېۋىلەرنى يېگەنلىك سەۋەبىدىن چىش قاماپ قالسا، خام سامساقنى چاينىسا ئوڭشىلىپ قالىدۇ.
   قىزىل پوست سامساقتىن  20 گرام ئېلىپ يۇمشاق  سوقۇپ،  200 مىللىلىتىر 95% لىك ئىسپىرتقا چىلاپ، 10 كۈن تۇرغۇزغاندىن كېيىن  سۈيىنى ئېلىپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 مىللىلىتىردىن ئىچىپ بەرسە، باكتېرىيىلىك تولغاققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
   ئىككى باش سامساقنى 15 گرام  ئاق تۇرۇپ، ئىككى تال سۇڭپىياز، سەككىز گرام دولانا،  ئالتە گرام چۈچۈكبۇيا بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ، ئۈچكە بۆلۈپ ئىچىپ بەرسە، زۇكام ۋە كانايچە ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
   سامساق ۋە  يېپىشقاق تېرىقتىن 35 گرامدىن ئېلىپ،  يېپىشقاق تېرىقنى قاينىتىپ شوۋىگۈرۈچ قىلىپ، سامساقنى قايناق سۇدا سەللا قاينىتىپ )سىرتى پىشقان، ئىچى خام بولۇش كېرەك( قوشۇپ، كۈنىگە ئىككى قېتىمدىن ئىچىپ بەرسە، ئۆپكە سىلىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
   پوستى ئېلىۋېتىلگەن سامساقتىن 35 گرام ئېلىپ،  ئېزىپ 100 مىللىلىتىر سۇغا  بىر كېچە چىلاپ قويغاندىن كېيىن، ئۈستىدىكى سۈزۈلگەن سۈيىنى ئېلىپ، مۇۋاپىق مىقداردا ئاق شېكەر قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، كۆكيۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
   سامساق يەپ، ئېغىز سېسىق پۇرىسا، قېنىق  دەملەنگەن چاي ئىچىۋەتسە ياكى چاي شامىسىنى چاينىسا، سېسىق پۇراق يوقايدۇ.
   سامساقتىن 30 گرام، قارا شېكەردىن 150 گرام، ئاچچىقسۇدىن 500 مىللىلىتىر ئېلىپ، قارا شېكەرنى ئاچچىقسۇ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، ئۈستىگە سامساقنى سېلىپ بىر كۈن تۇرغۇزۇپ، ھەر كۈنى ئەتىگەن، تاماقتىن ئىلگىرى، چىلانغان سامساقتىن بىر - ئىككى دانە، شېكەر، ئاچچىقسۇ سۈيىدىن 20 ~ 30 مىللىلىتىر ئىستېمال قىلىپ بەرسە، يۆتەل پەسەيتىپ، ھاسىراشنى توختىتىدۇ.
   سامساقتىن 250 گرام، ئاچچىقسۇدىن 250 مىللىلىتىر، قارا شېكەردىن 90 گرام ئېلىپ، سامساقنى ئاقلىۋېتىپ، چوڭراق قىلىپ توغراپ، قارا شېكەر بىلەن بىرلىكتە ئاچچىقسۇغا بىر ھەپتە چىلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 - 20 مىللىلىتىرنى مۇۋاپىق مىقداردىكى قايناق سۇدا تەڭشەپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، جاراسىملارنى يوقىتىپ، نەپەس يوللىرىنى تازىلايدۇ، بەلغەم بوشىتىپ، يۆتەل پەسەيتىدۇ.
   سامساقتىن 15 گرام، تۇز، ئاچچىقسۇدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سامساقنى يۇمشاق ئېزىپ، تۇز ۋە ئاچچىقسۇ بىلەن قوشۇپ، ئاشقازان ئاغرىغان ۋاقىتتا ئىسسىق ھالەتتە ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئاشقازاننى كۈچەيتىپ، ھەزىمنى ياخشىلايدۇ، ئاغرىق پەسەيتىدۇ.
   سامساق، خام زەنجىۋىلدىن 100 گرام، ئاچچىقسۇدىن 500 مىللىلىتىر ئېلىپ، خام زەنجىۋىلنى يۇيۇپ توغراپ، سامساق بىلەن بىرلىكتە ئاچچىقسۇغا بىر ئاي ئەتراپىدا چىلاپ، كۈندە بىر قېتىم، مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئاشقازان خىزمىتىنى ياخشىلاپ، ھەزىمنى كۈچەيتىدۇ، سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
   سامساقتىن 50 گرام، قوي گۆشىدىن 250 گرام، تۇزدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، قوي گۆشى بىلەن سامساقنى پاكىز تازىلاپ، نېپىز توغراپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇغا سېلىپ دۈملەپ پىشۇرۇپ، تۇز بىلەن تەمىنى تەڭشەپ، كۈندە ئىككى قېتىم، مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ، باھ ئاجىزلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
   سامساق، قارا شېكەردىن 10 گرامدىن، زەنجىۋىلدىن 15 گرام ئېلىپ، خۇرۇچلارنى پاكىز تازىلاپ، 300 مىللىلىتىر سۇ قوشۇپ، دۈملەپ پىشۇرۇپ )سۇدىن ئايرىپ(، ئاندىن كېيىن تىرىپلىرىنى ئېلىۋېتىپ، كۈندە بىر - ئىككى قېتىم، مۇۋاپىق مىقداردا ئىسسىق پېتى ئىستېمال قىلىپ بەرسە، جاراسىملارنى يوقىتىپ،  نەپەس يوللىرىنى تازىلايدۇ، كۆكيۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
   سامساقنىڭ تەمى ئاچچىق، تەسىر قوزغاش خاراكتېرى ناھايىتى كۈچلۈك بولغاچقا، ئۇنى كۆپ يېيىشكە بولمايدۇ، بولۇپمۇ ئاشقازان يارىسى ۋە ئاشقازان كېسەللىكى بار كىشىلەر سامساقنى كۆپ يېيىشتىن قاتتىق ساقلىنىش لازىم.
 


 

 
 
 

 

 

 





 
 
 

 

 

 




شىركىتىمىزگە قاراڭ | ئالاقىلىشامسىز؟ | يالغۇزلا ماڭامسىز؟ | بۇغداي سۆزىمىز بار | ھەممە ئاڭلىسۇنمۇ؟ | بېكىتىمىز بوپتىمۇ؟ | قوشۇۋېلىڭچۇ   
بارلىق ھوقۇق  شىنجاڭ ‹‹بىلقۇت›› ئېلېكترون پەن- تېخنىكا تەرەققىيات چەكىلىك شىركىتگە تەۋە 


新疆碧黎库特电子科技开发有限公司
    QQ:   250092392 (Raziman)    ,   502410794(Bilqut)        
新ICP备07002316