ئادراسمان تونۇش بۇ ئوغرىتىكەن ئائىلىسىدىكى، ئادراسمانغا ئۇرۇقداش كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، پۈتۈن تېنى سېسىق پۇرايدۇ؛ يىلتىزى توم، ئۇزۇن بولۇپ، غولى تۈۋىدىن تۆت تەرەپكە يېيىلىپ شاخلىنىدۇ، تۆۋەن تەرىپى يەر بېغىرلايدۇ، ئۈستى تەرىپى قىيپاش كۆتۈرۈلۈپ ئۆسىدۇ، غولى يۇمىلاق ۋە قىرلىق بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن، بىرقانچە قايتىلىنىپ يېرىلغان بولۇپ، نۇرغۇنلىغان ئاچىماقلىق يىپسىمان يېرىقچىلارغا بۆلۈنگەن؛ گۈلى ئاق، گۈل تاجىسى بەش تال، گۈل كاسسا يوپۇرمىقى بەش تال، شەكلى يىپسىمان يۇمىلاق بولۇپ، غوزا مېۋىسى شارسىمان بولىدۇ.دورىلىق قىسمىدورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يەر ئۈستى قىسمى ۋە ئۇرۇقى ئىشلىتىلىدۇ. يىغىپ تەييارلاشيەر ئۈستى قىسمىنى ياز ۋە كۈزدە يىغىۋېلىپ، كېسىپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، ئۇرۇقى پىشقاندا ئۇرۇقىنى يىغىۋېلىپ، قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق. ئۆسۈش ئورنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يول بويلىرى ۋە چۆل - جەزىرىلەردە ئۆسىدۇ. خۇسۇسىيىتىئۆپكىنى ياشارتىش، يۆتەلنى توختىتىش، ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، زەھەرنى قايتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.ئىشلىتىش مىقدارى ئەھۋالغا قاراپ 1 ~ 2 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. ئادراسمان تەركىبلىك رېتسېپلار ئادراسمان ئۇرۇقىدىن 2 ~ 4 گرام ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، تالقان قىلىپ، ئۇنىڭغا ئاق شېكەر ياكى ھەسەل قوشۇپ قايناقسۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، يۆتىلىپ دېمى سىقىلىشتا ۋە كىچىك تەرەت راۋان بولماسلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ. ئادراسمان ئۇرۇقىنى سوقۇپ، شېكەر ياكى ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىپ بەرسە، يۆتەل، دەم سىقىلىش ۋە سۈيدۈك تۇتۇلۇشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. ئادراسماننى قاينىتىپ سۈزۈپ، يەرلىك ئورۇنغا چاپسا ياكى يۇيۇپ بەرسە، ھەرخىل ئىششىقلارنى ياندۇرىدۇ. ئادراسماننى ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا چاپسا، رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغىغا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. ئادراسمان ئۇرۇقىنى يۇمشاق سوقۇپ، تالقان قىلىپ، مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلسا، قىزىلئۆڭگەچ راكىغا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. |