كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس

ئۆسۈملۈك - ئۆسۈملۈك - مارالقۇلاق سىزنىڭ ئورنىڭىز:

مارالقۇلاق

مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-10-10 22:00:40 كۆرۈلىشى: 6



مارالقۇلاق
تونۇش    بۇ پىياز گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى  كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق، مارالقۇلاققا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 5.0 - 1 مېتىر؛ يەر ئاستى قىسمى سۇڭپىياز يىلتىزىغا ئوخشايدۇ، چاچما يىلتىزلىرى توم، قىسقا، سېرىق، غولى تىك تۈۋرۈكسىمان بولىدۇ؛  يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن، شەكلى كەڭ تۇخۇمسىمان ۋە كەڭ تۇخۇمسىمان تېمىنە شەكلىدە،  تولۇق گىرۋەكلىك بولىدۇ، يوپۇرماق تۈۋى تارىيىپ، تۆۋەنگە سوزۇلۇپ، غولنى غىلاپ شەكلىدە ئوراپ تۇرىدۇ. گۈل رېتى چوڭ كونۇسسىمان بولۇپ، گۈلى قولتۇقىدا ياكى ئۇچىدا ئۆسىدۇ،  رەڭگى سېرىق بولىدۇ.دورىلىق قىسمىدورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى ۋە پۈتۈن چۆپى ئىشلىتىلىدۇ.
يىغىپ تەييارلاش يازدا گۈلى ئېچىلىشتىن ئاۋۋال قېزىپ يىغىۋېلىپ، پاكىزلاپ، كېسىپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ  ئىشلىتىلىدۇ.
تەبىئىتى تەمى ئاچچىقراق تاتلىق، تەبىئىتى سوغۇق، زەھەرلىك. قۇستۇرىدۇ، قۇرتلارنى ئۆلتۈرىدۇ.
ئۆسۈش ئورنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ  ئالتاي، تارباغاتاي قاتارلىق جايلىرىدىكى چىمەنلىك ۋە ئورمانلىقلاردا ئۆسىدۇ.
خۇسۇسىيىتىتوسالغۇلارنى ئېچىش، قۇستۇرۇش، قۇرتلارنى ئۆلتۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.ئىشلىتىش مىقدارى ئەھۋالغا قاراپ  2 ~ 4 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
مارالقۇلاق تەركىبلىك رېتسېپلار
مارالقۇلاق ۋە سۈتلۈكئوتتىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، مەلھەم قىلىپ، زەخىملەنگەن ئورۇنغا چاپسا، قاتما كېسىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
 10 گرام مارالقۇلاققا بۇۋانە ۋە شوردىن 21 گرامدىن قوشۇپ قاينىتىپ، تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ، 10 گرام زەرنىخ ئارىلاشتۇرۇپ يەرلىك ئورۇننى يۇيۇپ بەرسە، باش تەمرەتكىسى ۋە بەدەن تەمرەتكىسىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
مارالقۇلاقنى تالقان قىلىپ چىشقا باسسا، قۇرت يېگەن چىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مارالقۇلاق يىلتىزىنى سوقۇپ قايناق سۇ بىلەن 5.0 گرامدىن ئىچىپ بەرسە، ئۇرۇلۇپ - سوقۇلۇشتىن بولغان زەخىملىنىش ۋە رېماتىزمغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

شىركىتىمىزگە قاراڭ | ئالاقىلىشامسىز؟ | يالغۇزلا ماڭامسىز؟ | بۇغداي سۆزىمىز بار | ھەممە ئاڭلىسۇنمۇ؟ | بېكىتىمىز بوپتىمۇ؟ | قوشۇۋېلىڭچۇ   
بارلىق ھوقۇق  شىنجاڭ ‹‹بىلقۇت›› ئېلېكترون پەن- تېخنىكا تەرەققىيات چەكىلىك شىركىتگە تەۋە 


新疆碧黎库特电子科技开发有限公司
    QQ:   250092392 (Raziman)    ,   502410794(Bilqut)        
新ICP备07002316