كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس

سىر - سىر - ئۆتكۈر كۆز سىزنىڭ ئورنىڭىز:

ئۆتكۈر كۆز

مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-10-10 21:23:45 كۆرۈلىشى: 28



ئۆتكۈر كۆز
ئۆز ئوي - پىكىرىدىن  پايدىلىنىپ بىر نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى شەيئىلەرنى <كۆرەلەيدىغان>ئادەم بارمۇ يوق؟
پات پرېس ئەتراپنى ئۈن - تۈنسىز كۆزەتكەندىن كېيىن، بىر ئىككى مىنۇت جىمىپ كەتتى. ئاندىن سۆز باشلىدى: >مەن خىشتىن سېلىنغان 2~3 قەۋەتلىك بىنانىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدە يېتىۋاتىمەن. بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق، ئەڭ غەلىتە يېرى شۇكى، ئېگىز قۇرۇلمىلىق بىر يۆتكىلىشچان كىران ئۈستى تەرىپىمدە ئالدى - كەينىگە سىلجىپ تۇرىدۇ. قاراپ باقسام، ئۇ ئىككى تەرىپىدە بىردىن رېلىس بار يۆتكىلىشچان قۇرۇلما ئۈستىدە سىلجىپ تۇرۋېتىپتۇ>. پرىسنىڭ ئەتراپىدىكىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ ھەقىقەتەنمۇ بىر غەلىتە ئىش ئىدى. چۈنكى ئۇلار پەقەت ئۆزلىرى تۇرغان بۇ كىچىككىنە ئۆينىڭ قۇپقۇرۇق تۆت تېمىنىلا كۆرۋاتاتتى. پرىسنىڭ بايانى ئاڭلىماققا بەكلا غەلىتە، سىزىپ چىققان نەرسىسى تېخىمۇ شۇنداق ئىدى. ئۇ بۇلار كاللامدا >ئويلىغان>لىرىم، دېدى. ئۇنىڭ كىشىنى ھاڭ - تاڭ قالدۇرىدىغان بۇ بايانلىرى ۋە سىزغان رەسىمنىڭ ئەقىلگە مۇۋاپىقلىقى ئىسپاتلاندى. پرېس ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەر ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى قوللىغان بىر قەتئىي مەخپىي پىلانغا قاتناشقان. بۇ پىلان ئالاھىدە ئىقتىدار ئارقىلىق ئاخبارات تىڭتىڭلىغىلى بولىدىغان بولمايدىغانلىقىنى تەتقىق قىلىشنى مەقسەت قىلاتتى. مەركىزىي ئاخبارات ئىدارسىنىڭ ئەمەلدارلىرى سىناق تەرىقىسىدە پرېسقا بىر رەسىمنى بەرگەن، رەسىمدە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭكىگە ئوخشاش كىتىدىغان بىر ئەسلىھە بار ئىكەن. ئۇلار بۇ ھەقتە تىخىمۇ كۆپرەك ئەھۋال ئىگىلىمەكچى ئىدى. ئەمما ئۇلار پرىسقا بۇنىڭ قازاقىستاننىڭ سېمىپالاتىنىسكى دېگەن يېرىدىكى بىر يادرو زاۋۇتى ئىكەنلىكىنى، جاسۇسلۇق سۈنئىي ھەمراھنىڭ تەپسىلى سۈرەتنى تارتىپ بولغانلىقىنى ئېتمىغان. 
ئۇلار سۈنئىي ھەمراھ تارتقان سۈرەت بىلەن پرېسنىڭ بايانى ۋە سىزغان رەسىمىنى سېلىشتۇرغاندا، نەتىجىسى ئانچە پەرقلەنىمىگەن. 
20 نەچچە يىل ۋاقىت، 20 مىليون دوللاردىن كۆپرەك مەبلەغ سەرپ قىلىندى. 
پرىس زادى قانداق قىلغان؟ پەقەت تەلىيى كېلىپ تىپىۋالغانمۇ ياكى راستىنلا <يىراقتىن كۆرەلەيدىغان ئالاھىدە ئىقتىدار> بولۇپ، 15 مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى نىشاننى كۆرەلىگەنمۇ؟
بۇنداق غەلىتە ھادىسە چۈشەندۈرۈش ئىقتىدارى جەھەتتىلا ئەمەس، رېئاللىققا قانداق باھا بېرىش تەرەپتىنمۇ ئەنئەنىۋى ئىلىم - پەن ئۈچۈن بىر خىرىس ئىدى. نۇرغۇن كىشى <يىراقتىكى ئىشلار>نى كۆرگەنلىكىنى ئېيتقان. بەزى ئاتا - ئانىلار توساتتىن پەرزەنتلىرىنىڭ خەتەرلىك ھالدا قالغانلىقىنى كۆرگەن. پسىخولوگىيىگە تايىنىپ دىلو پاش قىلىدىغان رازۋېدكىچىلا قاتىلنىڭ چىرايىنى كۆرەلەيمىز، دەپ تۇرىۋالىدۇ. ئەمما بۇلار ئالىملار ئۈچۈن پەقەت ئويدۇرما ھېكايىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. 
ئەمما 1995 - يىلى مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى ئامىرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىر نەچچە ئون مىليون دوللار سەرپ قىلىپ، ئالاھىدە ئىقتىدارنى تەتقىق قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ <ئۆتكۈر كۆز> ھادىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئاشكارلىدى. بۇ ئىش پۈتۈن دۇنيادا غۇلغۇلا قوزغىدى.
بۇ مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ئۇزاقتىن بۇيان سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئالاھىدە ئىقتىدارى بارلاردىن پايدىلىنىپ، مەخپىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشىدىن ئەندىشە قىلىپلا كەلدى دېگەن مىش - مىش پاراڭنى ئىسپاتلىدى. شۇنداقلا >ئۆتكۈر كۆز>ھادىسىنىڭ ئىلىمىي ئاساسىنىڭ ھەقىقەتەن مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسەتتى. بۇ بارلىق ئىقتىدارلار ئىچىدىكى ئەڭ غەلىتە ھادىسسە بولۇشى مۇمكىن. شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر قانچە ئايدا، مەركىزىي ئاخبارات ئىدارسىنىڭ ئالاھىدە ئىقتىدارنى تەتقىق قىلىش پەۋقۇلئاددە پىلانى ۋە ئېرىشكەن نەتىجىلىرى توغرىسىدىكى تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلار ئاشكارىلاندى. بۇ پىلان 1972 - يىلى يولغا قويۇلغان بولۇپ، ئەينى چاغلاردا كالفورنىيە شىتاتىدىكى سىتانفورد تەتقىقات ئورنىنىڭ پسىخولوگى خار پاتخوف نيۇيوركلۇق سەنئەتكا ئىنگوسىۋان بىلەن بىرگە ئىشلىگەن بىر قسىم تەجرىبىلىرىنىڭ نەتىجىسىنى جامائەتچىلىككە ئاشكارلىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، سىۋان كۆرۈش دائىرسىنىڭ سىرتىدىكى شەيئىلەرنى <كۆرەلەيدىكەن> بىر قانچە ھەپتىدە، پاتخوف مەركىزىي ئاخبارات ئىدارسىدىكى ئىككى ئەمەلدارنىڭ تەكلىپىنى تاپشۇرۋالغان. ئۇلار ئۇنىڭغا ئامېرىكا ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاھىدە ئىقتىداردىن پايدىلىنىپ ئاخبارات تىڭتىڭلاش ئۇسۇلىنى تېپىۋىلىشىدىن بارغانچە ئەنسىرەۋەتقانلىقىنى ئېيتقان. ئەگەر مۇشۇنداق بولسا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئالاھىدە ئىقتىدارى بار >ئۆتكۈر كۆز> كىشىلەردىن پايدىلىنىپ ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىق سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ ئىزىغا چۈشۈشى مۇمكىن ئىدى. بۇنداق سۇ ئاستى پاراخوتى غەربىنىڭ يادرو قوراللىرىنى چەكلەش سىياسىتىنىڭ ئۇل تېشى ھېسابلىنىدۇ. مەركىزىي ئاخبارات ئىدارسىنىڭ ئەمەلدارلىرى پاتخوقتىن سىۋاننىڭ ئىقتىدارنى سىناشنى تەلەپ قىلغان. ئەگەر ئۇ سىۋاننىڭ ئىقتىدارىنى ئىسپاتلىيالىسا، مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ئومۇميۈزلۈك بىر تەتقىقات پىلانىغا ياردەم بېرىدىكەن. بۇ تولىمۇ ئادەتتىكى سىناق بولۇپ، سىۋاندىن پەقەت قۇتىغا نەرسىنى تەسۋىرلەپ بېرىش تەلەپ قىلىنىدىكەن. سىناق نەتىجىسى مەركىزى ئاخبارات ئىدارسىنى بىر قاتار پىلانلارنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەشكە قايىل قىلغان. نەتىجىدە بۇ پىلانلار تاماملاشقا 20 نەچچە يىل ۋاقىت، 20 نەچچە مىليون دوللار مەبلەغ سەرپ قىلىنغان.
مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى
1988 - يىلغىچە سىتانفورد تەتقىقات ئورنى
>ئۆتكۈر كۆز> ئالاھىدە ئىقتىدارىغا ئىگە ئادەملەر ئۈستىدە 1000 قېتىمدىن ئارتۇق سىناق ئېلىپ باردى. سىناق نەتىجىسىنى تەھلىل قىلغاندىن كېيىن چىقىرىلغان خۇلاسىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ ئالاھىدە ئىقتىدارىغا ئىگە كىشىلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش نىسبىتى ئومۇميۈزلۈك يوقىرى ئىكەن. سىناق نەتىجىسى ئامېرىكا ئاخبارات ئورگانلىرىنى >ئۆتكۈر كۆز> ئالاھىدە ئىقتىدارىنىڭ ھەقىقەتەن مەۋجۇتلىقىغا ئىشەندۈردى. 90 - يىللارنىڭ دەسلىپىگە كەلگەندە، كالفورنىيە شتاتىدىكى قورال ياراغ ھۆددىگەرلىرى ئىلمىي پايدىلىنىش خەلقئارا شىركىتى >پلانتلار ۋەقەسى پىلانى>نى يولغا قويۇشقا باشلىدى. پىلان نۇرغۇن ئوخشىمىغان ئامېرىكا گورۇھلىرى <ئۆتكۈر كۆز> ئالاھىدە ئىقتىدارىنى ھازىرلىغانلارنى تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى ماسلاشتۇرۇشقا مەسئول بولىدۇ.
مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى 1995 - يىلى بۇ پىلاننىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىتىراپ قىلغان بولسىمۇ، تاللانغان تەكشۈرۈش نىشاننىڭ نېملىكى، بۇ ئالاھىدە ئىقتىدار ئىگىلىرىنىڭ ئاخبارات ئىگىلەشتە قانچىلىك زور نەتىجىلەرگە ئېرىشكەنلىكى قاتارلىق مەسىلىلەر يەنىلا قەتئىي مەخپىي دائىرىگە مەنسۇپ ئىدى. بۇ پىلان يولغا قويۇلغان مەزگىلدە تەييارلانغان 80 مىڭ خەتلىك ھۆججەتتىن پەقەت بىر پارچە 027 بەتلىك دوكلاتلا ئاشكارىلانغان. شۇنداقتىمۇ بەزى ھەرىكەتلەر توغرىسىدا سۆز - چۆچەكلەر تارقالدى. ئۇنىڭ بىرى ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارسىنىڭ 1979 - يىلى بۇ ئالاھىدە ئىقتىدارلىقلاردىن سوۋېت ئىتتپاقىنىڭ بىر خىل يېڭى تىپتىكى سۇ ئاستى پاراخوتىنى >كۆزىتىش>نى تەلەپ قىلغانلىقى، ئالاھىدە ئىقتىدارلىقلار نىشاننى تاپتى. ھەم سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ لايىھىلىشى، پاراخوتقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان باشقۇرۇلۇدىغان بومبىنىڭ ئىقتىدارى، شۇنداقلا كېمە تۇنجى قېتىم سۇغا چۈشۈرۈلگەن كۈنى قاتارلىقلارغا دائىر تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىدى. باشقا سۆز - چۆچەكلەردە ئېيتىلىشىچە، >ئۆتكۈر كۆز> ئالاھىدە ئىقتىدارغا ئىگە كىشىلەر 1988 - يىلى 2 - ئايدا لىۋاننىڭ جەنۇبىي قىسمىدا تېرورچىلار تەرپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئامېرىكا ئوفىتسېرى ۋىليام خىگىنىسنىڭ ئىز دېرىكىنى ئالماقچى بولغان ھەم ئۇنىڭ شۇ رايوندىكى بىر كىچىك كەنتتە قاماپ قويۇلغانلىقىنى تېپىپ چىققان. ئەمما ئۇ قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى باشلانماي تۇرۇپلا ئۆلتۈرۋېتىلگەن.
بۇ سۆز چۆچەكلەرنىڭ راست ياكى يالغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا >ئۆتكۈر كۆز> ئالاھىدە ئىقتىدارىنى تەتقىق قىلىش بۇ پىلانىنى توختاتقان. بىراق، 1984 - يىلى كىشىنى ئويلاندۇرىدىغان يەنە بىر ۋەقە يۈز بەرگەن. ئەينى چاغدا ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىدىكى جوسېف مونگىر تۆھپە مېدالغا ئېرىشكەن. بۇ تىنىچلىق دەۋىرىدە ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە بىرىلگەن ئەڭ يوقىرى مۇكاپات ئىدى. ھۆكۈمەت تەرەپ ئۇنىڭ مۇكاپاتلىنىشىدىكى سەۋەب ھەققىدە توختالغاندا: >ئۇ تەڭداشسىز ئاخبارات پىلانى>غا قاتنىشىپ >دۆلىتىمىز ئارمىيىسى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى قاتلىمىنى ئىنتايىن مۇھىم ئاخبارات بىلەن تەمىنلىدى>، دېگەن. مونگىر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى >ئۆتكۈر كۆز> ئالاھىدە ئىقتىدارغا ئىگە خادىملىرىنىڭ بىرى ئىدى.

شىركىتىمىزگە قاراڭ | ئالاقىلىشامسىز؟ | يالغۇزلا ماڭامسىز؟ | بۇغداي سۆزىمىز بار | ھەممە ئاڭلىسۇنمۇ؟ | بېكىتىمىز بوپتىمۇ؟ | قوشۇۋېلىڭچۇ   
بارلىق ھوقۇق  شىنجاڭ ‹‹بىلقۇت›› ئېلېكترون پەن- تېخنىكا تەرەققىيات چەكىلىك شىركىتگە تەۋە 


新疆碧黎库特电子科技开发有限公司
    QQ:   250092392 (Raziman)    ,   502410794(Bilqut)        
新ICP备07002316