سىنپۇسېن خانىم (1896 - 1986) ۋىندسورغا يېزىلغان خەت سىنپوسېن خانىم - ئەسلى ئىسمى بېسسېي ۋورس ۋوفېلد، 1896 - يىلى 6 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ئامېرىكىنىڭ پېنسىلۋانىيە شىتاتىدا تۇغۇلغان، 1916 - يىلى 11 - ئايدا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ كاپىتان دەرىجىلىك بىر ئۇچقۇچىسى بىلەن توي قىلغان، 1927 - يىلى نىكاھتىن ئاجراشقان، ئىككىنچى يىلى 7 - ئايدا ئېرنىست سىنپۇسېن بىلەن توي قىلىپ، ئېرى بىلەن بىرگە لوندونغا كەلگەن، 1931 - يىلى سىنپۇسېن شاھزادە ۋېللىس بىلەن تونۇشۇپ، بارا - بارا ئۇنىڭ بىلەن مۇھەببەتلەشكەن، بىراق ئىككىيلەننىڭ مۇھەببىتى ئوردا ۋە ئاۋام خەلقنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىغان، 1937 - يىلى 5 - ئاينىڭ 3 - كۈنى ئېرنىست بىلەن نىكاھتىن ئاجرىشىپ، 1937 - يىلى 6 - ئاينىڭ 3 - كۈنى ۋىندسور بىلەن رەسمىي توي قىلغان. ۋىندسور سىنپۇسېن خانىمنى دەپ شاھلىق ئورنىدىن ۋاز كېچىپ، بىر مەھەل ئەلنى ئۇنتۇپ «جانان بىلەن كەتكەن يارەي» دېگەندەك تارىخىي داستاننى قالدۇرغان. بۇ ۋىندسورغا شاھلىق ئورۇندىن ۋاز كېچىشتىن ئىلگىرى، سىنپۇسېن خانىم ئۇنىڭغا يازغان خەت بولۇپ، خەتتە ئۇنىڭدىن شاھلىق ئورۇندىن ۋاز كەچمەسلىكنى ئۆتۈنگەن. لېكىن، ۋىندسۇر مۇھەببىتىنى دەپ شاھلىق ئورنىدىن يەنىلا ۋاز كەچكەن. 1936 - يىلى 12 - ئاينىڭ 6 - كۈنى (ئېدۋاردقا) بۇ خەت چوقۇم سىز بىر قارارغا كېلىشتىن بۇرۇن قولىڭىزغا تەگسە بولاتتى. مەن سىزنىڭ شاھلىق ئورۇندىن ۋاز كەچمەسلىكىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەگەر شاھلىق ئورۇندىن ۋاز كەچسىڭىز مەن ھەممە ئادەمنىڭ لەنىتىگە قالىمەن. چۈنكى ئۇلار مېنى سىزنى بۇ ئىشتىن توسۇپ قالالايدۇ، دەپ قارايدۇ. لېكىن مەن ئۇنداق قىلالمايمەن. گىبېس ماڭا تېلېفۇندا ئېيتتى، ئىچكى كابىنېت سىزنى بۈگۈن سائەت بەشتىن ئىلگىرى بىر قارارغا كېلىشكە مەجبۇر قىپتۇ. مەن بۇ خەتنى چوقۇم ئاۋىئاتسىيە پوچتىسى ئارقىلىق يەتكۈزىمەن. سىز مېنىڭ پىلانىمنى باش ۋەزىر بادويىنغا ئېيتىڭ. ئەگەر ئۇ رەت قىلسا، ئۆز پىكرىڭىزنى ئاندىن ئوتتۇرىغا قويارسىز. دۇنيا جامائەتچىلىكى مادارا يۈزىسىدىكى بىر چارىنىڭ رەت قىلىنغانلىقىنى بىلىپ قالسۇن. سىز چوقۇم دېگەن گېپىڭىزدە چىڭ تۇرۇشىڭىز كېرەك. قىلغان سۆز، ئاتقان ئوق دېگەن گەپ بار. لېكىن بۇ ئىشتا يەنىلا كېڭىشىش ئىمكانىيىتى قالدۇرۇپ قويغان تۈزۈك. بۇنداق بولغاندا ئۇلار سىزنىڭ گەپلىرىڭىزنى شامالدەك ئۆتكۈزۈۋەتمەيدۇ. ئەگەر سىز بۇ نوقتىنى تەكىتلىمىسىڭىز. دۇنيا جامائەت پىكرى سىزنى قورقۇنچاق بىر ئادەم دەپ تەنقىد قىلىشىدۇ، يەنە كېلىپ مېنىڭ قانداق ئاياللىق ئورنىغا چۈشۈپ قالىدىغانلىقىم سىزگىمۇ ئايان. سىزنىڭ كۈچلۈك ئىبارىلىڭىزنى ھەممە گېزىتلەرنىڭ بېسىشى ئۈچۈن، بادويىنغا قەتئىي ۋە ھەققانىي تەرىزىدە شۇنداق ئېيتىشىڭىز كېرەك: پادىشاھنىڭ دېگەن گەپلىرىنىڭ ھەممىسى ئورۇنغا ھېساب، توقال خانىشتىن بولغان ئوغۇلنىڭ شاھلىق ئورۇنغا ۋە مال - دۇنياغا ۋارىسلىق قىلمايدىغانلىقى ھەققىدىكى مەسىلىگە، ھۆكۈمەتنى تەڭلىكتە قويماسلىق ئۈچۈن، ھازىرچە ھېچقانداق قارار ئۈستىدە ئويلىشىلمىدى، ھەممە ئىشلار كۈزدىن كېيىن ئاندىن كېڭىشىلىدۇ. ۋاقتى كەلگەندە، ئەگەر ئۇلار يەنىلا قوبۇل قىلمىسا، ئاندىن ئاشۇ ئۇلۇغ ئۆتۈنۈش ئىشىڭىزنى ئويلىشىپ باقساق بولىدۇ. پەرىزىمچە، بادويىن بىزنىڭ بىرىنچى پىلانىمىزنى ماقۇل تاپمايدۇ، مۇشۇنداق بولسا بىز سىزنىڭ ئىككىنچى پىلانىڭىز بويىچە ئىش قىلساق بولىدۇ. ناۋادا ئۇ ئىككىنچى لايىھىگە قوشۇلسا، ئۇ ھالدا بىز بىر مەھەل قۇربان بېرىپ، ۋاقىتلىق ئايرىلىمىز، ئاندىن كېيىن دوستلىرىمىزنى تەكلىپ قىلىپ مەخپىي ئۇچرىشىش سورۇنى تۈزسەك بولىدۇ. ......... ئەگەر 10 - ئايدا، بادويىن بىزنىڭ ئاشكارا ھەم مۇۋاپىق بولغان بىرىنچى تەكلىپىمىزنى رەت قىلسا، جامائەت پىكرى جەزمەن ئەۋجىگە چىقىدۇ. چۈنكى بادويىن ۋە سۇيۇرغاللاردىن باشقا، ھېچكىم سىزنىڭ ئورۇن بوشىتىشىڭىزنى ئۈمىد قىلمايدۇ. سىز ئاخبارات ساھەسىدىكىلەرگە ئۆز پىكرىڭىزنى بايان قىلىشىڭىز كېرەك، ئۇلار سىزنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ سۆز قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئەگەر سىز پىلانىڭىزنى رادىئودا جاكارلىسىڭىز، 10 - ئايغا بارغاندا بادويىن ئاسانلىقچە رەت قىلالمايدۇ. يەنە كېلىپ سۇيۇرغال زېمىندارلارمۇ بۇزۇلۇپ بىزگە ھېسداشلىق قىلىشى مۇمكىن. سۆيۈملۈكۈم، سوغۇققانلىق بىلەن ئويلاپ بېقىڭ، خەلقىڭىزنىڭ رايىغا بېقىپ، ئۇلار ئۈچۈن بىرنەچچە ئاي سەۋر قىلىڭ، ھەممە ياخشىلىنىپ كېتىدۇ، شۇنداقك ئەمەسمۇ؟ بەلكىم ئۇ چاغقا بارغاندا ئارزۇيىڭىز ئەمەلگە ئېشىپمۇ قالار، مۇبادا ئۇلار يەنىلا قارشىلىق قىلسا، مۇشۇ ۋەجىدىن ئورنىڭىزنى ئۆتۈنسىڭىز، ئۇ ھالدا بىز كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ساپ ۋە ھىممەتلىك بولۇپ قالىمىز. يەنە كېلىپ ئۇلار سىزنى ئەيىبلىگۈدەك ھېچقانداق سەۋەب تاپالمايدۇ. خەلق سىزنى ھىمايە قىلغاندا بولسا، سىز يىراقلارغا ئۇچۇپ كېتىسىز. دۆلەت پالاتاسىدا: بادويىن مېنى پادىشاھ خانىشلىققا تەيىنلەشتە قەتئىي چىڭ تۇردى، - دەپ قايتا - قايتا داۋراڭ سالدى. ئۇ مۇشۇنداق ھاقارەت قىلدى. سىز چوقۇم باتۇرلارچە ئوتتۇرىغا چىقىپ بۇ ئىشنى ئېنىقلىشىڭىز كېرەك. سىزدىن ئۆتۈنەي، ھەرگىزمۇ سۈكۈت قىلماڭ ھەم چېنېمىنى ئايدىڭلاشتۇرماستىنلا ئورۇن بوشىتىپ بېرىدىغان ئىشنى قىلماڭ. ھېچ بولمىغاندىمۇ ئىچكى كابىنېتنىڭ ئىككى تۈرلۈك تەكلىپىنى رەھىمسىزلىك بىلەن رەت قىلغانلىقىنى كىشىلەرگە پۇرىتىپ قويۇڭ. بۇنى چوقۇم پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە چۈشەندۈرۈشىڭىز كېرەك. بولمىسا، مەنمۇ سىز بىلەن بىر مەيداندا تۇرۇشقا ئامالسىز قالىمەن. ۋورس. |