لىنكولن (1809 - 1865) مارى ئوۋېنسقا يېزىلغان خەت ئابراھام لىنكولن - ئامېرىكا زۇڭتۇڭى (1861 - 1865)، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىن، ئادۋوكات، قوشما شىتات پارلامېنت ئەزاسى، قوشما شىتاتلار بىرلىكىنى قوغداشنى، قۇللۇق تۈزۈمنى پەيدىنپەي بىكار قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان، زۇڭتۇڭ بولغاندىن كېيىن، جەنۇبتىكى ھەرقايسى شىتاتلار قوشما شىتاتتىن ئايرىلىدىغانلىقىنى كەينى - كەينىدىن جاكارلاپ، جەنۇب - شىمال ئۇرۇشى پارتىلىغان. 1862 - يىلى «تۇرالغۇ زېمىن قانۇنى» نى ۋە «قۇللارنى ئازاد قىلىش خىتابنامىسى» نى ئېلان قىلغان. ئۇ گېتتسبۇرگ دۆلەتلىك قەھرىمانلار قەبرىستانلىقىنىڭ پۈتۈش مۇراسىمىدا نۇتۇق سۆزلەپ، «خەلق ئىلكىدە بولۇش، خەلق باشقۇرۇش، خەلق بەھرىمەن بولۇش» دەيدىغان پروگرامما خاراكتېرلىك چاقىرىقنى ئوتتۇرىغا قويغان، ۇرۇشنى ئاممىۋىي خاراكتېرلىك ئىنقىلابىي كۈرەشكە ئايلاندۇرۇپ، ئۇرۇش غەلبىسىگە كاپالەتلىك قىلغان، 1865 - يىل 4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى جەنۇب قۇلدارلىرى ئەۋەتكەن قاتىل تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. بۇ لىنكولننىڭ ياش ۋاقتىدا مارى خېنىمغا يازغان مۇھەببەت خېتى، لېكىن مارى خېنىم ئۇنىڭدا ئاياللارنىڭ بەخت گەردىشىنى شەكىللەندۈرىدىغان بەزى نازۇك ھالقىلار كەمچىل ئىكەن دەپ قاراپ، ئۇنىڭ تەلىپىنى رەت قىلغان. (1837 - 8 - ئاينىڭ 16 - كۈنى) دوستۇم مارى سىز چوقۇم ئەجەبلىنىسىز، بىز بايىلا خوشلاشقان، ئەمما يەنە سىزگە خەت يېزىۋاتىمەن. بۇنى پەقەت مۇنداقلا چۈشەندۈرۈش مۇمكىن؛ يېقىندىن بۇيان سىز بىلەن تولا كۆرۈشۈپ، سىزنى تېخىمۇ بەك ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم. بۇ قېتىم كۆرۈشكەندە تۈزۈكرەك سىردىشىۋالالمىدۇق. سىزگە مەلۇمكى، مەن سىزنى كۆرگەندە ياكى سىزنى خىيالىمغا كەلتۈرگىنىمدە ھەرگىزمۇ ئىرەنسىزلىك قىلمايمەن. بەلكىم سىزگە بولغان ھېسسىياتىمنى خاتا چۈشەنگەن بولۇشىڭىز مۇمكىن. ناۋادا سىزنىڭ خاتا چۈشەنمىگىنىڭىزنى بىلگىنىمدە، بۇ خەتنى يېزىپ سىزنى ئاۋارە قىلمىغان بولاتتىم. باشقىلار بەلكىم كۆڭلىدە ئېنىق سان بولۇش ئۈچۈن ئارتۇقچە ئۇچۇرلارغا ھاجەتسىزدۇر. لېكىن مەن نېمە ئىشلىكىنى ئۇقمىدىم دېگەننى باھانە قىلىشقا ھەقلىقمەن، دەپ قارايمەن. مەن قانداقلىكى ئىش قىلاي ھەممىنى چوقۇم مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىمەن، ئاياللار جەھەتتە بولسا تېخىمۇ شۇنداق. ھازىرقى مۇشۇ ئەھۋالدا، سىزگە نىسبەتەن جەزمەن مۇۋاپىق ئىش تۇتىمەن. سىزگە پەرۋاسىزلىقنى مۇۋاپىق دەپ بىلسەم - ھەقىقەتەن شۇنداقمىكىن، دەپ گۇمان قىلىمەن - مەن سىزگە پەرۋا قىلمايمەن. ئارىنى ئىمكان قەدەر ئوچۇق قىلىش ئۈچۈن، بۇ ئىشنى ئەمدى قايتا تىلغا ئالمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، مېنى خىيالىڭىزدىن مەڭگۈ چىقىرىۋەتسىڭىزمۇ مەيلى (ناۋادا ئىلگىرى مېنى ئاز تولا خىيالىڭىزغا ئالغان بولسىڭىز). بۇ خەتكە جاۋاب بەرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. لېكىن مەن سىزگە ئازراقمۇ ئاغرىنىدىغان گەپنى قىلمايمەن. يەنىمۇ ئىچكىرىلەپرەك ئېيتسام، ئەگەر مۇشۇنداق قىلىش كۆڭلىڭىزگە ئاز تولا ئاراملىق بەرسە ياكى ئىچىڭىز بىرئاز بوشايدىغان ئىش بولسا، مەن سىزنىڭ شۇنداق قىلىشىڭىزغا چىن قەلبىمدىن رازى. مېنى ھەرگىزمۇ بۇنى باھانە قىلىپ مەن بىلەن ئادا - جۇدا بولماقچى دەپ ئويلاپ قالماڭ. مەندە ئۇنداق خىيال يوق. مۇناسىۋىتىمىزنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى سىزگە باغلىق. لېكىن، بۇ خىل تەرەققىي قىلغان مۇناسىۋەت بەختىڭىزگە دال بولالمىسا، ئۇنداقتا مېنىڭ بەختىمگىمۇ دال بولالمايدۇ. ئەگەر مەلۇم جەھەتتىن مېنى بەك چىڭ تۇتۇۋەتتى دەپ ھېس قىلسىڭىز، مېنىڭ سەل كەڭرەك بولۇشۇمنى تەلەپ قىلسىڭىز، مەن سىزگە ھازىردىن باشلاپلا كەڭرەك بولۇشقا رازى؛ يەنە بىر جەھەتتىن مېنىڭ سىزنى بۇنداق چىڭ تۇتۇشۇم بەختىڭىزگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلسەم، مەن سىزنى تېخىمۇ چىڭ تۇتۇش بىلەن رازى بولىمەن. خاپىلىقىڭىزنى بىلىشتىنمۇ ئارتۇق كۆڭلۈمنى يېرىم قىلىدىغان، خۇشاللىقىڭىزنى بىلىشتىنمۇ ئارتۇق مېنى خۇشال قىلىدىغان نەرسە يوق. يۇقىرىدا ئېيتقانلىرىمنى خاتا چۈشەنمەيدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن، يەنە كېلىپ مېنىڭ بۇ خەتنى يېزىشتىكى بىردىنبىر مەقسىتىممۇ چۈشىنىشىڭىزنى قولغا كەلتۈرۈش. ئەگەر ماڭا جاۋاب خەت يازماسلىقنى توغرا تاپسىڭىز، ئۇنداقتا خەير - خوش. ئۆمرىڭىزنىڭ تېخىمۇ ئۇزۇن بولۇشىنى ۋە بەختلىك بولۇشىنى تىلەيمەن. ئەگەر جاۋاب خەت يېزىشنى ماقۇل تاپسىڭىز، سىزمۇ ماڭا ئوخشاش ئوچۇق - يورۇق بولۇڭ، ماڭا نېمە دېگۈڭىز كەلسە شۇنى دەۋېرىڭ. بۇنىڭ ھېچقانداق يامىنى ۋە خەتىرى يوق. راست گەپ قىلسىڭىزلا بولدى. |