قوغۇن تەركىبى :ئاقسىل، ماي كىسلاتاسى، گلۇكوزا، قومۇش شېكىرى، ئالما كىسلاتاسى، لىمون كىسلاتاسى، شارسىمان ئاقسىل، كالتسىي، فوسفور، تۆمۈر، ناترىي ھەمدە ۋىتامىن B، ۋىتامىن C قاتارلىقلار بار. تەبىئىتى : ھۆل ئىسسىق. شىپالىق رولى :ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇپ، ئىچنى يۇمشىتىدۇ، توسالغۇلارنى ئاچىدۇ، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرىدۇ. ئىشلىتىلىشى :ئۇسسۇزلۇق، سۈيدۈك راۋان بولماسلىق، قەۋزىيەت، ئېغىز - بۇرۇنغا يارا چىقىش، ئاپتاپ ئۆتۈپ كېتىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ. دىققەت :ئىچ سۈرۈپ، تولغاق بولغانلارغا پەرھىز قىلىنىدۇ. قان قۇسقان، قان تۈكۈرگەن، ئاشقازان يارىسى بارلار ۋە يۈرەك كېسىلى بىمارلىرى ئېھتىيات بىلەن ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. قوشۇمچە :قوغۇن ئۇرۇقى يەنە ئۈچەي يىرىڭلىق جاراھىتى، يۆتەل، ئۇسسۇزلۇقلارغا شىپا بولىدۇ. سىرتتىن ئىشلەتكەندە يىقىلغان، ئۇرۇلغاندىن بولغان يارىلارغا شىپا بولىدۇ. |