ئەنجۈر تەركىبى :ماي، كاربون - سۇ بىرىكمىلىرى، كۆپ خىل ئورگانىك كىسلاتالار، ئۆسۈملۈك ئۆستۈرگۈچى ھورمون ھەمدە كۆپ مىقداردا ۋىتامىن A،C قاتارلىقلار. تەبىئىتى : ھۆل ئىسسىق. شىپالىق رولى :ئاشقازان خىزمىتىنى ياخشىلايدۇ، ئۈچەينى، تازىلايدۇ، ئىششىق قايتۇرىدۇ، زەھەر ياندۇرىدۇ، ئۆپكىنى ياشارتىدۇ، زىققىغە مەنپەئەت قىلىدۇ، يۇتقۇنچاقنى راۋانلاشتۇرىدۇ، بوۋاسىرنى داۋالايدۇ، سەمرىتىدۇ، ئۆسمىگە قارشى تۇرىدۇ. ئىشلىتىلىشى :تولغاق، ھەزىم ناچارلىقى، قەۋزىيەت، ھەزىم خاراكتېرلىك يارا، ئۈچەي ياللۇغى، زىققە، يۇتقۇنچاق ئاغرىقى، يۆتەل، بوۋاسىر، مەقئەت ئاقمىسى، ھەرخىل يامان خاراكتېرلىك ئۆسمە قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ. |