كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس

ئۆسۈملۈك - ئۆسۈملۈك - ئېگىر سىزنىڭ ئورنىڭىز:

ئېگىر

مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-10-10 21:58:08 كۆرۈلىشى: 6



ئېگىر
تونۇش   بۇ  ئېگىر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، ئىگىرگە ئۇرۇقداش  ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 50 ~ 100 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ پۈتۈن  تېنى سېسىق پۇرايدۇ؛  يىلتىزسىمان غولى توغرىسىغا ئۆسىدۇ، سىرتقى پوستى سارغۇچ قوڭۇر، ئىچكى قىسمى سۇس ھال رەڭ بولۇپ، نۇرغۇنلىغان چاچما يىلتىزلىرى بولىدۇ؛  يوپۇرمىقى تۈۋىدىن توپلىشىپ، تىك ئۆسىدۇ، شەكلى خەنجەرسىمان يىپ شەكىللىك، يوپۇرماق تومۇرى پاراللېل بولۇپ، ئوق تومۇرى ئېنىق كۆرۈنىدۇ؛   گۆشلۈك باشاقسىمان گۈل رېتى بولۇپ، شەكلى يۇمىلاق تۈۋرۈكسىمان، گۈلى كىچىك، رەڭگى سۇس يېشىل كېلىدۇ. شىرنىلىك مېۋىسى ئۇزۇن، سوقىچاق بولۇپ،  پىشقاندا قىزىرىدۇ، تەمى ئاچچىق.دورىلىق قىسمىدورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزسىمان غولى ئىشلىتىلىدۇ.
يىغىپ تەييارلاش باھاردا ۋە كۈزدە قېزىۋېلىپ، چاچما يىلتىزلىرىنى ئېلىۋېتىپ، پاكىز يۇيۇپ، نېپىز يالپاقلاپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
ئۆسۈش ئورنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىلى ۋادىسىدا كۆپ ئۆسىدۇ.
خۇسۇسىيىتىنېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش، يەلنى ھەيدەش، ئاغرىقنى پەسەيتىش، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.ئىشلىتىش مىقدارى ئەھۋالغا قاراپ  4 ~ 8 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
ئېگىر تەركىبلىك رېتسېپلار
ئېگىر، كەرمان، بىستىپايەنج، ئۈستقۇددۇس تاشپاقا قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن سەككىز گرامدىن ئېلىپ، قاينىتىپ  ئىچىپ بەرسە، نېرۋا ئاجىزلىقى، ئۇنتۇغاقلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
12 گرام ئېگىرگە تەڭ مىقداردا مامكاپ، ئارپا ئۈندۈرمىسى، تۇرۇپ ئۇرۇقى قاتارلىقلارنى قوشۇپ، قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
15 گرام ئېگىرگە  چوڭ يوپۇرماقلىق جىنتىيانادىن 12 گرام قوشۇپ قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغىغا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
 ئېگىر، كەرمان، قانتېپەر، نېلۇپەر ئۇرۇقىدىن 12 گرامدىن،  قارا ئەندىزدىن ئالتە گرام، ياۋا كەشمىردىن 12 گرام، پاقىيوپۇرمىقى  ئۇرۇقىدىن 12 گرام ئېلىپ، قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سوزۇلما خاراكتېرلىك تولغاققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ھۆل ئېگىرنى ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، چىيقانغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئالتە گرام ئىگىرنى 12 گرام  نېلۇپەر ئۇرۇقى، 10 گرام  قانتېپەر،  سەككىز گرام  مامرانچىن بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سوزۇلما خاراكتېرلىك تولغاققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
 12 گرام  ئېگىرنى 10  گرام كەرمان، 10 گرام ئارچا ئۇرۇقى، 20 گرام خام لۇڭگۇ بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، يۈرەك سېلىش ۋە ئۇنتۇغاقلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئىگىر كەرمان، قوڭغۇراقگۈل، يۇلتۇزگۇل،  سوغىگۈلنىڭ ھەر بىرىدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بەلغەمنى بوشىتىپ، يۆتەلنى پەسەيتىدۇ.
.ئالدىنقىسى: ئۇچۇر تۈگىدى
كىيىنكىسى:تۆگىتاپان

شىركىتىمىزگە قاراڭ | ئالاقىلىشامسىز؟ | يالغۇزلا ماڭامسىز؟ | بۇغداي سۆزىمىز بار | ھەممە ئاڭلىسۇنمۇ؟ | بېكىتىمىز بوپتىمۇ؟ | قوشۇۋېلىڭچۇ   
بارلىق ھوقۇق  شىنجاڭ ‹‹بىلقۇت›› ئېلېكترون پەن- تېخنىكا تەرەققىيات چەكىلىك شىركىتگە تەۋە 


新疆碧黎库特电子科技开发有限公司
    QQ:   250092392 (Raziman)    ,   502410794(Bilqut)        
新ICP备07002316