غەلىتە ئەرەب بوتۇلكىسى 1983 - يىلى بىر جۈپ ئەر - ئايال بوستۇن شەھىرىنىڭ مەلۇم كوچىسىدا كېتىۋىتىپ، شەخسېنىڭ يايمىسىدىن سىدامغىنە بىر مېتال بوتۇلكا سېتىۋالغان، كېيىن بىر قېتىملىق تاسادىپىي سوقۇلۇپ كىتىش سەۋەبلىك، ئۇلار بوتولكىنىڭ ئاجايىپ ئالاھىدىلىكىنى بايقىغان. بۇ قەدىمىي مىس بوتۇلكىنى قانداقلا بىر مېتال نەرسە بىلەن ئۇرۇپ قويسا، بوتۇلكا ئىچىدىن خۇددى <مىڭ بىر كىچە> دىكى ئەرەب جىننىڭ سۈرىتىدە ھال رەڭ ئىس - تۈتەك چىققان. ئۇلار بۇ ئىشتىن ھەيران بولۇپ، بوتولكا ئىچىنى تەكشۈرگەن بولسىمۇ ھېچنەرسىنى بايقىمىغان. مېتال تاياقچا بىلەن قايتا ئۇرۇپ باققاندا، شالاڭ ئىس تۈتەك پەيدا بولغان، بۇ خىل تەبىئەتتىن ھالقىغان ھادىسە ئۇلارنى گاڭگىرىتىپ قويغان. ئىسىم پامىلىسىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ ئەر - ئايال بوتولكىنى <تەبىئەتتىن ھالقىغان ھادىسىلەرنى تەتقىق قىلىش جەمئىيىتى>نىڭ ئەزاسى، ئامېرىكىلىق بىر پروفېسسورغا تاپشۇرغان. ئۇ پروفېسسور ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى خىزمىتىنى توختىتىپ، بوتۇلكا تەتقىقاتى بىلەن شوغۇللىنىشقا باشلىغان. تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ ئىسپاتلىشىچە، ئۇ بوتۇلكىنىڭ شەكلى ئەرەبلەر دائىم ئىشلىتىدىغان جىنچىراقنىڭ شەكلىدە بولۇپ، مىلادىيە 9 - ئەسىردە ئوتتۇرا شەرىقتە ئىشلەنگەن ئىكەن. ئۇنى ئەرەبلەر بۇندىن تەخمىنەن 200 - يىل بۇرۇن باشقا ماللار بىلەن بىللە ئامېرىكىغا ئېلىپ كەلگەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. قارىماققا شۇنداق ئاددىي، ئەمما مەلۇم چۈشەنگىلى بولمايدىغان كارامەتكە ئىگە بۇ ئۇزۇن بويۇنلۇق بوتۇلكىدىن چىققان شالاڭ ئىس - تۈتەك ياكى تۇماننى ھازىرقى زامانىۋى ئەسۋابلىرى ئارقىلىق تەھلىل قىلىپ ئۆلچىگەندە، ئۇنىڭ مۇئەييەن ئېنېرگىيىگە ئىگە ئىكەنلىكى بايقالغان. شالاڭ ئىس - تۈتەك بوتۇلكىنىڭ ئاغزىدىن ئىككى ئىنگلىزچىسى ئىگىزلىكتە لەيلەپ، 01~51 سىكونتقىچە پەيدا بولۇپ يوقىلىدىكەن. بەزىدە بىر نەچچە سائەت ھەتتا بىرەر كۈنمۇ قايتا پايدا بولمايدىكەن. ھېلىقى پروفېسسور ئۆزىنىڭ بۇ بايقىشىنى ھەمدە تەتقىقات دوكلاتىنى بىرازىلىيىنىڭ رىئودې ژانېرو شەھىرىدە ئېچىلغان <تەبىئەتتىن ھالقىغان ھادىسىلەرنى تەتقىق قىلىش يىغىنى>غا ئەۋەتكەن ۋە ئۆزى بوتۇلكىنى ئېلىپ بېرىپ، يىغنىغا قاتناشقان. ئۇنىڭ دوكلاتى ۋە بوتۇلكا ئارقىلىق كۆرسەتكەن كارامىتى ئۈچ كۈنلۈك يىغىننىڭ ئاساسىي تېمىسى بولۇپ قالغان. يىغىنغا قاتناشقان ئالىملار ۋە ئالاھىدە ئىقتىدار ئىگىلىرى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن بۇ ھادىسىدىن ھەيران بولۇشقان. يىغىنغا قاتناشقان بىرەيلەن: <تۇمان ئاستا - ئاستا يوقىرى كۆتۈرۈلۈپ غۇۋا ئادەم شەكلىگە كېلىدىكەن. مەن ئۇنىڭ جېنىغا ئايلىنىپ، <مىڭ بىر كىچە>دىكى دىۋە بولۇپ چىقىشنى ئارزۇ قىلىمەن دېگەن. ۋارشاۋادىن كەلگەن ئالاھىدە ئىقتىدارغا ئىگە بىر كىشى مۇنداق دېگەن: <ئۇنى كۆرگەن كىشى ھەم ھاياجانلىنىدۇ ھەم شۈركىنىدۇ. ئۇنىڭ سېھرىي كۈچى چەكسىز بولسا كېرەك>. ئامېرىكىلىق بىر پروفىسسور مۇنداق دىگەن: <پەقەت مىس ئەسۋاب بىلەن ئۇنى ئاستا سوقۇپ قويسىلا ئاندىن ئاجايىپ سېھرىلىك تۇمان چىقىدۇ، پەنگە ئاساسەن بۇ ھادىسىگە قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بەرگىلى بولمايدۇ>. ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: <بىز قەدىمىي مىس بوتۇلكىنىڭ تەركىبىنى توغرا تەھلىل قىلىپ، ئاندىن ئۇنىڭغا ئوخشاش مېتال ياكى مىس ئارقىلىق تەجرىبە ئېلىپ بارغان بولساقمۇ، بۇ خىل ھادىسە بولمىدى>. خېلى كۆپ ئالىملار بوتۇلكىنى يېرىپ، ئۇنىڭ سىرىنى ئىچىش توغرىسىدا تەكلىپ بەرگەن. ئەمما بوتۇلكىنى تەقدىم قىلغان ئەر - ئايال قەتئىي قوشۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. نۆۋەتتە <تەبىئەتتىن ھالقىغان ھادىسىلەرنى تەتقىق قىلىش جەمئىيىتى>دىن ئىبارەت بۇ خەلقئارالىق خەلق تەشكىلاتى <قەدىمىي بوتولكىنىڭ سىرى>غا چىتىلىدىغان تەتقىقات دائىرىسى بويىچە، ھەر قايسى ساھەلەردىكى بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئالىملارنى يىغىپ، ئەرەبلەرنىڭ خەلق ئىچىدىكى رىۋايەت ئەپسانىلىرىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، بۇ تەبىئەتتىن ھالقىغان ھادىسىنىڭ سىرىنى ئىچىش ۋە تېخىمۇ كۆپ يىپ ئۇچىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتىدۇ. |