كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس

ئۆسۈملۈك - ئۆسۈملۈك - مىڭيوپۇرماق سىزنىڭ ئورنىڭىز:

مىڭيوپۇرماق

مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-10-10 22:00:20 كۆرۈلىشى: 7



مىڭيوپۇرماق
تونۇش   بۇ  مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى  كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، مىڭيوپۇرماققا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 30 - 80 سانتىمېتىر؛ يەر ئاستى غولى توغرىسىغا ئۆسىدۇ، نۇرغۇنلىغان خورما رەڭ چاچما يىلتىزلىرى بار، غولى تىك، ئۇزۇنىسىغا ئېرىقچىلىرى بار، قىسقا، يۇمشاق تۈكلەر بىلەن قاپلانغان؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن، سېپى يوق، يىپسىمان تېمىنە شەكلىدە، بىر - ئىككى قايتىلانغان پەيسىمان يېرىلغان. ھەربىر يېرىقچە يوپۇرماقچىلىرىنىڭ شەكلى يىپسىمان بولىدۇ؛ گۈل رېتى باشسىمان بولۇپ، ئۇچىدا ئۆسىدۇ، كۆپلىگەن ئۇششاق گۈللىرى توپلىشىپ ئۆسىدۇ، گۈلى ئاق ياكى سۇس بېغىر رەڭ، ئۇرۇق مېۋىسى ياپىلاق، قاناتلىق بولىدۇ.دورىلىق قىسمىدورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يەر ئۈستى قىسمى ئىشلىتىلىدۇ.
يىغىپ تەييارلاش ياز پەسلىدە يىغىۋېلىپ، كېسىپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
تەبىئىتى ھۆل سوغۇق.
ئۆسۈش ئورنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى نەملىك ۋە ئېرىق - ئۆستەڭ بويلىرىدا ئۆسىدۇ.
خۇسۇسىيىتىقان توختىتىش، زەھەر تارقىتىش، ئىششىق ياندۇرۇش، قاننى جانلاندۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
مىڭيوپۇرماق تەركىبلىك رېتسېپلار
ھۆل مىڭيوپۇرماقتىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، ئۇنىڭغا خام زەنجىۋىلدىن ئازراق قوشۇپ سوقۇپ، ھاراق بىلەن قوشۇپ قىزىتىپ يەرلىك ئورۇنغا چاپسا، ھەرخىل سەۋەبتىن  زەخىملىنىش، سۇنۇق، رېماتىزمغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
20 گرام مىڭيوپۇرماقنى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، كانايچە ياللۇغى، بادامسىمان بەز ياللۇغى، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش، قان تۈكۈرۈش، قان قۇسۇشلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
33 گرام مىڭيوپۇرماقنى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، زەھەرلىك يىلان چاققان زەھەرنى قايتۇرىدۇ.
ھۆل مىڭيوپۇرماقنى سوقۇپ يەرلىك ئورۇنغا چاپسا، زەھەر قايتۇرىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ.

شىركىتىمىزگە قاراڭ | ئالاقىلىشامسىز؟ | يالغۇزلا ماڭامسىز؟ | بۇغداي سۆزىمىز بار | ھەممە ئاڭلىسۇنمۇ؟ | بېكىتىمىز بوپتىمۇ؟ | قوشۇۋېلىڭچۇ   
بارلىق ھوقۇق  شىنجاڭ ‹‹بىلقۇت›› ئېلېكترون پەن- تېخنىكا تەرەققىيات چەكىلىك شىركىتگە تەۋە 


新疆碧黎库特电子科技开发有限公司
    QQ:   250092392 (Raziman)    ,   502410794(Bilqut)        
新ICP备07002316