بۆلجۈرگەن تەركىبى :ماي، ئاقسىل، گلۇكوزا، كالتسىي، فوسفور، تۆمۈر، ماگنىي، سەۋزە ماددىسى، لىمون كىسلاتاسى، ئالما كىسلاتاسى ھەمدە ۋىتامىن B1، ۋىتامىن B2، ۋىتامىن C قاتارلىقلار. تەبىئىتى : ھۆل سوغۇق. شىپالىق رولى :ئۆپكىنى ياشارتىپ، يۆتەلنى توختىتىدۇ، شۆلگەي پەيدا قىلىپ، ئۇسسۇزلۇقنى باسىدۇ، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرىدۇ. ئىشلىتىلىشى :كونا قۇرۇق يۆتەل، گال ئاغرىپ، ئاۋاز پۈتۈپ قېلىش، قان ئازلىق، ھەزىم ناچارلىقى، ئېغىز يارىسى، قەۋزىيەت، سۈيدۈك يولى ياللۇغى، قان سىيىش، كۆپ ئېھتىلام بولۇش، يۇقىرى قان بېسىمى، قاندا ماي يۇقىرىلاپ كېتىش، كۆيۈك يارىسى، ئوزۇقلۇق ناچارلىقى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ. دىققەت : تال، ئاشقازىنى ئاجىزلار ئىستېمال قىلسا مۇۋاپىق بولمايدۇ. |