گۈلەمبەر تونۇش ئېيىقتاپانلىقلار ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق گۈلەمبەرگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 30 - 120 سانتىمېتىر. پۈتۈن تېنىدا ئاق تۈكلەر بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، ئالىقانسىمان يېرىلىدۇ، يېرىقچە يوپۇرماقلىرىدا رەتسىز كەمتۈكلەر بولىدۇ؛ گۈلى كۆك بولۇپ، شەكلى ئۇچۇۋاتقان قۇشقا ئوخشايدۇ، مېۋىسى غۇنچە مېۋە. ئورمانلىق ۋە تاغ باغرىدىكى نەم يەرلەردە بولىدۇ.دورىلىق قىسمىدورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن تېنى ئىشلىتىلىدۇ. يىغىپ تەييارلاش ياز ياكى كۈزدە يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق. ئۆسۈش ئورنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئورمانلىق ۋە تاغ باغرىدىكى نەملىكلەردە ئۆسىدۇ. خۇسۇسىيىتىقىزىتمىنى پەسەيتىش، ئاغرىق پەسەيتىش، قۇرت ئۆلتۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.ئىشلىتىش مىقدارى ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ. گۈلەمبەر تەركىبلىك رېتسېپلار گۈلەمبەرنى قاينىتىپ، ئېغىزنى چايقاپ بەرسە(يۇتۇۋېتىشكە بولمايدۇ)، ئىسسىق يەلدىن بولغان چىش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. گۈلەمبەرنى قاينىتىپ بەدەننى يۇسا، پىتنى ئۆلتۈرىدۇ. گۈلەمبەر يوپۇرمىقىنى قاينىتىپ باشنى يۇسا، قىزىتمىنى ياندۇرۇپ، ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. گۈلەمبەرنىڭ گۈلىنى ئېزىپ جىگەر ئەتراپىغا تاڭسا، جىگەرنىڭ ھارارىتىنى تۆۋەنلىتىپ، ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ. |