كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس

دۇنيادىكى ئەڭ - دۇنيادىكى ئەڭ - دۇنيانىڭ «يامغۇر قۇتۇبى» سىزنىڭ ئورنىڭىز:

دۇنيانىڭ «يامغۇر قۇتۇبى»

مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-10-10 21:43:28 كۆرۈلىشى: 21




دۇنيانىڭ «يامغۇر قۇتۇبى»
 دۇنيانىڭ ئۇمۇرتقىسى بولغان ھىمالايا تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە جايلاشقان ھىندىستاننىڭ ئاسسام شىتاتىدىكى  چېرراپۇنجى دېگەن جايدا 1861 - يىلى بىر يىل ئىچىدە20447مىللىمېتىر يامغۇر ياغقان .  شۇنىڭ بىلەن بۇ جاي دۇنيانىڭ «يامغۇر قۇتۇبى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن. شۇنىڭدىن كېيىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى قىتئەلىرى بويىچە خاتىرلەنگەن يىللىق يامغۇر مىقدارى چېرراپۇنجىدىن كۆپ ئارقىدا قالغان. ئارىدىن 99 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، يەنى 1960 - يىلى  ئاۋغۇسستتىن 1961 - يىلى ئىيۇلغىچە ئارىلىقتا، چېرراپۇنجى 26461.2 مىللىمېتىرلىق نەتىجە بىلەن ئۆزىنىڭ رىكوردىنى بۇزۇپ، دۇنيانىڭ «يامغۇر قۇتۇبى» دېگەن شان - شەرەپنى ساقلاپ قالدى!
26461.2 مىللىمېتىر كىشىنى ئىنتايىن ھەيران قالدۇرىدىغان سان بولۇپ، تەيۋەن ئۆلكىسىدىكى خۇشاۋلياۋ دېگەن جايدا 1912 - يىلى مەملىكىتىمىز بويىچە «يامغۇر قۇتۇبى» سانىلىپ يارىتىلغان 8408.0 مىللىمېتىرلىق رىكورتتىن  1 8 0 53.2 مىللىمېتىر ئوشۇق، ئۇ بېيجىڭ شەھرىنىڭ 42 يىللىق ئومۇمىي ھۆل - يېغىن مىقدارىدىنمۇ ئوشۇق!
  چېرراپۇنجىدا نېمە ئۈچۈن مۇنچىۋالا كۆپ يامغۇر ياغىدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى شۇڭى، ھندى ئوكيان رايونى دۇنيا بويىچە ئەڭ نەم رايون بولۇپ، نەم ھاۋانىڭ «ئامبىرى » سانىلىدۇ. مەشھۇر غەربىي شىمال پەسىللىك شامىلى بېنگال قولتۇقىدىن شىزاڭ ئېگىزلىكىگە قاراپ سوققاندا، ھەيۋەتلىك ھىمالايا تاغلىرى ئۇنى ئۆتكۈزمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن نەم ھاۋا يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ كۆپلەپ يامغۇر دانىچلىرىغا ئايلىنىپ، چېرراپۇنجىغا خۇددى چېلەكلەپ قۇيغاندەك شارقىراپ ياغىدۇ، شۇ سەۋەبلىك بۇ جاي دۇنيانىڭ «يامغۇر قۇتۇبى» بولۇپ قالغان. (يەن جىيۈەن)

شىركىتىمىزگە قاراڭ | ئالاقىلىشامسىز؟ | يالغۇزلا ماڭامسىز؟ | بۇغداي سۆزىمىز بار | ھەممە ئاڭلىسۇنمۇ؟ | بېكىتىمىز بوپتىمۇ؟ | قوشۇۋېلىڭچۇ   
بارلىق ھوقۇق  شىنجاڭ ‹‹بىلقۇت›› ئېلېكترون پەن- تېخنىكا تەرەققىيات چەكىلىك شىركىتگە تەۋە 


新疆碧黎库特电子科技开发有限公司
    QQ:   250092392 (Raziman)    ,   502410794(Bilqut)        
新ICP备07002316