كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس

سۆيگۈ خېتى - سۆيگۈ خېتى - ۋىۋېن لىگ (1913 - 1967) جېكقا يېزىلغان خەت سىزنىڭ ئورنىڭىز:

ۋىۋېن لىگ (1913 - 1967) جېكقا يېزىلغان خەت

مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-10-10 21:28:31 كۆرۈلىشى: 23



ۋىۋېن لىگ  (1913 - 1967)  جېكقا يېزىلغان خەت 
ۋىۋېن لىگ _ ئەنگلىيىلىك كىنو ئارتىسى، ھىندىستاننىڭ دارجىلىڭ دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان، يەتتە ياشقا كىرگگن يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىپ، مۇقەددەس ئانا مىسسىئونېرلار مەكتىپىدە ئوقۇغان، 1934 - يىلى كىنوچىلىق ساھەسىگە كىرگەن، 1937 - يىلى لاۋرېنس ئوللف بىلەن بىرلىكتە «لوندوندىكى چوڭ يانغىن» نى ئوينىغان. 1938 - يىلى تەكلىپ بىلەن ئامېرىكىغا بېرىپ، «ئەنسىز يىللاردىكى ساھىبجامال»، «قانلىق روھ»، «ھەرەمباغدىكى خانىش»، «ئۈمىد ئاپتوبۇسى»، «ئاننا كارىننا»، «تەلۋە ماركىلىق پاراخوت» قاتارلىق فىلىملەردە باش رول ئالغان؛ جۈملىدىن «ئەنسىز يىللاردىكى ساھىبجامال» «ئۈمىد ئاپتوبۇسى» ئىككى قېتىملىق ئەڭ مۇنەۋۋەر ئوسكار ئايال باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
ۋېۋىن لىگ ھاياتىدا ئىككى قېتىم نىكاھلانغان، ئوللف بىلەن نىكاھلانغاندىن كېيىن كېسەل سەۋەبىدىن ئايرىلىپ كەتكەن. ئۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى پەيتلىرىدە ئۆزى بىلەن بىرلىكتە «قىساس پەرىشتىسى» ناملىق سەھنە ئەسىرىدە رول ئالغان ئارتىس جېك بىلەن ناھايىتى يېقىن ئۆتكەن. بۇ ئۇنىڭ جېكقا يازغان بىر پارچە مۇھەببەت خېتى.
سۆيۈملۈك پەرىشتەم، مەن بىر كۈنلۈك خىزمەتنى بالدۇرراق ئاياغلاشتۇرۇپ، سىزگە خەت يېزىشنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتىمەن. چۈشتە ئابېل كېلىپ مەن بىلەن سېنارىيە ئۈستىدە سۆزلەشتى. دېبوردمان (دىرىژور) مۇ چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككى يېرىمدا مېنىڭ قېشىمغا كەپتىكەن. ئىشخانىغا بېرىپ ئۇنىڭ يېڭى مۇزىكىسىنى ۋە يېڭى تەكلىپىنى ئاڭلىدىم. ئاھ، سۆيۈملۈكۈم، ئاخىرقى ئورېگىنالنىڭ قاچان بېكىتىدىغانلىقىغا ئېنىق بىر نېمە دېيەلمەيمەن. مەن ئالتە يېرىملاردا ئۆيگە قايتتىم (پەرۋەردىگارىم) - قايتىپ كەلدىم! قانداق داۋاملاشتۇرۇش ئۈستىدە راستتىنلا بېشىم قېتىۋاتىدۇ. بۇنداق شەكىلدىكى رول ئېلىشقا ئانچە ئىشەنچىم يوق، قانداق قىلسام توغرا بولىدىغانلىقىنى، قانداق قىلسام خاتا بولىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. ھەر بىر ئادەمنىڭ مۇزىكىلىق درامىغا قارىتا ئۆزىگە خاس چۈشەنچىسى بولىدۇ، ئۇلار ماڭا قارىغاندا كۆپ تەجرىبىلىك.... مەن خۇددى يولدىن ئادىشىپ قالغاندەكلا بولۇپ قالدىم. شۇڭا سىزنىڭ خەۋىرىڭىزگىلا قاراشلىقمەن - جىگرىم - سىز ھېلىقى سوۋغىتىڭىزنى كىيمىمنىڭ يانچۇقىغا سېلىپ قويۇپسىز، بەك قىزىق، بىراق مەن سىزدىن تولىمۇ مىننەتدار - ئاھ، نېمىدېگەن مېھرىبانسىز، سىز تولىمۇ ھىممەتلىك، سىزنىڭ ماككې خانىم، جونېس مىملار بىلەن ياخشى ئۆتۈشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇلار سىزگە بەكلا تەكەللۇپ قىلىدۇغۇ، شۇنداقمۇ؟ - ياخشى چۈش كۆرۈڭ - مەن ھەر ۋاقىت سىزنىڭ خەتلىرىڭىزنى ئوقۇپ، ئۇنىڭدىن كۈچ - قۇۋۋەت ئالىمەن - خەتلىرىڭىز نەقەدەر سەمىمىي، يارقىن - ھە! - بۇ قېتىم سىزنىڭ سۆيۈملۈك پەرىشتىڭىزنىڭ خېتىگە ئوخشاشماي قالدى. كەچۈرگەيسىز.

شىركىتىمىزگە قاراڭ | ئالاقىلىشامسىز؟ | يالغۇزلا ماڭامسىز؟ | بۇغداي سۆزىمىز بار | ھەممە ئاڭلىسۇنمۇ؟ | بېكىتىمىز بوپتىمۇ؟ | قوشۇۋېلىڭچۇ   
بارلىق ھوقۇق  شىنجاڭ ‹‹بىلقۇت›› ئېلېكترون پەن- تېخنىكا تەرەققىيات چەكىلىك شىركىتگە تەۋە 


新疆碧黎库特电子科技开发有限公司
    QQ:   250092392 (Raziman)    ,   502410794(Bilqut)        
新ICP备07002316