ئۆلۈم پەيتىدىكى چۈش ۋە روھ ئالامەتلىرى ئۇ دۇنيا خەۋىرىنى كىم بەرگەن ئەي دىل؟ ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرى ئافرىقا قىتئەسىنىڭ كانار ئاراللىرىدىن بىرى بولغان - تېنىرىپتا 6000 يىل ياشايدىغان مۆجىزىلىك دەرەخ ئۆسىدۇ. 6000 يىل ياشايدىغان مۆجىزىلىك دەرەخ ئۆسىدۇ. مىسىر پىرئەۋنى رامزاس ئىككى قېتىلار شاھى ماۋەتەللىس بىلەن جەڭ قىلغان يىلى بۇ مۆجىزىلىك دەرەخنىڭ نوتىلىرى بىخ سۈرۈپ ياشارغانلىقى مەلۇم بولغان… ئەسىرلەردىن بۇيان بۇ دەرەخنى شاماللار سۆيۈپ ئۆتۈۋەرگەن. يەر يۈزىدە قانچىلىغان سەلتەنەتلەر ئالمىشىپ، قانچىلىغان خەلقلەر ياشاپ كەلدى…يۇنانلىقلارنىڭ باستۇرۇشى، ئەرەب ئىستىلاسى، موڭغۇللار ھۇجۇمى، ئوتتۇرا ئەسىر…بۇ چوڭ ئۆزگىرشىلەر تارىخىي ئېقىمىدىكى بىردەملىك كۆرۈنۈش ھىسابلىنىدۇ. تاش قوراللارنىڭ ساداسىنى ئىشتكەن بۇ دەرەخنىڭ ئۈستىدىن ھىلىمۇ ئۇچار جىسىملار ئۇچۇپ ئۆتمەكتە…مۆجىزىلىك بۇ دەرەخنىڭ 6000 يىللىق ئۆمرىگە نىسبەتەن ئادەمنىڭ 60 يىللىق ئۆمرى خۇددىي چاقماق چېقىپ ئۆچكىنىدەكلا بىر ئىش. ھالبۇكى، ئاشتۇزى كىرىستاللىرىدا 050 مىليون يىللىق باكتىرىيىلەر تېپىلغاندىن كېيىن، تەبىئەت ئىنسانغا نىسبەتەن ناھايىتىمۇ ئادالەتىسىزلىك قىلغاندەك تۇيۇلىدۇ. بۇ دۇنيا تەشۋىشلىرىنى ۋاقتىنچە بولسىمۇ قويۇپ تۇرايلى. ھاياتلىق دېگىنىمىز كۈندىلىك تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدىن ئىبارەتلا ئەمەسقۇ ئاخىر! ئادەم بالىسىنىڭ ئازراق ئارزۇ قىلىشقا، يەر يۈزىدە يۈز بېرىۋاتقان سىرلىق ھادىسىلەر، تەبىئەت ھادىسلىرى، ھاياتلىق ۋە ئۆلۈم قاتارلىقلارنىڭ قەدىمدىن تارتىپ سىرلىق تېپىشماق بولۇپ قېلىۋېرىشى قاتارلىقلارنىمۇ ئويلاپ بېقىشقا ھەققى بار! مۇنداق ئاجايىپ غارايىپ ۋەقەلەر تولا. قار ئادەم، لا خنىس مەخلۇقى، ئۇچار تەخسىلەر، تاشقى پلانت ئادەملىرى قاتارلىق سىرلىق ۋەقەلەرنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. كۆرۈنمەس جانلىقلار - سىرلىق ھادىسىلەر بىلەن غايىبانە تونۇشلۇقىڭىز بولسا كېرەك. دەرۋەقە ۋانگا ئىسىملىك ئادەمنىڭ ئىشلىرىدىنمۇ خەۋرىڭىز باردۇ. كىشىلەرنىڭ دېيىشىچە ئۇ ئۆلۈپ تىرىلگەن ئادەممىش … |