رېئاللىق يۈز بەرگەن <روھىيەت> ھادىسلىرى ئىسپانىيىنىڭ كاردوۋا شەھىرىگە يېقىن بىر كەنتتە، بىر موماي نەۋرىسى بىلەن ئاشخانا ئۆينىڭ سۇس قىزىل رەڭلىك پار - پۇر خىش ياتقۇزۇلغان پولىدا بىر ئەرۋاھ يۈزىنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرىدۇ. ئۆي ئىگىسى قورقۇپ كېتىپ، پولدىكى پار - پۇر خىشنى قومۇرۇپ ئېلىۋىتىپ، ئورنىغا سىمونت ياتقۇزىدۇ. بىراق ئۇزاق ئۆتمەي، ئەرۋاھنىڭ يۈزى يەنە كۆرۈنىدۇ. كېيىن يەرلىك ھۆكۈمەت بۇ يەردە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، ئەسلىدە بۇ يەرنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردە بىر قەېرىستانلىق ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئۆيدىكى ئۈنئالغۇغا ئادەم ئۇققىلى بولمايدىغان بەزى غەيرىي ئاۋازلارمۇ ئېلىنىپ قالىدۇ. لېكىن بۇ ھادىسىنى ھېچكىم چۈشەندۈرۈپ بېرەلمىگەن. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە مۇنداق بىر ۋەقە يۈز بەرگەن، لى ئائىلىسى بىلەن ما ئائىلىسىنىڭ يەتتە ياشقا كىرگەن قىزلىرى بىرلا ۋاقىتتا ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئۇلار دەپنە قىلىش ئالدىدا، لى ئائىلىسىنىڭ قىزى تۇيۇقسىز تىرىلىپ قالىدۇ. ھەمدە ئۆزىنى ما ئائىلىسىنىڭ قىزى دەپ قارايدۇ. ئۇ ما ئائىلىسىگە بارغاندىن كېيىن، ما ئائىلىسىدىكى ھەممە كىشىنى تونۇيدۇ. ھەمدە ما ئائىلىسىنىڭ قىزىنىڭ كىيىملىرىنى ئۆزىنىڭ كىيىمى دەپ ئېلىپ كىيىدۇ. 1977 - يىلى خېبىينىڭ پىڭشەن ناھىيىسىدىكى دېھقان ۋاڭ لىيۇزىنىڭ 13 ياشلىق قىزى رۇڭ رۇڭ قاتتىق ئاغرىپ ساقايغاندىن كېيىن، ئۆز پامىلىسىنىڭ بەي بولۇپ، ئۆينىڭ لىيۇگۇچاۋدا ئىكەنلىكىنى، ئۆينىڭ ئالدىدا يوغان بىر دەرەخ بارلىقىنى، ئاكىسىنىڭ ئىسمى لۇچۋەنباۋ بولۇپ، شىئەندە خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. كېيىن ۋاڭ لىيۇزى لۇگۇچاۋغا بېرىپ لۇ ئائىلىسىنى تاپىدۇ ھەمدە ئادرىس ۋە پامىلسىنىڭ قىزى رۇڭ رۇڭ ئېيتقانغا ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ۋاڭ لىيۇزى لۇ ئائىلىسىدىكى لۇچۇەنباۋنىڭ شىئەندە خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى لۇ ئائىلىسىدىن سوراپ بىلىدۇ. لۇ ئائىلىسىنىڭ قىزى خېلى بۇرۇنلا يوقاپ كەتكەن بولۇپ، يوقاپ كەتكەن ۋاقتى دەل رۇڭ رۇڭنىڭ تۇغۇلغان ۋاقىتقا توغرا كېلىدىكەن. بۇ خەۋەر خېبىي پەن - تېخنىكا نەشرىياتى نەشرى قىلغان <سىرلىق ۋاقەلەر> ناملىق كىتابقا بېسىلغان. ھىندىستاندا ئەرۋاھقا ئالاقىدار مۇنداق بىر ۋەقە يۈز بەرگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان. ساندى دىبىي 1926 - يىلى ھىندىستاننىڭ دېھلىدا تۇغۇلغان. ئۇ يەتتە ياشقا كىرگىنىدە ئۆزىنىڭ بۇرۇن ماتخارادا تۇرغانلىقىنى ئېيتىدۇ. توققۇز ياشقا كىرگەندە ئۇ ئۆز ئۆيىنىڭ ماتخارادىكى ئادىرىسىنى ئېيتىپ بېرىپلا قالماي، يەنە ئۆزىنىڭ بۇرۇن توي قىلغانلىقىنى ھەمدە ئۈچ بالىسى بارلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇ ئىش ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەشكىل قىلىنىپ، تۇغۇلغاندىن بېرى دېھلىدىن ئايرىلىپ باقمىغان بۇ قىز ماتخاراغا ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئەجەبلىنەرلىكى شۇكى بۇ قىز ماتخاراغا كەلگەندىن كېيىن يەرلىك كىشىلەر بىلەن سۆزلىشىپ تونۇشلىرى بىلەن سالاملىشىدۇ ھەمدە بۇرۇنقى ئۆيىگە بېرىپ بوۋىىسى بىلەن مومىسىنى تونۇيدۇ. |