تۆگىتاپان تونۇش بۇ ئوغرىتىكەن ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، تۆگىتاپانغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 20 - 30 سانتىمېتىر؛ غولىنىڭ تۈۋى ياغاچلاشقان بولۇپ، يۇقىرى قىسمىدىن كۆپ شاخلىنىدۇ. قىيپاش ئۆسىدۇ؛ يوپۇرمىقى ئۇدۇل ئۆسكەن، گۆشلۈك، شەكلى ئۇزۇنراق سوقىچاق، يېيىلىپ ئاچىماق بولۇپ، يوپۇرماق ئوقىنىڭ ئۇچىغا تىزىلغان؛ گۈلى قىزغۇچ بېغىر رەڭ بولۇپ، يوپۇرماق قولتۇقىدىن جۈپ بولۇپ ئۆسۈپ چىقىدۇ. غوزا مېۋىسى تۈۋرۈكسىمان، شەكلى ئۇزۇنراق سوقىچاق بولىدۇ.دورىلىق قىسمىدورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يوپۇرمىقى، گۈلى ۋە ئۇرۇقى ئىشلىتىلىدۇ. يىغىپ تەييارلاش ياز ۋە كۈزدە يىغىۋېلىپ، تازىلاپ، توغراپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق. ئۆسۈش ئورنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تۈزلەڭلىك، تاغ ئېتىكى، بىنام ياكى يول بويلىرىدا ئۆسىدۇ. خۇسۇسىيىتىئاغرىق پەسەيتىش، توسالغۇلارنى ئېچىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.ئىشلىتىش مىقدارى ئەھۋالغا قاراپ 2 ~ 5 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. تۆگىتاپان تەركىبلىك رېتسېپلار ئىككى گرام تۆگىتاپانغا ئون ئىككى گرام يانتاق شېكىرى، بىر گرام ئادراسمان قوشۇپ قاينىتىپ، مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلسا، ئىچكى ئەزالار ئاغرىشقا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. تۆگىتاپاننىڭ گۈلىنى مۇۋاپىق مىقداردا دەملەپ ئىچىپ بەرسە، توسالغۇلارنى ئېچىپ، ئاغرىق پەسەيتىدۇ. تۆگىتاپاننىڭ يوپۇرمىقىنى ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا چاپسا، ھەرخىل ئىششىقلارنىڭ ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ. تۆگىتاپاننىڭ ئۇرۇقىنى سوقۇپ، بىنەپشە شەربىتىگە قوشۇپ ئىستېمال قىلسا، سوزۇلما باش ئاغرىقلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. |