كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس

دۇنيادىكى ئەڭ - دۇنيادىكى ئەڭ - ئەڭ قەدىمكى رەسەتخانا سىزنىڭ ئورنىڭىز:

ئەڭ قەدىمكى رەسەتخانا

مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-10-10 21:36:44 كۆرۈلىشى: 42



  ئەڭ قەدىمكى رەسەتخانا
  ئىپتىدائىي ئىنسانلار ئەمىلىي تۇرمۇش ئېھتىياجىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئاسمان جىسىملىرىنى كۆزىتىشكە ناھايىتى ئەھمىيەت بەرگەن. شۇڭا بەزى مەدەنىيەتلىك قەدىمىي مەملىكەتلەردە ئاستىرونومىيىلىك  كۆزىتىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان رەسەتخانىلار بۇرۇنلا قۇرۇلغان. قەدىمكى يۇناننىڭ مەدىنىيەت تازا گۈللەنگەن دەۋرلەردە، مىسىرنىڭ ئىسكەندەرىيە شەھىرىدە مەشھۇر رەسەتخانا قۇرۇلغان. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، مەملىكتىمىزدە شيا سۇلالىسى  دەۋرىدە رەسەتخانا قۇرۇلغان، جۇ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھلىرىدىن ۋېن ۋاڭ دەۋرىدە رەسەتخانا پايتەخت فېڭيى شەھىرىنىڭ غەربىي رايونىغا، ئېگىزلىكى ئىككى جاڭ، دائىرىسى 420 قەدەم قىلىپ سېلىنغان. غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە چاڭئەن شەھرىنىڭ ئەتراپىغا رەسەتخانغا قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئورنىنى ئۆلچەش ئەسۋابى، مىستىن ياسالغان قۇش سۈرەتلىك شامال كۆرسەتكۈچ ۋە مىس سائەت قاتارلىق ئەسۋابلار ئورنىتىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن ھەرقايسى دەۋرلەردە رەسەتخانىلار سېلىنغان. لېكىن بۇ قەدىمىي رەسەتخانىلارنىڭ ھېچقايسىسى ھازىرغە قەدەر ساقلىنىپ قالغان ئەمەس. ھازىر دۇنيا بويىچە ساقلىنىپ كەلگەن ئەڭ قەدىمكى رەسەتخانا مىلادى 632 - يىلى جەنۇبىي چاۋشيەندىكى چىڭجۇ دېگەن جايغا سېلىنغان رەسەتخانىلاردۇر. مىلادى تۆتىنچى ئەسىردىن، مىلادى يەتتىنچى ئەسىرگىچىلىك بولغان مەزگىلىدە، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىدا گاۋجۇيلى، شىنلو، بەيجى دېگەن ئۈچ دۆلەت بولغان. كېيىن  شىنلو كۈچىيىپ، چاۋشىيەن يېرىم ئارىلىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. شىنلۇ جىڭجۇ دېگەن جايغا رەسەتخانا سالدۇرغان. بۇ رەسەتخانىنىڭ خارابىسى ھازىرغا قەدەر ساقلىنىپ كەلمەكتە.
خېنەن ئۆلكىسىنىڭ دېڭفىڭ ناھىيىسىدىكى رەسەتخانا مەملىكتىمىزدە ھازىرغا قەدەر ساقلىنىپ كەلگەن ئەڭ قەدىمقى رەسەتخانا ھېسابلىنىدۇ. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، بۇ جاي جۇگۇڭنىڭ مەنزىرىسىنى كۆزىتىدىغان ئورنى بولغان. تاڭ سۇلالىسىنىڭ كەييۈەن يىللىرىدا، نەنگۇڭنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يەرگە تاش سائەت ئورنىتىلغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا مۇشۇ تاش سائەتنىڭ شىمالىي تەرىپىگە رەسەتخانا قۇرۇلغان. بۇ رەسەتخانىنىڭ خارابىلىرى ھازىرغا  قەدەر ساقلىنىپ كەلمەكتە.بۇ جاي ئازاتلىقتىن كېيىن مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدىنى يادىكارلىق ئورۇنلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى 1975 - يىلى ئومۇميۈزلۈك رېمونت قىلىندى. (چيەن بەيچېن)

شىركىتىمىزگە قاراڭ | ئالاقىلىشامسىز؟ | يالغۇزلا ماڭامسىز؟ | بۇغداي سۆزىمىز بار | ھەممە ئاڭلىسۇنمۇ؟ | بېكىتىمىز بوپتىمۇ؟ | قوشۇۋېلىڭچۇ   
بارلىق ھوقۇق  شىنجاڭ ‹‹بىلقۇت›› ئېلېكترون پەن- تېخنىكا تەرەققىيات چەكىلىك شىركىتگە تەۋە 


新疆碧黎库特电子科技开发有限公司
    QQ:   250092392 (Raziman)    ,   502410794(Bilqut)        
新ICP备07002316