كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس

سۆيگۈ خېتى - سۆيگۈ خېتى - كوبايا شىتاكىجى (1903 - 1933) تاگوچى تاكىكوغا يېزىلغان خەت سىزنىڭ ئورنىڭىز:

كوبايا شىتاكىجى (1903 - 1933) تاگوچى تاكىكوغا يېزىلغان خەت

مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-10-10 21:32:15 كۆرۈلىشى: 17




 كوبايا شىتاكىجى (1903 - 1933) تاگوچى تاكىكوغا يېزىلغان خەت
 كوبايا شىتاكىجى - ياپونىيىلىك ھازىرقى زامان پرولېتارىيات ياغۇچىسى، ئىنقىلابچى، بىر نامرات دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، بارلىقىنى ياپون خەلقىنىڭ ئازادلىق ئىشلىرى ۋە ئىنقىلابىي ئەدەبىيات ئىشلىرىغا بېغىشلىغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «قىسقۇچپاقا تۇتۇش كېمىسى» قاتارلىقلار بار، يەنە كوبايا شىتاكىجى دىۋانىمۇ نەشر قىلىنغان.
تاگوچى تاكىكو - 1908 - يىلى تۇغۇلغان، ئائىلە كېلىپ چىقىشى نامرات بولۇپ، 17 ياش ۋاقتىدا پاھىشە بولۇشقا مەجبۇر بولغان، 1924 - يىلى كوبايا شىتاكىجى بىلەن تونۇشقان، 1925 - يىلى كوبايا شىتاكىجى تاگوچى تاكىكونى پاھىشخانىدىن تىلىۋالغان، بىر نەچچە قېتىملىق ئەگرى - توقاي كەچۈرمىشلەردىن كېيىن، 1929 - يىلى ئىككىيلەن يەنە قايتا تېپىشقان. گەرچە كوبايا شىتاكىجى تاگوچى تاكىكو بىلەن تاگوچى تاكىكو كوبايا شىتاكىجىغا ئارتۇقچە يۈك بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن، كوبايا شىتاكىجىنى سىلىق رەت قىلغان.
تاكىكو:
«قاراڭغۇلۇق بولغاچقىلا يورۇقلۇق بولغان»، ھالبۇكى قاراڭغۇلۇق ئىچىدىن چىققان ئادەملا يورۇقلۇقنىڭ قەدرىگە يېتىدۇ. بۇ دۇنيا ئاللىقانداق بەخت - سائادەت بىلەن تولغان ئەمەس. بىر تەرەپ بەختسىز بولغاچقىلا، يەنە بىر تەرەپ بەختلىك بولغان. بۇنى ئېسىڭىزدە تۇتقايسىز. بىز بەختلىك تۇرمۇش ئۈچۈن، ئازابنىڭ نېمىلىكىنى تېتىپ بېقىشىمىز كېرەك.
تاكىكو، سىلەرنىڭ ھازىرقى ھال - ئەھۋالىڭلار ئىنتايىن مۈشكۈل، لېكىن، بۇنىڭلىق بىلەن پارلاق كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدىڭىزنى يوقاتماسلىقىڭىز كېرەك. چىداملىق بولۇڭ. بۈگۈنكى ئازابنىڭ ئەتىكى گۈزەل تۇرمۇشنىڭ ئاساسىي ئىكەنلىكىنى ئويلىشىڭىز كېرەك.
بىزنىڭ مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىققىنىمىزغا تېخى ئىككى يىل بولمىدى. شۇڭا قولىمىز قۇرۇق. گەرچە مەن سىزنى بۇرۇنلا سېتىۋېلىپ چىقىشنى ئويلىغان بولساممۇ، لېكىن خىيالىم خىيال پېتىچىلا قېلىۋەردى. مېنىڭ سىزگە بولغان مۇھەببىتىم ھەقىقەتەنمۇ تەڭداشسىز. خاتىرجەم بولغايسىز، قارىماققا ھېچقانداق ئۈمىد قالمىغاندەك قىلسىمۇ، لېكىن ھامان بىر كۈنى سىزنى مۇھەببىتىم بىلەن قۇتقۇزۇپ چىقىمەن. سىز قاتتىق دەرد - ئەلەم چەككەن چاغلىرىڭىزدا مېنىڭ سىزگە بولغان مۇھەببىتىمنى ئويلاڭ، يەنىمۇ سەۋرىچان بولۇڭ، دەرد - ئەلەم ۋە قايغۇ - ھەسرەتكە باش ئەگمەڭ.
سايتو دېگەن ھېلىقى ئادەمنىڭ ئەھۋالىنى ئاستىرتىن ئۇقۇشۇپ باقتىم. قارىغاندا ئۇ ناھايىتى ئەسكى بىر نېمىدەك قىلىدۇ. كېلەر قېتىم كۆرۈشكەندە بىز يەنە تەپسىلىي سۆزلىشەرمىز. قىسقىسى، ئۇ دېگەن بىر خەسىس نېمە، ھېچنېمە كار قىلماس ئەبلەخ. تاكىكو مەيلى سىز قانداق ئەھۋالدا بولماڭ، ھەممە بىزارلىقلارغا چىدىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ، لېكىن روھىڭىزنى ھەرگىزمۇ سېتىۋەتمەڭ. شۇنىڭ ئۇنتۇماڭكى، شۇ كۈنى ئاخشام سىزنىڭ روھىڭىزغا ياخشى ھامىي بولىدىغانلىقىم ھەققىدە سىز بىلەن دېيىشىپ قويغانمەن. قانداق؟ قەيسەررەك بولۇڭ - ھە!
مەن ۋە دوستلىرىم پۇلدىن ئېشىنالمايۋاتىمىز، بەزىدە تېخى سىلەردىنمۇ ئارىيەت ئالىدىغىنىمىز ئېسىڭىزدىمۇ؟ پۇل كىرسىلا، بىز چوقۇم سىزنى يوقلاپ بارىمىز، خاتىرجەم بولۇڭ!
سىز زادى قانچىلىك قەرز بولدىڭىز؟ بۇنىڭغا مانا مەن بار. گەرچە ھازىر قولۇم قىسقا بولسىمۇ، مەن ھامان بىر ئامال قىلىمەن. ماڭا ئاشۇ ساننى ئېيتىپ بېرىڭ، كۆڭلۈمدە ئېنىق بىر سان بولسۇن.
ئاخىردا، سىزنىڭ ھەرگىزمۇ ئۈمىدسىزلىنىپ، روھسىزلىنىپ كەتمەسلىكىڭىزنى تىلەيمەن. ئارىمىزدىكى مۇھەببەتكە ئىشەنچىڭىز بولسۇن. كېلەچىكىڭىزدىن ئۈمىدسىزلىنىپ ئۆزىڭىزنى دەرمانسىز سەزسىڭىز سېزىڭكى، ھەرگىزمۇ كەلسە - كەلمەس ھاراق ئىچىپ تېنىڭىزنى نابۇت قىلماڭ. ئەگەر كۆڭلىڭىز يېرىم بولۇپ ھاراق ئىچكۈڭىز كەلسە، مېنى ئەسلەڭ، بۇنىڭدىن ئازراق بولسىمۇ تەسەللى تاپارسىز، بولامدۇ؟ بىز شۇنداق كېلىشتۇق ئەمىسە!
يەنە فومىكونىڭمۇ غېمىنى يەپ قويۇڭ، ئۇنىڭغا ھەر ۋاقىت تەسەللى بېرىپ تۇرۇڭ. بىز ھەممىمىز بەرىبىر جاپاكەشلەر ئەمەسمۇ، پەقەت ئۆز ئارا تەسەللىلا بېرىشەلەيمىز. چوڭ ئانىمىزمۇ يېشى چوڭايغانسېرى مىجەزى قوداڭشىپ كېتىۋاتىدۇ، بۇنى ئۇنىڭدىن كۆرگىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭغا كۆپرەك غەمخورلۇق قىلىپ قويارسىز.
خەير، جاۋابىڭىزنى كۈتۈمەن
سۆيۈملۈكۈم تاكىكو
كوبايا شىتاكىجى
1925 - يىل 3 - ئاينىڭ 2 - كۈنى

شىركىتىمىزگە قاراڭ | ئالاقىلىشامسىز؟ | يالغۇزلا ماڭامسىز؟ | بۇغداي سۆزىمىز بار | ھەممە ئاڭلىسۇنمۇ؟ | بېكىتىمىز بوپتىمۇ؟ | قوشۇۋېلىڭچۇ   
بارلىق ھوقۇق  شىنجاڭ ‹‹بىلقۇت›› ئېلېكترون پەن- تېخنىكا تەرەققىيات چەكىلىك شىركىتگە تەۋە 


新疆碧黎库特电子科技开发有限公司
    QQ:   250092392 (Raziman)    ,   502410794(Bilqut)        
新ICP备07002316