كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس

دۇنيادىكى ئەڭ - دۇنيادىكى ئەڭ - يەتتە چوڭ «ئاجايىپ كۆرۈنۈش» سىزنىڭ ئورنىڭىز:

يەتتە چوڭ «ئاجايىپ كۆرۈنۈش»

مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-10-10 21:37:22 كۆرۈلىشى: 162




 يەتتە چوڭ «ئاجايىپ كۆرۈنۈش»
 مىلادىدىن ئىلگىرى ئىككىنچى ئەسىردە، سىندۇنلۇق ئانتىپاتېر ئۆزىگە مەلۇم بولغان نەرسىلەرگە قاراپ، « دۇنيادىكى يەتتە چوڭ ئاجايىپ كۆتۈنۈش» نى تاللاپ چىققان. ئۇلار مۇنۇلار:
1) مىسىرنىڭ قاھىرە شەھرىدىكى جىزە چوڭ ئىھرامى. بۇ ئىھرام مىسىرنىڭ تۆتىنچى سۇلالە دەۋرىدە (مىلادىدىن ئىلگىرى 2613 - 2494 - يىللار) سېلىنغان بولۇپ، ھازىر دۇنيا بويىچە بىردىن - بىر ئوبدان ساقلىنىپ كەلگەن «دۇنيا بويىچە يەتتە چوڭ ئاجايىپ كۆرۈنۈش» نىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
2) ئىراقنىڭ بابىل دېگەن جايىدىكى «مۇئەللىق باغچا». رىۋايەتلەرگە قارىغاندا،  مىلادىدىن ئىلگىرى ئالتىنچى ئەسىردە يېڭى بابىل پادىشاھى ناۋۇخۇدۇسۇر ئۆز مەلىكىسى دائىم ياپ - يېشىل تاغلىق، بۈك - باراخسان يۇرتىنى سېغىنىدىغانلىقى ئۈچۈن، شۇنىڭغا ئاتاپ تۈزلەڭلىك توپىدىن تاغ ياسىتىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈرلۈك دەرەخلەرنى تىككۈزگەن ۋە گۈل ئۆستۈرگەن. بۇلارنى سۇغىرىش ئۈچۈن سۇ مەنبەلىرىنى ۋە سۇ تۇرۇبىلىرىنى تەييارلىغان. يىراقتىن قارىغاندا بۇ جاي خۇددى مۇئەللەق كۆرۈنىدىكەن.
3) تۈركىيىنىڭ ئېفېس دېگەن جايدىكى ئاتايمىس ئىبادەتخانىسى. بۇ ئىبادەتخانىدا ئېگىزلىكى تەخمىنەن يىگىرمە مېتىر كېلىدىغان  جەمئىي 127 تۈۋرۈك بولۇپ، بۇلاردىن ئوتتۇزىنىڭ ئۇلىدا  مېتالدىن ياسالغان ئوبرازلىق قاپارتما نەقىش بار. مىلادى 262 - يىلى گورتلار بۇ ئىبادەتخانىدىكى بايلىقنى بۇلاپ، ئۇنى كۆيدۈرۈۋەتكەن. 19 - ئەسىرىنىڭ 60 - يىللىرى ئەنگىلىيە ئارخېلوگلىرى ئۇنىڭ خارابىسىنى قېزىپ، نەقىشلەنگەن تۈۋرۈكلەرنىڭ قالدۇقلىرىنى تاپقان. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئېگىزلىكى 183 سانتىمېتىر كېلىدىغان بىرىدە ئادەملەرنىڭ   قىياپىتى ناھايىتى چىرايلىق كۆرسىتىلگەن .
4) مىلادى 5 - ئەسىردە يۇناننىڭ ئولىمپىيا دېگەن يېرىگە سېلىنغا زېۋىس ئىبادەتخانىسىدىكى زېۋىسنىڭ كاتتا ھەيكىلى. بۇ ھەيكەلگە ئالدى بىلەن  ياغاچتىن تىرەك ياسالغان بولۇپ، گەۋدىسى پىل چىشى، كىيىمى ئالتۇندىن  ئىشلىنىپ، ياغاچ تېرەككە چاپلانغان. ھەيكەلنىڭ ئېگىزلىكى ئون تۆت مېتىر بولۇپ، تېگىگە ئالتۇندىن قاپارتما نەقىشلەر ۋە پۈتۈن گەۋدىلىك ھەيكەللەر ئىشلەنگەن، بۇلار يالتىراپ تۇرىدۇ. بۇ كاتتا ھەيكەل مىلادى 5 - ئەسىردە يەر تەۋرىگەن چاغدا ۋەيران بولغان. مىلادى 2 - ئەسىردە ئۆتكەن ئۇلۇغ ساياھەتچى باۋساننىياسنىڭ تەپسىلىي تەسۋىرى ۋە ئولىمپىيا رايونىدا تارقالغان قەدىمقى پۇلدىكى قاپارتما نەقىشلەرگە قارىغاندا، زېۋىس نۇرغۇن نەقىش بىلەن زىننەتلەنگەن  تەختتە ئوڭ قولىدا غالىبىيەت ئىلاھىنى، سول قولىدا ھاسىنى تۇتۇپ ئولتۇرغان. ھاسىنىڭ ئۇچىغا ئۇنىڭ مۇقەددەس بۈركۈتى قوندۇرۇلغان. كۆكرىكى ئوچۇق بولۇپ، زەر تونغا گۆھەر قادالغان. ئۇنىڭدىن ئالتۇن چاقناپ تۇرغان مۇھىتتا سالاپەت بىلەن ئولتۇرغان مەرتىۋىلىك مەئبۇدىلىق قىياپىتى گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ.
5) تۈركىيىنىڭ خالىكارناس دېگەن يېرىدىكى ماۋسولى مەقبەرىسى، رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، بۇ مەقبەرە مىلادىدىن ئىلگىرى 303 - يىلى قۇرۇلغان. مەقبەرىنىڭ ئۇدۇل تەرىپى 33 مېتىر، يان تەرىپى 38 مېتىر بولۇپ، ئاساسىي پەلەمپىيىگە ئىئونىيە شەكىلىدە 36 تۈۋرۈك قويۇلغان. مەقبەرىنىڭ ئۆگزىسىدە مەرمەردىن ياسالغان تۆت ئاتلىق ئۇرۇش ھارۋىسى بولۇپ، ھارۋىغا ماۋسولى ۋە ئۇنىڭ خوتۇنىنىڭ مەرمەردىن ياسالغان ھەيكىلى قويۇلغان. پۈتۈن بىنانىڭ ئېگىزلىكى قىرىق مېتىردىن ئوشۇقراق بولۇپ، ئۇ ئىنتايىن ھەيۋەتلىك ياسالغان. مىلادى 15 - ئەسىردە سېنت جوننىڭ ئاتلىق ئەسكەرلىرى خالىكارناسنى ئىشغال قىلغاندا، ئۇلار بۇ مەقبەرىنى چېقىپ، ئۇنىڭ مەرمەر تاش ۋە نەقىشلىرىنى قەلئە ياساشقا ئىشلەتكەن. نەقىشلەرنىڭ كوپى ئۇۋىلىنىپ ھاكقا ئايلىنىپ كەتكەن. لېكىن يۇنانلىقلار بىلەن ئامارۇڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش تەسۋىرلەنگەن ئون ئىككى قاپارتما نەقىش قەلئە تېمىغا ئورنىتىلغان.  1846 - يىلى مۇشۇ ئون ئىككى پارچە قاپارتما نەقىش قوشۇلۇپ، بۈيۈك بىرىتانىيە مۇزىيىدىكى ماۋسولى بۆلۈمىگە قويۇلغان ئاساسىي قاپارتما رەسىملەرنى تەشكىل قىلغان. مەقبەرە ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى  ھەيكەلنىڭ نۇرغۇن پارچىلىرى تېپىلدى.  ئىنچىكە ئىشلەش ئارقىلىق ماۋسولىنىڭ ئۆرە تۇرغان ھەيكىلى 63  دانە پارچىدىن 3 مېتىر ئېگىزلىكتە قوراشتۇرۇلۇپ چېقىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە   مەلىكە ئادىمىسنىڭ 2.66 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئۆرە تۇرغان ھەيكىلىمۇ ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.
6) ئوتتۇرا دېڭىزدىكى رودې ئارىلىدىكى ئاپوللو (قۇياش ئىلاھى)نىڭ كاتتا ھەيكىلى، ئېگىزلىكى 35 مېتىر كېلىدۇ. مىلادىدىن ئىلگىرى 4 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا رودې ئارىلىدا تاجاۋۇزچىلىققا قارشى ئۇرۇش پارتىلغان. تاجاۋۇزچى ماكېدۇنىيە سەركەردىسى دىمىدروس  باشچىلىقىدىكى 370 ھەربىي كېمىلىك ۋە قىرىق مىڭ كىشىلىك قوشۇن رودې ئارىلىدىكى ئاھالە  تەرىپىدىن يېڭىلگەن. رودې ئارىلىدىكى ئاھالە ئۆز غەلبىسىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، مىلادىدىن ئىلگىرى 303 - يىلى غەنىمەت ئالغان قورال - ياراقلارنى ئېلىپ مۇشۇ ھەيكەلنى ياسىغان. بۇ ھەيكەل مىلادىدىن ئىلگىرى 224 - يىلى يەر تەۋرىگەندە ۋەيران بولغان.
7) مىسىرنىڭ ئىسكەندەرىيە شەھىرىدىكى فاروس ئارىلىنىڭ دولقۇنىدىن مۇداپىئە كۆرۈش توسمىسىنىڭ جەنۇبىي چېتىدىكى ماياك مىلادىدىن ئىلگىرى 280 - يىلى سېلىنغان بولۇپ،  بابىل ئۇسلۇبىغا ئىگە. ماياكنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن 300 چە ئۆي بولۇپ، ئۇ خۇددې قورغانغا ئوخشاپ كېتىدۇ. ماياكنىڭ ئۈستىدە ئىنتايىن زور چوغدان بولۇپ، دائىم لاۋۇلداپ ئوت يېنىپ تۇرىدۇ. چوغداننىڭ ئارقىسىدا پارقىراق گىرانىت تاشتىن ياسالغان نۇر قايتۇرغۇچ ئەينەك بولۇپ، يىراقتىن كېلىۋاتقان كېمىلەر كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. بۇ ماياك دۇنيا بويىچە ماياك بىنالىرىنىڭ بوۋىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ماياك مىلادى 1375 - يىلى يەر تەۋرىگەندە ۋەيران بولغان. بۇ ماياك توغرىسىدا ئېلىمىزنىڭ جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى جاۋرۇشى يازغان «ھەرقايسى ئەللەر تەزكىرىسى »دېگەن كىتابتا:«مۇنارنىڭ ئېگىزلىكى 200 جاڭ بولۇپ، يۇقىرى - تۆۋەنگە يىگىرمە مىڭ ئادەم سىغىدۇ» دەپ يېزىلغان. (جۇ جۇڭيۇې)

شىركىتىمىزگە قاراڭ | ئالاقىلىشامسىز؟ | يالغۇزلا ماڭامسىز؟ | بۇغداي سۆزىمىز بار | ھەممە ئاڭلىسۇنمۇ؟ | بېكىتىمىز بوپتىمۇ؟ | قوشۇۋېلىڭچۇ   
بارلىق ھوقۇق  شىنجاڭ ‹‹بىلقۇت›› ئېلېكترون پەن- تېخنىكا تەرەققىيات چەكىلىك شىركىتگە تەۋە 


新疆碧黎库特电子科技开发有限公司
    QQ:   250092392 (Raziman)    ,   502410794(Bilqut)        
新ICP备07002316