ئابدىمىلىك تونۇش بۇ سۈتلۈكئوت ئائىلىسىدىكى بىر ياكى كۆپ يىللىق شادا غوللۇق، ئابدىمىلىككە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، يوپۇرمىقى چوڭ ئالىقانسىمان يېرىلىدۇ، كونۇسسىمان گۈل رېتىدە چېچەكلەيدۇ. دورىلىق قىسمى دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى، يوپۇرمىقى ۋە يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ. يىغىپ تەييارلاش بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى ۋە يوپۇرمىقىنى ياز پەسلىدە، يىلتىزىنى خالىغان ۋاقىتتا يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتلىدۇ. تەبىئىتى ھۆل سوغۇق. خۇسۇسىيىتىئىششىق ياندۇرۇش، يىرىڭنى چىقىرىش، زەھەر قايتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئىشلىتىش مىقدارى ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ. ئابدىمىلىك تەركىبلىك رېتسېپلار ئالتە تال ئابدىمىلىك ئۇرۇقىغا 24 گرام ياز غازىڭى بىلەن قوشۇپ ئىككى سائەت ئەتراپىدا قاينىتىپ، ئابدىمىلىك ئۇرۇقىنى سۈزۈپ ئىستېمال قىلىپ، سۈيىنى ئۈچكە بۆلۈپ ئىچسە، لىمفا سىلىغا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. ئابدىمىلىك يوپۇرمىقىنى سۇدا قاينىتىپ، يەرلىك ئورۇننى يۇيۇپ بەرسە، قوتۇرغا مەنپەئەت قىلىدۇ. ئابدىمىلىك يوپۇرمىقىنى ئېزىپ، ئىككى تاپاننىڭ ئوتتۇرىسىغا چاپسا، تۇغۇتنى تېزلىتىدۇ. ئابدىمىلىك ئۇرۇقىنىڭ شاكىلىنى ئېلىۋېتىپ، ئېزىپ خېمىر قىلىپ، لاتىغا ئوراپ تاپاننىڭ ئوتتۇرىسىغا چاپسا، تۇغۇتنى تېزلىتىدۇ. ئابدىمىلىك ئۇرۇقىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ ئېزىپ، كونا ئاچچىقسۇ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، يەرلىك ئورۇنغا چاپسا، يۈز نېرۋا پالەچلىكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. 20 ~ 30 تال ئابدىمىلىك ئۇرۇقىنى ئېزىپ، ئاق قەغەزگە يېيىتىپ، كىندىك ئاستىغا چاپسا، بالىياتقۇ تۆۋەنلەپ كېتىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. ئىشلىتىش مىقدارىئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ. |