فۇچىك (1903 - 1943) گۇستىناغا يېزىلغان خەت يۇلىئۇس فۇچىك - سابىق چېخوسلوۋاكىيىلىك يازغۇچى، ئاخبارات خىزمەتچىسى، ئوبزورچى، سابىق چېخوسلوۋاكىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى، سىمخوۋ شەھىرىدىكى بىر ئىشچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، 1941 - يىلى سابىق چېخوسلوۋاكىيە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەيئەتلىكىگە تەيىنلەنگەن، سىياسىي ئوبزور ژۇرنىلى «ئىجادىيەت» نىڭ باش مۇھەررەرلىكىنى ھەمدە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورگان گېزىتى «قىزىل ھوقۇق» نىڭ تەھرىرلىكىنى ئۈستىگە ئالغان. 1942 - يىلى گېرمانىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان، تۈرمىدىكى مەزگىلىدە مەشھۇر ئوچېركى «ئۆلۈم ئالدىدىكى سۆز» نى يازغان. گۇستىنا فۇچىكنىڭ ئايالى بولۇپ، ئۇلار دەسلەپكى ئوقۇغۇچىلىق مەزگىللىرىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىياسىي ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقان، كېيىن توي قىلغان. بۇ فۇچىكنىڭ ئايالىغا تۈرمىدە تۇرۇپ يازغان خېتى بولۇپ، ئۇنىڭ تولىمۇ ئۈمىدۋار كەيپىياتتا ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. سۆيۈملۈك گۇستىنا: ھېلىلا سىزگە خەت يېزىشقا رۇخسەت ئالدىم. شۇڭا دەرھاللا قولۇمغا قەلەم ئېلىپ بۇ خەتنى سىزگە يېزىۋاتىمەن. لىيۇبا خېتىدە ئادرېسىڭىزنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى يېزىپتۇ. بىلەمسىز، بىز - بىر - بىرىمىزدىن ئانچە يىراقتا ئەمەسمىز. ناۋادا سىز ئەتىگەندە دېلكىندىن يولغا چىقىپ شىمالغا ماڭسىڭىز. مەن ئەتىگەندە جەنۇبقا ماڭسام، قاش قارايغاندا ئۇچرىشالايمىز. بىز ئاشۇ ئاخىرقى بىر نەچچە قەدەمنى قانداق باسارمىز - ھە! قىسقىسى، بىز ئائىلىمىزنىڭ قىسمىتى چىگىلگەن تەرەپكە كېتىپ بارىمىز. سىز تاغىڭىز (فۇچىك بىلەن ئىسىمداش، مەشھۇر كومپوزىتور) شۆھرەت قازانغان دېلكىندا تۇرىسىز. مەن بولسام تاغىمىز ئالەمدىن ئۆتكەن جاي - بېرلىنغا يالاپ كېلىندىم. لېكىن مەن فۇچىك ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى بېرلىندا ئۆلىدۇ، دەپ قارىمايمەن. مېنىڭچە، لىيۇبا، سىزگە ئاللىقاچان ئېيتقان بولسا كېرەك: مەن ناھايىتى ئاددىي بىر قاماقخانىدا تۇرۇۋاتىمەن. ئۇ يەردە تۈگمە ياسايمەن. مەن تۇرغان قاماقخاننىڭ بىر تېمىنىڭ تۈۋىدە بىر ئۆمۈچۈك بار، مەن بۇ ئۆمۈچۈكنى بېقىۋاتىمەن، قاماقخانىنىڭ روجىكىگە بىر جۈپ قىزىل قۇيرۇقلۇق بۇلبۇل ئۇۋا سالغان. ئۇلار كۆز ئالدىمدىلا، ماڭا تولىمۇ يېقىن. مەن ئۇلارنىڭ يېقىملىق، بالىلارنىڭكىگە ئوخشاش چۇڭۇلداشلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىمەن. ئۇلار بالا چىقاردى. ئۇلار بالىلىرىدىن تولىمۇ ئەتراپلىق خەۋەر ئالىدۇ. شۇڭا مەن سىزنىڭ دائىم قۇشلارنىڭ ۋىچىرلاشلىرىنى ئىنسانىيەت تىلىغا تەرجىمە قىلىپ ماڭا دەپ بېرىدىغانلىقىڭىزنى ئەسلەپ قالدىم. شۇ قېتىم مەن سىز بىلەن بىر سائەتتىن كۆپرەك سۆزلەشكەنىدىم. سىز بىلەن يەنە ئاشۇنداق تاتلىق پاراڭلىشىپ ئولتۇرىدىغان چاغلارنىڭ يەنە بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمەن. شۇ چاغدا بىز بىر - بىرىمىزگە نۇرغۇن گەپلىرىمىزنى دېيىشىۋالاتتۇق - ھە! ئېھ، مېنىڭ قىزغىن سۆيگەن دىلبىرىم، باتۇر بولۇڭ، قەيسەر بولۇڭ! سىزنى پۈتكۈل مۇھەببىتىم بىلەن قۇچاقلايمەن. سىزنى سۆيىمەن. خەير! يۇلىئۇسىڭىزدىن 1943 - يىل 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى دېلكىن. |