كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس

دۇنيادىكى ئەڭ - دۇنيادىكى ئەڭ - تۇنجى قېتىم ئايغا قونغان ئادەم چۈشكەن ھاۋا كېمىسى سىزنىڭ ئورنىڭىز:

تۇنجى قېتىم ئايغا قونغان ئادەم چۈشكەن ھاۋا كېمىسى

مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-10-10 21:38:22 كۆرۈلىشى: 48




تۇنجى قېتىم ئايغا قونغان ئادەم چۈشكەن ھاۋا كېمىسى
 1969 - يىلى 16 - ئىيۇلدا، ئامېرىكىنىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغىقىدىكى فلورىدا ئىشتاتىنىڭ كاناۋېرال تۇمشۇغىغا جايلاشقان كېنىدى ناملىق ئالەم ناملىق ئالەمگە    ئۇچۇش مەركىزىنىڭ راكىتا قويۇپ بېرىش مەيدانىدىن چوڭلۇقى36 قەۋەت بىناچىلىك كېلىدىغان 110 مېتىر ئېگىزلىكتىكى زور راكىتا قۇلاقنى پاڭ قىلىۋەتكۈدەك ئاۋاز بىلەن قويۇپ بېرىلدى. بۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ زور قۇۋۋەتكە ئىگە توشۇغۇچى راكىتا- ساتورىن - 5 ئىدى. راكىتنىڭ 1 - ئۇۋىسىغا 5 دىۋگاتىل ئورنىتىلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەربىرى 492.6 توننا ئىتتىرىش كۈچىگە ئىگە. ئوت ئالدۇرۇلغاندىن كېيىن، بۇ 3200 توننىلىق زور راكىتا تېزدىن ئاسمان بوشلۇقىغا قاراپ ئۇچتى. ئۇ ۋە  ئايغا قونىدىغان  بولۇمدىن تەركىب تاپقان ئاپولون - 11 ناملىق ئالەم كېمىسى بىرىنچى تۈركۈمدىكى ئايغا قونغۇچىلارنى ئايغا ئېلىپ ماڭدى.
راكىتا قويۇپ بېرىلىپ 12 مىنۇتتىن كېيىن،1-، 2 - ئۇۋىدىكى راكىتىلار ئالەم كېمىسىدىن ئاجرىلىپ چۈشىدۇ. 3 - ئۇۋىدىكى راكىتا  يەرشارى ئەتراپىدا ئايلىنىدىغان ئوربىتىغا كىرىدۇ. يەرشارى ئەتراپىدىكى ئوربىتىدا ئۇچۇۋاتقان چاغدا رېمونت قىلىش ۋە تەكشۈرۈش ئىشلىرى ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن، 3 - ئۇۋىدىكى راكىتىغا باشقىدىن ئوت ئالدۇرىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھاۋا كېمىسى ناھايىتى تېزلىك بىلەن ئىككىنچى ئالەم تېزلىكى (11.4km\sek) دىن ئېشىپ، ئايغا قاراپ ئۇچىدۇ. 25 سائەتتىن كېيىن يەر - ئاي سېستىمىسىنىڭ مەركىزى نۇقتىسى (يەر شارىغا بولغان ئارىلىقى 192مىڭ كىلومېتىر كېلىدۇ) دىن ئۇچۇپ ئۆتىدۇ. 61 سائەتتىن كېيىن يەرشارىنىڭ تارتىش كۈچى  بىلەن ئاينىڭ تارتىش كۈچى تەڭپۇڭ بولغان نۇقتىغا يېتىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئالەم كېمىسىنىڭ ئاينىڭ تارتىش كۈچى ئاستىدا ھەركەتلىنىشكە باشلايدۇ. 75 سائەتتىن كېيىن  ئايغا 500 - 600 كىلومېتىر قالغان بوشلۇققا يېتىپ بېرىپ، ئاينىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىدىغان ئوربىتىغا كىرىدۇ.
ئاپولون ھاۋا كېمىسى قوماندانلىق بۆلۈمى، خىزمەت قىلىش بۆلۈمى ۋە ئايغا قونۇش بۆلۈمىدىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپقان. 21 - ئىيۇلدىكى ئايغا قونۇش بۆلۈمى  ئىككى ئاچقۇچى بىلەن بىللە ئايغا ئاستا قونىدۇ.  يەنە بىر  ئۇچقۇچى قوماندانلىق بۆلۈمىدە قېلىپ، ئاي ئەتراپىدا ئۇچۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. 22 - ئىيۇلدا  ئاي ئۈستىدىكى تەكشۈرۈش ئاياقلاشقاندىن كېيىن، ئايغا قونۇش بۆلۈمىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈش بۆلۈكى ئايدىن ئۇچۇپ چىقىپ، قوماندانلىق بۆلۈمىگە چېتىلىدۇ. ئايغا چىققان ئىككى ئۇچقۇچى قومانلىق بۆلۈمىگە قايتىپ كىرىدۇ. بىر سائەتتىن كېيىن ئايغا قونغۇچى بۆلۈم قوماندانلىق بۆلۈمدىن ئايرىلىپ، ئايغا قايتىپ چۈشىدۇ. ئۇچقۇچىلار بىر قېتىم ئاي تەۋرىتىش تەجىربىسىنى ئۆتكۈزىدۇ. مۇشۇ پەيتتە، خىزمەت قىلىش بۆلۈمدىكى راكىتا ئىشلەشكە باشلايدۇ. ئاتموسفېرا قاتلىمىغا كىرگەندە، خىزمەت قىلىش بۆلۈمى قوماندانلىق بۆلۈمىدىن ئاجرىلىپ كېتىدۇ. خىزمەت قىلىش بۆلۈمى ئاتموسفېرا قاتلىمىدىن ئۆتكەندىن كېيىن يەرگە چۈشۈپ - كۇكۇم تالقان  بولىدۇ. قوماندانلىق بۆلۈمى 24 - ئىيۇلدا يەرشارىنىڭ ئاتموسفېرا قاتلىمىغا كىرىپ ، تېنچ ئوكيانغا چۈشىدۇ. يەر يۈزىگە قايتىپ چۈشكەن قوماندانلىق  بۆلۈمىنىڭ ئېغىرلىقى 5600 كىلوگىرام كېلىدۇ. (تەن دېتۇڭ)

شىركىتىمىزگە قاراڭ | ئالاقىلىشامسىز؟ | يالغۇزلا ماڭامسىز؟ | بۇغداي سۆزىمىز بار | ھەممە ئاڭلىسۇنمۇ؟ | بېكىتىمىز بوپتىمۇ؟ | قوشۇۋېلىڭچۇ   
بارلىق ھوقۇق  شىنجاڭ ‹‹بىلقۇت›› ئېلېكترون پەن- تېخنىكا تەرەققىيات چەكىلىك شىركىتگە تەۋە 


新疆碧黎库特电子科技开发有限公司
    QQ:   250092392 (Raziman)    ,   502410794(Bilqut)        
新ICP备07002316