مىسر مەلىكىسىنىڭ سىرلىق مومىياسى 20 - ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە ئەنگىلىيىدە <ئادەتتىن تاشقىرى كۈچكە تولغان مومىيا> ساقلانغان. ئۇ ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ، نۇرغۇن ئادەمنى ئېچىنىشلىق ھالدا كېلىشمەسلىككە ئۇچراتقان. ھەتتا، ھەيران قالدۇرالىغىدەك دەرىجىدە تۇيۇقسىز ئۆلتۈرگەن. بىر ئارخېئولوگ ئۇنى ئەنگىلىيىدىن نيۇيوركقا يۆتكىمەكچى بولۇپ تۇرغاندا، ئويلىمىغان يەردىن مومىيا سېلىنغان غايەت زور پاراخوت دېڭىز ئاستىغا چۆكۈپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ مومىيا توغرىسىدىكى غەلىتە ئىشلار شۇ يەردە دېڭىز ئاستىغا غەرق بولغان… مىلادىدىن بۇرۇنقى 1500 يىل مىسىردا يامانلا ئىسمىلىك بىر مەلىكە ئۆتكەن بولۇپ، بۇ مەلىكە مىسىر تارىخىدا ئۇنچىلىك داڭلىق شەخسمۇ ئەمەس ئىدى. ئۇ 3000 نەچچە يىل ئىلگىرى ئۆلگەندىن كېيىن، جەسىتى قەدىمكى مىسىر ئادىتى بويىچە مومىيا قىلىنغان بولۇپ، نىل دەرياسى بويىدىكى لەھەت ئىچىگە دەپنە قىلىنغان. مىلادى 1980 - يىلنىڭ ئاخىرىدا تۆت نەپەر ئەنگىلىيىلىك مىسىرغا كەلگەن. يەرلىك بىر قەدىمكى جەسەت ساندۇرقىنى ساتماقچى بولغان، جەسەت ساندۇقىدىكى دەل يامانلا مەلىكىسىنىڭ مومىياسى ئىدى. تۆت نەپەر ئەنگىلىيلىك مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، ئارىسىدىكى پۇللۇق بىرى نەچچە مىڭ فوندستېر باھادا بۇ مومىيانى سېتىۋالغان. شۇنىڭدىن كېيىن قەدىمكى مىسىر تارىخىدا نامى چىقمىغان مەلىكە ئارقا - ئارقىدىن غەلىتە، قۇرقۇنچلۇق بەختىسىزلىكلەرنى ئېلىپ كەلگەن. مومىيانى سېتىۋالغان ھېلىقى ئەنگىلىيىلىك جەسەت ساندۇقىنى مېھمانخانىغا ئېلىپ كېلىپ، بىر نەچچە سائەت ئۆتە - ئۆتمەيلا مېھمانخانىدىن سەۋەبسىزلا چىقىپ كېتىپ، يېقىن ئەتراپتىكى قۇملۇق ئىچىگە كىرىپ كەتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئىز دېرەكسىز يوقىلىپ قايتىپ چىقمىغان. ئىككىنچى كۈنى ئۇنىڭ بىر ھەمراھى تۇيۇقسىز ھۇجۇمغا ئۇچراپ ئوق تەگكەن، يارىسى ئېغىر بولغاچقا بىلىكىنى كېسىۋىتىشگە مەجبور بولغان. قالغان ئىككى كىشىمۇ ئىلگىر كېيىن بەختسىزلىككە ئۇچرىغان. بىرى ئەنگىلىيگە قايتىپ سەۋەبسىزلا ۋەيران بولغان. يەنە بىرى ئېغىر كېسەللىككە دۇچار بولۇپ، ئاخىرى كوچىدا سەرەڭگە ساتقۇچى بولۇپ سەرسانلىق تۇرمۇشقا قەدەم قويغان. بۇ سىرلىق مومىيا كېيىن ئەنگىلىيە ئېلىپ كېلىنگەن. يولبويى غەلىتە ئىشلار يۈز بېرىۋەرگەن. ئاخىرى ئەنگىلىيىلىك قەدىمكى مىسىر مەدەنىيىتىگە قىزىقىدىغان بىر باي سودىگەر بۇ مومىيانى سېتىۋالغان، بىراق بەختسىزلىك شۇنىڭ بىلەنلا تۈگمىگەن، ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىن ئۈچ كىشى بىر قېتىملىق غەلىتە ماشىنا ھادىسسىدە ئېغىر يارىلانغان، ئۇنىڭ ھەشەمەتلىك تۇرالغۇسىمۇ تۇيۇقسىزلا كۆيۈپ كۈلگە ئايلانغان. بۇ كۈتۈلمىگەن ھادىسسىدىن كېيىن، بۇ باي سودىگەر ئامالسىز مومىيانى ئۇلۇغ بېرىتانىيە مۇزېيىغا ئىئانە قىلىۋەتكەن. يامانلا مەلىكىسىنىڭ مومىياسى ئۇلۇغ بېرىتانىيە مۇزىيىغا كىرمەي تۇرۇپلا بەزىبىر ئالامەتلەر كۆرۈلۈشكە باشلىغان. مومىيانى مۇزېيغا ئەكىرىش جەريانىدا مومىيا قاچىلانغان ماشىنا سەۋەبسىزلا كونتورۇللىقىنى يوقىتىپ، گۇناھسىز بىر يولۇچىنى بېسىۋەتكەن. كېيىن ئىككى نەپەر مال توشۇغۇچى جەسەت ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ مۇزېيغا ئەكىرىپ كېتىۋاتقاندا، پەشتاق ئارىلىقىدا جەسەت ساندۇقى قولىدىن چۈشۈپ كېتىپ، بىرسىنىڭ پۇتىنى يارىلانغان. يەنە بىر ئىشچىنىڭمۇ سالامەتلىكى ناھايىتى ياخشى تۇرۇپ، ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كېيىن سەۋەبسىزلا ئۆلۈپ كەتكەن. بىراق، ھەقىقىي ئاۋارىچىلىق ئەمدى باشلانغانىدى. كېيىن يامانلا مەلىكىسىنىڭ جەسەت ساندۇقى بۇ مۇزېينىڭ مىسىر كۆرگەزمىخانىسىغا قويۇلۇپ كۆرگەزمە قىلىنغان. ئۇ چاغلاردىكى كېچىلىك قاراۋۇلنىڭ دوكلات قىلىشىچە، ئۇنىڭ جەسەت ساندۇقى يېنىدىن <تاق - تۇق> قىلغان ئاۋاز يىغلىغان ئاۋاز ئاڭلانغان. ھەتتا كۆرگەزمىخانىغا تىزىلغان باشقا ئاسار ئەتىقىلەردىنمۇ غەلىتە ئاۋاز چىققان. غەيرىي ئىشلار ئارقا - ئارقىدىن يۈز بېرىپ تۇرغان، تىخىمۇ قورقۇنچلۇق بولغىنى شۇكى، شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئادەم ئۆلۈش ۋەقەلىرىمۇ يۈز بېرىپ تۇرغان؛ ئۇزاق ئۆتمەي، بىر قاراۋۇل ۋەزىپە ئۆتەۋاتقاندا ئۆلۈپ كەتكەن، بۇ سەۋەبتىن باشقا قاراۋۇللارمۇ قورقۇپ ۋەزىپىسىدىن كوللېكتىپ ئىستىپا بەرمەكچى بولغان. مۇشۇنداق غەلىتە ئىشلار ئارقا - ئارقىدىن ئۇلىشىپ يۈز بېرىپ تۇرغاچقا، ئۇلۇغ بېرىتا مۇزېيىدىكى يوقىرى قاتلامدىكىلەر بۇ مومىيانى يەر ئاستى ئۆيىگە ئەكىرىپ قويۇشقا مەجبور بولغان. ئۇلار ئەگەر ئۇنى جامائەتچىلىككە ئاشكارلىمىسا ئۇنىڭ قارغىشى تۈگەيدۇ، دەپ قارىغان. بۇ تەدبىر كار قىلدىمۇ؟ ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، قىلغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىكارغا كەتكەن، چۈنكى بىر ھەپتە ئۆتە - ئۆتمەيلا يەنە بىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى سەۋەبسىزلا جىنىدىن جۇدا بولغان. بۇ قېتىم جېنىدىن جۇدا بولغىنى مومىيانى يەر ئاستى ئۆيگە ئەكىرىپ قويۇشنى قارار قىلغان ئاساسىي باشقۇرغۇچى بولۇپ، كىشىلەر ئۇنىڭ ئىش ئۈستىلى ئۈستىدە ئۆلۈپ قالغانلىقىنى بايقىغان. ئىش بۇ يەرگە كەلگەندە، قارغىشقا تولغان مومىيانىڭ داڭقى پۇركەتكەن. ئۇنىڭ داڭقى ئەينى يىللارىدىكى ئەنگىلىيە ئاخبارات ساھەسىدىكىلەرنىمۇ ئۆزىگە جەلپ قىلغان. بىر گېزىتخانىنىڭ فوتوگرافى يەر ئاستى ئۆيىگە كىرىپ، بۇ مومىيانى سۈرەتكە تارتقان، نەتىجىدە يۇيۇپ چىقىرىلغان سۈرەتلەرنىڭ بىر پارچىسىدا ئادەمنىڭ قورقۇنچلۇق چىرايى پەيدا بولغان. كېيىن ئەھۋالنىڭ قانداق بولغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيتتى. پەقەت بۇ فوتوگرافنىڭ ئىككىنچى كۈنى ئۆزىنىڭ ئۆيىدە ئۆلۈپ قالغانلىقى يەنى تاپانچا بىلەن ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغانلىقى بايقالغان. ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇلۇغ بېرىتانىيە مۇزېيى <جان ئالغۇچى مومىيا<نى بىر شەخسىي يىغىپ ساقلىغۇچىغا سېتىپ بەرگەن. بۇ يىغىپ ساقلىغۇچى ئەينى ۋاقىتتىكى ياۋروپادىكى ئەڭ داڭلىق پېرىخۇن بىراۋىسكىي خانىمنى تەكلىپ قىلىپ بۇ مومىيادىكى يامان ۋەسۋەسلەرنى ئەپسۇن بىلەن يوقاتماقچى بولغان. بىراۋىسكى خانىم بۇ مومىيادا كىشىنى ھەيران قالدۇردىغان زور مىقدارىدىكى قەبىھ كۈچ بارلىقىنى ھەم بۇ مومىيادىكى يامان ۋەسۋەسىلەرنى يوقىتىش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، ھەرقانداق ئادەمنىڭ بۇنىڭغا ئامالى يوق ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئاخىرىدا بىراۋىسكىي خانىم بۇ يىغىپ ساقلىغۇچىغا: ئامال بار ئۇنى تېزدىن بىر تەرەپ قىلۋىتېڭ، دەپ ئاگاھلاندۇرغان. لېكىن ئىش بۇ دەرىجىگە يەتكەندە، بۇ مەلىكىنىڭ مومىياسىنى ھەرقانداق بىر مۇزېي قويۇپ قېلىشنى خالىمايتتى. چۈنكى 10 يىل ئىچىدە 20 گە يېقىن ئادەم ئۇنىڭ سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغان. مومىيامۇ بىر قورقۇنچلۇق قارغاش سېھرىي كۈچى بىلەن يىراق - يېقىنغا نامى تارقىلىپ كەتكەنىدى. ھېكايە تېخى تۈگمىدى. كېيىن جىن ئالۋاستىلارغا ئىشەنمەيدىغان ئامېرىكىلىق ئارخىئولوگ يامانلا مەلىكىسىنىڭ بۇرۇنقى قۇرقۇنچلۇق تارىخىغا قارىماي يەنىلا كۆپ پۇل خەجلەپ ئۇنى سېتىۋېلىپ ئۇنى نيۇيوركقا ئېلىپ كەتمەكچى بولغان. مىلادى 1912 - يىلى 4 - ئايدا بۇ مەلىكىنىڭ يېڭى ئىگىسى ئۆزى بىۋاسىتە ئۇنى ئەينى ۋاقىتتا پاراخوت ياساش ساھەسىنى زىل - زىلىگە كەلتۈرگەن غايەت زور پاراخوتقا سېلىپ نيۇيوركقا ساق - سالامەت يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئۇنى كاپىتان ئىشخانىسىنىڭ يېنىغا ئورۇنلاشتۇرغان. بۇ غايەت زور پاراخوتنىڭ ئىسمىنى بىلەمسىز؟ يامانلا مەلىكە ئەڭ ئاخىرىدا چىققان بۇ پاراخوت ھەممەيلەنگە ئايان بولغان <تىتانىك< ناملىق پاراخوت ئىدى، ئەجىبا بۇ مۇدھىش مومىيا <چۆكمەس پاراخوت>قا بالايىئاپەت كەلتۈرۈپ، مىڭ نەچچە ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغانمىدۇ؟ بۇ سىرلانى بەندىلەر قانداق بىلەلىسۇن؟ |