تۇرۇپ
بۇ كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى پەيسىمان يېرىلغان بولىدۇ؛ گۈلى ئاق ياكى سۇس سۆسۈن رەڭدە، ئاق يىلتىزى يوغان بولۇپ، سلىندىر ياكى شار شەكلىدە كېلىدۇ؛ پوستىنىڭ رەڭگى سورتلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ پەرقلىنىدۇ، ئادەتتە كۆكتات ھېسابلىنىدۇ، تەمى چۈچۈمەل.
ئوزۇقلۇق تەركىبى: ھەر 100 گرام تۇرۇپ تەركىبىدە 6.0 گرام ئاقسىل، ئالتە گرام قەنت، 49 مىللىگرام ۋىتامىن B1،40.0 مىللىگرام ۋىتامىنB21، 5.0 مىللىگرام ۋىتامىن PP، 33 مىللىگرام ۋىتامىن C بار.
تەبىئىتى: ھۆل ئىسسىق.
شىپالىق رولى: ھەزىمنى ياخشىلاش، ئىشتىھانى ئېچىش، يەل ھەيدەش، قان تومۇرلارنى راۋانلاشتۇرۇش، ئۆپكىنى تازىلاش، سۈيدۈك ھەيدەش.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
تۇرۇپنى پاكىز يۇيۇپ، توغراپ خام سەيقىلىپ يەپ بەرسە گال ئاغرىقىغا شىپا قىلىدۇ.
تۇرۇپنى نېپىز يالپاقلاپ ئۈششۈپ قالغان ئورۇنغا كۈنىگە نەچچە قېتىم تاكى قىزىقلىق ھېس قىلغۇچە سۈرتۈپ بەرسە ئۈششۈككە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئاق تۇرۇپنى قاينىتىپ، سۈيىدە پۇتنى يۇيۇپ بەرسە، پۇت تەرلەشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئاق تۇرۇپنى توغراپ سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ دائىم ئىچىپ بەرسە، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىدۇ.
خام تۇرۇپنى كۈندە ئىككى تالدىن يەپ بەرسە ئىشتىھانى ئاچىدۇ، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
بىر كىلوگرام كۆك تۇرۇپنى پاكىز يۇيۇپ، يالپاقلاپ توغرىغاندىن كېيىن 300 مىللىلىتىر سۇغا سېلىپ، 100 مىللىلىتىر سۈيى قالغىچە قاينىتىپ، پىسەپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ، سۈيىگە 200 گرام ساپ ھەسەل ئارىلاشتۇرۇپ كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا يوغان قوشۇقتا بىر قوشۇقتىن ئىچىپ بەرسە، يۆتەل توختىتىدۇ.
كۆك تۇرۇپنى مۇۋاپىق مىقداردا ئېزىپ 030 مىللىلىتىر ئەتراپىدا سۈيىنى چىقىرىپ، ئۇنىڭغا 30 گرام ساپ ھەسەلنى ئارىلاشتۇرۇپ كۈندە ئۈچ قېتىم مۇۋاپىق مىقداردا قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە دەم سىقىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
كۆك تۇرۇپنى سىقىپ مۇۋاپىق مىقداردا سۈيىنى
چىقىرىپ، سۈيىگە باراۋەر مىقداردا سوۋۇتۇلغان قايناق سۇنى ئارىلاشتۇرۇپ، كۈندە بىرقانچە قېتىم ئېغىزنى چايقاپ بەرسە، ئېغىز بوشلۇقى ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
سىقىپ چىقىرىلغان 50 گرام تۇرۇپ سۈيىگە نېلۇپەر يوپۇرمىقى سۈيىنى ئارىلاشتۇرۇپ، كۈندە ئىككى قېتىم ئىچىپ بەرسە، سەۋەبى ئېنىق بولمىغان قان ئارىلاش قۇسۇشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
تۇرۇپنى قېلىنراق يالپاقلاپ، مەشنىڭ ئۈستىگە قويۇپ قىزىتقاندىن كېيىن، ئۈششۈپ قالغان يەرلىك ئورۇنغا سۈركەپ بەرسە )بۇ ئۇسۇلنى تاكى ئۈنۈمى بولغۇچە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك(، ئۈششۈكتىن بولغان قىچىشىش ۋە يېنىكرەك ئۈششۈك يارىسىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
يېڭى تۇرۇپنىڭ ئېزىپ چىقىرىلغان 500 گرام سۈيىگە مۇۋاپىق مىقداردا بورنىئول )بىڭپيەن( ئارىلاشتۇرۇپ، كۈندە ئۈچ - تۆت قېتىم بۇرۇنغا تېمىتىپ بەرسە، باشنىڭ يېرىمى ئاغرىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ )باشنىڭ سول تەرىپى ئاغرىسا بۇرۇننىڭ ئوڭ تۆشۈكىگە، باشنىڭ ئوڭ تەرىپى ئاغرىسا، بۇرۇننىڭ سول تەرىپىگە تېمىتىش كېرەك(.
تۇرۇپنى خام يەپ بەرسە ياكى 50 گرام تۇرۇپ ئۇرۇقىنى چالىراق قورۇۋېتىپ قايناق سۇ بىلەن دەملەپ
ئىچسە، ھەزىم ئاجىزلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئېتىزلىققا قىرو چۈشكەندە يۇلۇۋالغان تۇرۇپنى ئېزىپ سۈيىنى چىقىرىپ سۈيىگە مۇۋاپىق مىقداردا ناۋات ئارىلاشتۇرۇپ قاينىتىپ، كۈندە ئىككى قېتىم، ھەرقېتىمدا بىر قوشۇقتىن ئىچىپ بەرسە، بەلغەملىك يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
قۇرۇتۇلغان تۇرۇپتىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ پىسەپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ، سۈيىنى سوۋۇتۇپ كۈندە ئىككى قېتىم مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىپ بەرسە، ئىچ سۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
50 گرام تۇرۇپ سۈيىگە 50 گرام ساپ ھەسەلنى ئارىلاشتۇرۇپ، كۈندە ئۈچ قېتىم مۇۋاپىق مىقداردا قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، تولغاققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
تۇرۇپنىڭ سۈيىنى پات - پات ئىچىپ بەرسە، كۆمۈر گازى بىلەن زەھەرلىنىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
150 گرام تۇرۇپ سۈيىگە 50 گرام سېرىق شېكەر ئارىلاشتۇرۇپ، كۈندە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا يوغان بىر قوشۇقتىن ئىچىپ بەرسە، قان بېسىم يۇقىرىلىقتىن بولغان باش قېيىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى تۇرۇپ ئۇرۇقىنى سارغايغىچە قورۇپ، تالقانلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېـتىمدا 20 گرامدىن ئازراق شېكەر قوشۇلغان قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، ئادەتلىنىش خاراكتېرلىك قەۋزىيەتكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
تۇرۇپنىڭ ئىچىنى ئويۇپ ئېلىۋېتىپ، چامغۇر ئۇرۇقىنى تولدۇرۇپ، ئاغزىنى ئېتىپ، خېمىر بىلەن ئوراپ، ئوتقا كۆمۈپ پىشۇرۇپ، ھەسەل بىلەن ئۇدا ئۈچ كۈن يەپ بەرسە، دوۋساقتىكى تاشنى چۈشۈرىدۇ.
تۇرۇپنىڭ ئۇرۇقىنى ئېزىپ ھاراققا ئارىلاشتۇرۇپ، زەھەرلىك ھاشاراتلار ۋە يىلان چاققان ئورۇنغا چاپلىسا، زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ئاغرىق پەسەيتىدۇ.تۇرۇپنى سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ، سۈيىنى بەدەنگە سۈركەپ بەرسە، زەھەرلىك ھاشاراتلار چاقمايدۇ.
تۇرۇپنى ئۇزۇن مۇددەت يەپ بەرسە، رەڭگىرويىنى گۈزەللەشتۈرىدۇ.
تۇرۇپ يوپۇرمىقىنى سىقىپ، سۈيىنى چىقىرىپ، 30 گرام سۈيىگە مۇۋاپىق مىقداردا سىركەنجىۋىل قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، دوۋساقتىكى تاشنى چۈشۈرىدۇ.
تۇرۇپنى ئېزىپ سۈيىنى چىقىرىپ، مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىپ بەرسە، تاماق سىڭدۈرىدۇ، جىگەر ۋە تالنىڭ توسالغۇلىرىنى ئاچىدۇ، ئىستىسقا ۋە يەرقان كېسەللىكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
تۇرۇپنى قاينىتىپ سۈيىنى چىقىرىپ، سىركەنجىۋىل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ غار - غار قىلسا، ئاۋازنى ئاچىدۇ.
تۇرۇپنى تاماقتىن كېيىن يەپ بەرسە، تاماق سىڭدۈرىدۇ.
تۇرۇپنى خام ھالەتتە توغراپ تۇز سېپىۋېتىپ يەپ بەرسە، ئىشتىھانى ئاچىدۇ، تاماق سىڭدۈرىدۇ.
تۇرۇپنىڭ يوپۇرمىقىنى پىشۇرۇپ، زەيتۇن يېغى ياكى سېرىقماي بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلسا، يەل تارقىتىپ، تاماق سىڭدۈرىدۇ.
تۇرۇپتىن ياغ چىقىرىپ قۇلاققا تېمىتسا، قۇلاق ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ، يەل تارقىتىدۇ.
تۇرۇپنىڭ ئىچىنى ئويۇپ ئېلىۋېتىپ، ئىچىگە گۈل يېغى قۇيۇپ، ئوتتا قويۇپ، قاينىغاندا ئېلىپ ئىلمان ھالدا قۇلاققا تېمىتسا، قۇلاق ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ.
تۇرۇپنىڭ سۈيىنى گۈل يېغى بىلەن قاينىتىپ، ئىلمان ھالدا قۇلاققا تېمىتسا، يەل تارقىتىپ، ئاغرىق پەسەيتىدۇ.
تۇرۇپتىن 20 گرام، بېلىق گۆشىدىن 50 گرام، ئاچچىقسۇدىن 20 مىللىلىتىر، تۇزدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، تۇرۇپ بىلەن بېلىق گۆشىنى نېپىز توغراپ، 500 مىللىلىتىر سۇدا پىشۇرۇپ، ئۈستىگە
ئازراق لىمون شەربىتى، ئاچچىقسۇ ۋە تۇز قوشۇپ تەمىنى تەڭشەپ، كۈندە ياكى ئىككى كۈندە بىر قېتىم، تاماقتىن كېيىن مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، توسالغۇلارنى ئاچىدۇ، قان تومۇرلارنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ياخشىلاپ، يۇقىرى قان بېسىمغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
تۇرۇپتىن 80 گرام، چاي يوپۇرمىقىدىن بەش گرام، تۇزدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، تۇرۇپنى ئاقلاپ قازاندا پىشۇرۇپ، تۇز قوشۇپ تەمىنى تەڭشەپ، چاي يوپۇرمىقى بىلەن قايناق سۇدا 10 مىنۇت دەملەپ، كۈندە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 20 ~ 30 مىللىلىتىر ئىستېمال قىلىپ بەرسە )ئۇدا 5 ~ 10 كۈن ئىچكەندە ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ(، نەپەسنى راۋانلاشتۇرۇپ، كاناي ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
تۇرۇپتىن 300 گرام، قوي گۆشىدىن 500 گرام، ئاشپۇرچاقتىن 100 گرام، ئالمىدىن 10 گرام، خام زەنجىۋىلدىن 10 گرام، يۇمغاقسۈت، قارىمۇچ، تۇز، ئاچچىقسۇ قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، ئاۋۋال قوي گۆشىنى يۇيۇپ، ئۈچ سانتىمېتىر ئەتراپىدا توغراپ، تۇرۇپنىمۇ ئۈچ سانتىمېتىر ئەتراپىدا توغراپ، ئاندىن ئالما، قوي گۆشى، ئاشپۇرچاق، خام زەنجىۋىل قاتارلىقلارنى قازانغا سېلىپ، مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قۇيۇپ، كۈچلۈك ئوتتا بىر سائەت قاينىتىپ، ئاندىن تۇرۇپنى سېلىپ پىشۇرۇپ، ئارقىدىن يۇمغاقسۈت، قارىمۇچ، تۇز قاتارلىقلارنى قوشۇپ، كۈندە بىر - ئىككى قېتىم، ئازراق ئاچچىقسۇ قوشۇپ، يېمەكلىك ئورنىدا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئاشقازان خىزمىتىنى ياخشىلاپ، ھەزىم ناچارلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
تۇرۇپ، سۇپارىدىن 10 گرام، ئاپېلسىن پوستى بەش گرام، ئاق شېكەردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، خۇرۇچلارنى 300 مىللىلىتىر سۇدا قايناتقاندىن كېيىن، تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ، چاي ئورنىدا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ياللۇغ قايتۇرۇپ، ھەزىمنى ياخشىلايدۇ، ئاشقازان ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
تۇرۇپ، ئامۇتلاردىن بىر تال، سوغىگۈلدىن ئالتە گرام ئېلىپ، ئامۇتنى پاكىز يۇيۇپ، تۆشۈك ئېچىپ ئۇرۇقىنى كولاپ چىقىرىۋېتىپ، سوغىگۈلنى ئېزىپ، تۇرۇپ بىلەن بىللە نەشپۈتنىڭ ئىچىگە سېلىپ قازانغا تاشلاپ، ئىككى چىنە سۇدا قاينىتىپ ياكى يالپاقلانغان تۇرۇپنى سوغىگۈل ۋە نەشپۈت بىلەن بىرگە بىر قاچا سۇدا قاينىتىپ، شىرنىسىنى ئېلىپ ئىككى قېتىمدا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، نەپەس يوللىرىنى سىلىقلاپ، يۆتەل توختىتىدۇ.
تۇرۇپتىن بىر دانە، زەيتۇندىن 10 دانە، ئاق شېكەردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، خۇرۇچلارنى پاكىز تازىلاپ، توغراپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا قاينىتىپ، كۈندە ئىككى - ئۈچ قېتىم، مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ياللۇغ قايتۇرۇپ، ئىششىق ياندۇرىدۇ، يۇتقۇنچاقنى سىلىقلاشتۇرىدۇ.
سامساقتىن 30 گرام، ناۋاتتىن 90 گرام، ئۇزۇن ۋاقىت ساقلانغان ئاچچىقسۇدىن 300 مىللىلىتىر ئېلىپ، سامساقنىڭ سىرتقى پوستىنى ئېلىپ تاشلاپ، ناۋات بىلەن بىرلىكتە ئاچچىقسۇغا يەتتە كۈن چىلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا سامساقتىن بىر - ئىككى دانە، سۈيىدىن 20 ~ 30 مىللىلىتىر ئىستېمال قىلىپ بەرسە، زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، جاراسىملارنى ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق، ئۆپكە سىلى ۋە كاناي ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
تۇرۇپتىن بىر دانە، تاش ئالمىدىن 10 دانە، ھەسەلدىن 100 گرام ئېلىپ، تۇرۇپ بىلەن ئالمىنى پاكىز تازىلاپ، پوستىنى سويۇۋېتىپ توغراپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا قاينىتىپ، ھەسەلنى ئارىلاشتۇرۇپ كۈندە بىر - ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا تۇرۇپ ۋە ئالمىسىنى يەپ سۈيىنى ئىچىپ بەرسە، ياللۇغ قايتۇرۇپ، ئاغرىق پەسەيتىدۇ، تولغاققا مەنپەئەت قىلىدۇ.