ئوستروۋسكىي (1904 - 1936) رايەگە يېزىلغان خەت نېكولاي ئالېكسېيىۋىچ ئوستروۋىسكىي - سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىلىق يازغۇچى، 16 ياش ۋاقتىدا قىزىل ئارمىيىگە قاتناشقان، 20 ياش ۋاقتىدا كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى بولغان، ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە ئېغىر يارىدارلىنىپ، سالامەتلىكى بارا - بارا ئوساللاشقان، ئەڭ ئاخىرىدا ئىككى كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالغان، كېيىن كېسەل كارىۋىتى ئۈستىدە «پولات قانداق تاۋلاندى» رومانىنى يېزىپ چىققان. «بوران بالىلىرى» ناملىق روماننى ئاپتورنىڭ ۋاپاتى تۈپەيلى تاماملىنالمىغان. رايە - ئاپتورنىڭ سەمىمىي ھەمراھى، ئىككىيلەن 10 يىل بىرلىكتە ياشىغان، رايە بارلىقىنى پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئېرىگە بېغىشلىغان. سۆيۈملۈك رايە! تېلېگراممىڭىزنى تاپشۇرۇۋالدىم. ئولىيەگە تېلېگرامما بېرىۋەتتىم (ئۇنى كىتابخانىدىكى ئىشلارنىڭ قانداق كېتىپ بارغانلىقىنى ماڭا ئۇقتۇرۇپ قويسۇن دەپ.) ئۇنىڭدىن تېخى جاۋاب كەلمىدى، بۇنىڭ كارايىتى چاغلىق. دېمەك مەدەنىي بولماق ئۇنداق ئەمەس ئىكەن. بولدى، خەيرىيەت.... مەن جىددىي ئىشلەۋاتىمەن، روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن پۈتۈن كۈچۈمنى سەرپ قىلدىم. قولۇمدىكى ئەسەرنىڭ 6 - بابىدىن 54 بەت يېزىپتىمەن. سالامەتلىكىم قېرىشقاندەك يار بەرمەيۋاتىدۇ. ھەربىر مىنۇتمۇ مېنى يېۋېتىغاندەك قىلىدۇ. شۇڭا مەن ۋاقىتنى چىڭ تۇتمىسام بولمايدىغان ئوخشايدۇ. ئالدىنقى قېتىم ئاغرىغىنىمدا ئۆت خالتام يېرىلىپ كەتكەنىكەن، ئۆلۈپ كەتكىلى قىل قاپتىمەن. قاراڭ، مەن سىليامىن گىرىپتار بولغان ئاشۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇپتىمەن. خىزمىتىمگە كاشىلا بولىدىغان بۇ ئاگاھلاندۇرۇشلار ئىنتايىن خەتەرلىك. ھازىر مەندە پەقەت بىرلا نىشان، بىرلا ئىستەك بار، ئۇ بولسىمۇ «بوران بالىلىرى» نىڭ بىرىنچى تو،ىنى يېزىش ۋە ئۇنى تاماملاش... بۇ بىر نەچچە كۈن ئىچىدە سىزگە كوروپكا كىتاب ئەۋەتىمەن، بىر قىسمىنى ئۆزىڭىزنىڭ قىرائەتخانىڭىزغا قويۇڭ، بىر قىسمىنى مېنىڭ كىتابلىرىم بىلەن بىرگە قويۇڭ، ئەگەر ئولىيە قىرائەتخانىنى رەتلەۋاتقان بولسا، ساقلىغان كىتابلىرىمنى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ. «سىلەر ھەممە ئەھۋالدىن مېنى خەۋەرلەندۈرۈپ تۇرۇڭلار» دېگەندەك گەپلەرنى يېزىشىمنىڭ ئورنى يوق. ئۆيدىكى ئۇششاق - چۈششەك ئىشلارنىڭ كارايىتى چاغلىق. ئۆگىنىشىڭىز قانداق؟ بۇنىسى ھەممىدىن مۇھىم. مەن سىزنىڭ بۇ مەسىلىگە جىددىي ھەم ئېنىق جاۋاب بېرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. سىزدىن ئۆتۈنەي، قىزچاق، خاتىرجەم ئۆگىنىپ، خاتىرجەم ياشاڭ، - بۇلار بىزگە خۇشاللىق بېغىشلايدۇ، سەمىڭىزدە بولسۇنكى، ئارىمىزدا شەخسىي مۇناسىۋەتتىن باشقا، يەنە تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى كۈرەش ۋە ۋەتەننىڭ شان - شەرىپى بار. قولىڭىزنى قىسىپ نىكولاي 1936 - يىل 7 - ئاينىڭ 31 - كۈنى. |