كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس

سىر - سىر - سىرلىق غايىپ بولۇش ۋە قايتا پەيدا بولۇش سىزنىڭ ئورنىڭىز:

سىرلىق غايىپ بولۇش ۋە قايتا پەيدا بولۇش

مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-10-10 21:01:18 كۆرۈلىشى: 39



سىرلىق غايىپ بولۇش ۋە قايتا پەيدا بولۇش
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىكى تەبىئەتنىڭ سىرى ياكى تەبىئەتتىن ھالقىغان ھادىسلەر ئۈستىدە دادىل ئىزدىنىۋاتقان بەزى ئالىملار >سىرلىق غايىپ بولۇش ۋە قايتا پەيدا بولۇش<، >ماكان زامان تونىلى< توغرىسىدىكى تەتقىقات قىزغىنلىقىنى قوزغىۋەتتى، بۇ بەلكىم >تىتانىك< ناملىق پاراخوت بىلەن تەڭ يوقىلىپ كەتكەن ئىككى كىشىنىڭ سەكسەن يىلدىن كىيىن قايتا پەيدا بولۇپ قېلىش ھادىسسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك.
1992 - يىلى 4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى >تىتانىك< ناملىق دەرىجىدىن تاشقىرى ساياھەت پاراخوتى شىمالىي ئامېرىكىغا قىلغان تۇنجى سەپىرىدە، دېڭىز يۈزىدە لەيلەپ يۈرگەن زور بىر مۇز تاغقا سوقۇلۇپ كېتىپ، بەختكە قارىشى چۆكۈپ كەتكەنلىكتىن، بىر مىڭ بەش يۈزدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈشى ۋە يوقاپ كېتىشىدەك پەۋقۇلئاددە زور پاجىئە يۈز بەرگەنىدى. سەكسەن نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى. كىشىلەر بۇ ۋەقەنى ئۇنتۇپ كېتىۋاتقان پەيتتە، خەلقى ئالەمنى چۆچۈتىدىغان خەۋەرلەر ئارقا - ئارقىدىن ئاڭلانغىلى تۇردى.
ئالدى بىلەن ئامېرىكىدا چىقىدىغان >قۇياش گېزىتى< 1993 - يىلى 8 - ئاينىڭ باشلىرىدا >كاپىتان سىمتنىڭ پەيدا بولغانلىقىنىڭ خاتىرە كۈنىگە ئائىت مەخپىي خەۋەر<نى ئېلان قىلىشتى. شۇنداق قىلىپ سىرلىق >ماكان - زامان تونىلى< بۈگۈنكى يەنە بىر قىزغىن غۇلغۇلا تېمىسىغا ئايلاندى. 
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 1990 - يىلى ۋە 9911 - يىلى، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكياندىكى ئىسلاندىيە ئەتراپىدىن >تىتاتىك< چۆكۈپ كەتكەندە غايىپ بولغان ئىككى كىشى ئايرىم - ئايرىم ھالدا بايقالغان ۋە قۇتۇلدۇرۋېلىنغان. غايىپ بولۇپ كەتكەن بۇ ئىككى كىشىنىڭ سىرلىق قايتا پەيدا بولۇش جەريانى مۇنداق: 
1990 - يىلى 9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، >فۇسخاگېن< ناملىق پاراخوت شىمالىي ئاتلانتىك ئوكياندا كىتىپ باراتتى، ئىسلاندىيىگە غەربىي جەنۇبتىن تەخمىنەن 360 كىلومېتىر كىلىدىغان جايدا، كاپتان كارىل جورگېنخاس يېقىن ئەتراپتا پارقىراپ تۇرغان مۇز تاغنىڭ ئۈستىدە تۇرغان بىر ئادەمنىڭ سىماسىنى غىل - پال كۆرۈپ قالىدۇ - دە، دۇربۇننى دەرھال ھېلىقى ئادەمگە توغرىلاپ، بىر ئايالنىڭ مۇز تاغ ئۈستىدە تۇرۇپ >فۇسخاگېن< ناملىق پاراخوتقا قول پۇلاڭلىتىپ ياردەم تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى بايقايدۇ. جورگېنخاس ۋە ماترۇسلار ئۇچىسىغا مۇشۇ ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى ئەنگىلىيە پاسوندا كىيىم كىيگەن، پۈتۈن بەدىنى ھۆل بولۇپ كەتكەن ئايالنى قۇتۇلدۇرۇپ پاراخوتقا ئەپچىققان ۋە ئۇنىڭ نېمە سەۋەبتىن دېڭىزدا لەيلەپ تۇرغان مۇز تاغنىڭ ئۈستىگە چىقىپ قالغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى سورىغاندا، ئۇ ئايال: <مەن(تىتانىك) تىكى بىر يولۇچى ئىدىم، ئىسمىم ۋىننى كاۋت، بۇ يىل 29 ياشقا كىردىم، بايا پاراخوت چۆكۈپ كەتكەندە بىر دولقۇن كېلىپ مېنى مۇز تاغنىڭ ئۈستىگە چىقىرىۋەتتى. بەختىمگە يارىشا سىلەر پاراخوت بىلەن كېلىپ مېنى قۇتقۇزۇۋالدىڭلار دېگەن.<فۇسخاگېن> ناملىق پاراخوتتىكى خادىملار ئۇنىڭ جاۋابىدىن گاڭگىراپ قالغان. بۇ زادى قانداق ئىش؟ ئۇ ئايال قىزىتمىسى ئۆرلەپ كېتىپ ئالىجوقا سۆزلەۋاتامدۇ - يا؟
كاۋت خانىم دوختۇخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرگەندە، بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلىقى تۈپەيلىدىن روھى جەھەتتىن ئازابلىنىۋاتقانلىقىنى ھېساپقا ئالمىغاندا، سالامەتلىكنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى، قىلچىلىكمۇ نېرۋىسى بۇزۇلۇش ئالامىتى يوقلۇقى بايقالغان. قېنى ۋە چېچى ھەققىدىكى خىمىيىلىك ئانالىزمۇ ئۇنىڭ ھەقىقەتەن ئوتتۇز ياشلار چامىسىدا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ 1912  -  يىلى غايىپ بولغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە ئازراقمۇ قېرىمىغانمىدۇ؟ دېگەندىن ئىبارەت كىشىنى چۆچىتىدىغان بىر سوئال بارلىققا كەلدى. دېڭىز ئىشلىرى ئورگىنى<تىتانىك> ناملىق پاراخوتنىڭ ئەينى چاغدىكى تىزىملىكىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، كاۋت خانىمنىڭ ئاشۇ ھەشەمەتلىك ساياھەت كېيمىسىگە چىققانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. بۇ تولىمۇ غەلىتە ئىش بولدى، ھەتتا كىشىلەر ئىلىم - پەن قائىدىلىرىدىن پايدىلىنىپمۇ بۇ ھەقتە لوگىكىغا ئۇيغۇن كىلىدىغان ئىزاھات بېرىشكە ئامالسىز قالدى. ئۇ ئايال راستتىنلا ئاتالمىش <ماكان - زامان تونىلى> ئىچىدە تۇرۇپ كەلگەنمىدۇ؟ كىشىلەر بۇ توغرىدا غولغۇلا قىلىشۋاتقان پەيتتە، يەنە بىر غەلىتە ئىش يۈز بەردى. 
1991 - يىلى 8 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، ياۋروپادىكى بىر دېڭىز - ئوكيان ئىلىمىي تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى دېڭىز ئارمىيىسىدىن ئىجارىگە ئالغان بىر تىنىش پاراخوتى بىلەن ئىسلاندىيىگە غەربىي جەنۇبتىن 387 كىلومېتىر كىلىدىغان جايدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقاندا، 60 نەچچە ياشلىق بىر ئەر كىشىنى تاسادىپىي بايقاپ قېلىپ قۇتۇلدۇرۋالدى. ئەينى ۋاقىتتا ئۇ كىشى مۇز تاغنىڭ گىرۋىكىدە بەھۇزۇر ئولتۇراتتى. ئۇ ئۇچىسىغا پاكىز، رەتلىك فورما كىيگەن بولۇپ، تۇرۇپكىنى كۈچەپ شورايتتى. نەملىشىپ كەتكەن تاماكىسىدىن قويۇق ئاق ئىس كۆتۈرۈلەتتى، كۆزلىرى چەكسىز دېڭىزغا تىكىلگەن بولۇپ، چىرايىدىن ئاللىقاچان ئۆلۈمنى ئۇنتۇپ كەتكەنلىك ئىپادىسى چىقىپ تۇراتتى. بىراق، ھېچكىمنىڭ خىيالىغا كەلمىگەنكى، ئۇ كىشى غايىپ بولغىنىغا سەكسەن يىلچە بولغان <تىتانىك> ناملىق پاراخوتنىڭ داڭدار كاپىتانى سىمىت بولۇپ، ئۇ قۇتۇلدۇرۇشنى بىر قانچە قېتىم رەت قىلدى. 
مەشھۇر دېڭىز - ئوكيانشۇناس، دوكتور مارۋىن ئارلان كاپتان سىمىتنى قۇتۇلدۇرۋالغاندىن كېيىن مۇخبىرلارغا: ھەر قانداق ئىشمۇ كىشىنى مۇنداق چۆچۈتمەيدۇ، دېدى. ئۇ شىمالىي ئاتلانتىك ئوكياندا نېمە ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىنى بىلمەيتتى، قۇتۇلدۇرۇۋېلىنغان كىشىلەرمۇ ئالدامچى ئەمەس ئىدى. ھالبۇكى، <تىتانىك> ناملىق پاراخوتنىڭ كاپىتانى ئەڭ ئاخىرىدا پاراخوت بىلەن بىللە چۆكۈپ كەتكەندىن كىيىن غايىپ بولغان كىشى ئىدى. تېخىمۇ ئەجەبلىنەرلىكى، كاپىتان سىمىت ھازىر 140 ياشقا كىرىپ بوۋاي بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ تۇرقى ئاتمىش ياشلاردىكى كىشىگە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ قۇتۇلدۇرۋېلىنغان چاغدا، شۇ كۈنى 1912 - يىل 4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى دەپ تۇرۇۋالغان. ھەمدە قۇتۇلدۇرغۇچى خادىملارغا ئۆزىنى قۇتۇلدۇرماسلىق ھەققىدە كۆپ قېتىم نەسىھەت قىلغان. پاراخوت مۇز تاغقا سوقۇلۇپ چۆكۈپ كەتكەن، ئەڭ ئاخىرىقى دولقۇن ئۇنى مۇز تاغنىڭ ئۈستىگە چىقىرىۋەتكەن بولغاندىكىن، بۇ كاپىتان ھايات - ماماتتا مۇز تاغ بىلەن بىللە بولۇشنى ئويلىغان بولسا كېرەك.
يىقىندا ياۋروپادىكى بەزى ئاخبارات ئورگانلىرى بۇ ھەقتە خەۋەر بېرىپ، قۇتۇلدۇرغۇچىلار سىمىت ئىسىملىك بۇ ئەنگىلىيىلىكنىڭ <تىتانىك> ناملىق پاراخوتنىڭ كاپىتانى ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىغان. كاپىتان قۇتۇلدۇرۋىلىنغاندىن كېيىن تېز سۈرئەتتە ئوسلوغا ئاپىرىلغان. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىلىپ داۋالىتىلدى، دىدى. 
روھىي كىسەللىكلەر پسىخولوگى زاللىر خاررانت كاپىتان سىمىت ئۈستىدە بىر قاتار تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىن كىيىن، ئۇنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ۋە پسىخولوگىيىلىك ئەھۋالى ناھايىتى نورمال دەپ قارىغان. دوكتور خاررانت 1991 - يىلى 8 - ئاينىڭ 18 - كۈنىدىكى بىر ئاددىي ھەم قىسقا خەۋەر ئېلان قىلىش يىغىندا: دېڭىز سەپىرى خاتىرىسىدە ساقلىنىپ قالغان بارماق ئىزىنى تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاش نەتىجىسىگە ئاساسەن، ئۇنىڭ سالاھىيىتىنى كاپىتان سىمىت دەپ ئېتىراپ قىلىشقا بولىدۇ، دەپ كۆرسەتكەن. 
بۇ ئىشنى قانداق چۈشەندۈرۈش كېرەك؟ ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىكى دېڭىز ئىشلىرىغا ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ قارىشىچە، كاپىتان سىمىت بىلەن كاۋت خانىم <زامان - ماكان تونىلى> دا غايىپ بولغان كىشىلەر ھىسابلىنىدىكەن. مۇشۇنىڭغا ئاساسەن، بەزى مۇتەخەسسىلەر: دېڭىز يۈزىدە قارىغۇلارچە لەيلەپ يۈرگەن ئامان قالغۇچىلار يەنە بار، ئۇلار كېلىپ قۇتۇلدۇرۇۋېلىشىنى كۈتۈپ تۇرغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ مۆلچەرلىمەكتە. چۈنكى سىرلىق غايىپ بولغاندىن كىيىن يەنە قايتا پەيدا بولۇش ۋەقەلىرى توغرىسىدىكى تارىخىي خاتىرىلەر بۇنىڭ بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ.
ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە مېنىستىرلىقنىڭ خاتىرىسىگە ئاساسلانغاندا، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى تىنچ ئوكيان جېڭىدە، ئامېرىكىنىڭ >ئىندىيانا بولىس< ناملىق ھەربىي پاراخوتى ياپونىيىنىڭ سۇ ئاستى كېمىلىرى تەرىپىدىن چۆكتۈرۋېتىلگەنىدى. ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە مېنىستىرلىقى پاراخوتتىكى 25 نەپەر كوماندىر، ئەسكەرنىڭ قۇتۇلدۇرۇش كېمىسىگە ئولتۇرۇپ پاراخوتتىن ئايرىلغانلىقى ھەققىدىكى ياردەم سوراش سېگىنالىنى تاپشۇرۋالغان. ئەمما، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە مىنىستىرلىقى كۆپ قېتىم قۇتۇلدۇرغۇچى كېمە ئەترىتى ۋە ئايروپىلان ئەۋەتىپ ئىزدەپمۇ ھېچقانداق دېرەك ئالالمىغان. ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ دېڭىزغا چۆكۈپ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلىشقا مەجبور بولغانىدى. بىراقا، 1991 - يىلى 7  -  ئاينىڭ 1 - كۈنى، فېلىپىننىڭ  بېلىقچى كېمىلىرى فېلىپىن تاقىم ئاراللىرىنىڭ جەنۇبىدىكى شىبىس دېڭىز تەۋەلىكىدىن ھېلىقى قۇتۇلدۇرۇش كېمىسىنى تاپقان. كېمىدىكى 25 نەپەر ماتروس ئوقيادىن ئۈركىگەن قۇشتەك ئالاقزادە بولۇپ كەتكەندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما كۈچ - قۇۋەتكە تولغان ياشلىق قىياپىتىنى يوقاتمىدى، بۇ بايقاش ئامېرىكا دائىرىنى قاتتىق چۆچۈتۈۋەتتى. ئۇلارنى تېخىمۇ گاڭگىرىتىپ قويغىنى، <ئىندىيانا بولىس>ناملىق ھەربىي پاراخوت 1945 - يىلى 7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۆكتۈرۈۋىتىلگەن. ئارىدىن 46 يىل ئۆتكەندىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، ئۇلارنىڭ تەقى - تۇرقى چۆكۈپ كەتكەن چېغىدىكى بىلەن ئوپمۇ ئوخشاش بولغانلىقى، ھەتتا چاچ ساقاللىرىنىڭمۇ قىلچە ئۆزگەرمىگەنلىكى ئىدى. قۇتۇلدۇرۇۋېلىنغان بۇ 25 كىشى بىردەك: <بىز دېڭىزدا ئاران بىر كۈنلا لەيلەپ يۈردۇق> دەپ قارايدىكەن.
46 يىلنىڭ بىر كۈندەك ئۆتكەنلىكى زادى قانداق ئىش؟
ئاسترونوم سېنميشجانىسنىڭ قارىشىچە، ئۇلار بىر <ماكان - زامان تونىلى> غا كىرىپ قالغان بولۇپ، نەچچە 10 يىلىدىن كېيىن ئىنسانلار ئارىسىدا قايتا پەيدا بولغان، يەنە كېلىپ شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى زادىلا بىلمەي قالغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. 
يېقىندىن بۇيان، <سىرلىق قايتا پەيدا بولۇش> ھادىسىسىنى تەتقىق قىلىشقا مەپتۇن بولۇپ كەتكەن ئالىملار يەنە: <قايتا پەيدا بولۇش> يالغۇز دېڭىزدىلا سادىر بولىدىغان ئىش ئەمەسلىكىنى، ئاۋىئاتسىيە تارىخىدىن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار توغرىسىدىكى خاتىرىلەرنى تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىدى. 
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئامېرىكىنىڭ بىر ھاۋا ئۇرۇشى ئەتىرىتى شىمالىي ئامېرىكا ئۇرۇش مەيدانىدىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، بازىغا قايتىش ئالدىدىكى تەرتىپكە سېلىش جەريانىدا، P - 83 تىپلىق بىر ئايروپىلاننىڭ يوقلۇقىنى بايقىغان. ئەترەتتىكى ئايروپىلانلار تەرەپ - تەرەپتىن ئىزدەپمۇ ھېچقانداق يىپ ئۇچىغا ئىگە بولالمىغان. شۇ كۈنى كەچتە، بازىدىكىلەر بۇ ئۇچقۇچى ئۈچۈن مىسسا ئۆتكۈزگەن. ھەممىگە مەلۇمكى، غايىپ بولۇش ئەمەلىيەتتە ئۆلدى دېگەنلىك بولىدۇ. ئەمما مىسسا ئۆتكۈزلۈۋاتقان پەيتتە، بازىنىڭ ترېۋوگىسى ئۇشتۇمتۇت سايراپ كېتىدۇ. راداردا سالاھىتى ئېنىق بولمىغان بىر كۈرەشچى ئايروپىلاننىڭ تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقىدا يوقىرى سۈرئەت بىلەن ئايرىدۇرۇمغا يېقىنلىشۋاتقانلىقى مەلۇم بولىدۇ. ئارقا سەپ لاۋزىمەت خادىملىرى دەرھال بىرىنچى دەرىجىلىك ئۇرۇش ھالىتىگە ئۆتىدۇ. نەچچە ئون كۈرەشچى ئايروپىلان ماتۇرلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ ئۇچۇشقا تەييارلىنىدۇ، ھاۋا ھۇجۇمىدىن مۇداپىئە قىلغۇچى ئوت كۈچى تۈرلىرىمۇ ھېلىقى ئايروپىلاننى تەڭلا قارىغا ئالىدۇ، بۇ چاغدا، بازىدىكى كوماندىر ئەسكەرلەر ئۇ ئايروپىلاننىڭ كۈندۈزدە يوقاپ كەتكەن 83  -  P تىپلىق ئايروپىلانغا بەك ئوخشايدىغانلىقىنى بىردىنلا بايقاپ قالىدۇ. سادىست ھېلىقى ئايروپىلان بىلەن دەرھال ئالاقىلىشىدۇ. ئەمما ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمايدۇ، بەلگىچى ئەسكەرمۇ بەلگە چىرىقى بىلەن بەلگە بېرىپ، ئۇ ئايروپىلاندىن دۈشمەن بىلەن ئۆزىنى پەرىق ئېتىش بەلگىسى بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بىراق ھېلىقى ئايروپىلان بۇنىڭغا قىلچە پىسەنت قىلماي، توپتوغرا بازىغا قاراپ شىددەت بىلەن ئۇچۇپ كېلىدۇ. قوماندان نىمە قىلارىنى بىلمەي تۇرغان پەيتتە ھېلىقى ئايروپىلان ئايرودروم ئۈستىدىكى ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇشتۇمتۇت پاچاقلىنىپ كېتىدۇ. ئەجەبلىنەرلىكى، ئايروپىلان پاچاقلانغاندا، ياكى ئوت ئېلىپ كۆيمەيدۇ، ياكى پارتىلغان ئاۋاز چىقمايدۇ. ئارقىدىنلا، كىشىلەر چۈشۈپ كېتىۋاتقان ئايروپىلان پارچىلىرى ئارىسىدىن، لىيوتچىكنىڭ پاراشوت بىلەن چۈشىۋاتقانلىقىنى، ئاۋۋال قوشۇمچە پاراشوتنىڭ، ئاندىن ئاساسىي پاراشوتنىڭ ئېچىلغانلىقىنى كۆرىدۇ. ئالاقىزادىلىك بېسىلماستىن كوماندىر ئەسكەرلەر كەينى - كەينىدىن چوڭ ئاپتوموبىلغا يوپۇرلۇپ چىقىپ، پاراشوت ۋە جەسەت چۈشكەن يەرگە قاراپ شامالدەك تېز ئاتلىنىدۇ. ئۇلار كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان بىر ئىشنى كۆرىدۇ. ئايروپىلاننىڭ قالدۇقلىرىدىكى نومۇرلاردىن يوقاپ كەتكەن 83  -  P كۈرەشچى ئايروپىلان ئىكەنلىكى ئىسپاتلىندۇ. ئەمما، ئۇن ماي باكدىكى ماي ئاللىقاچان تۈگىگەنىدى، ئەجىبا ئادەم ئۆلۈپ تەخمىنەن ئون سائەتلەردىن كېيىنمۇ ئايروپىلان ھەيدىيەلەمدۇ ۋە پاراشوتتىن سەكرىيەلەمدۇ؟ بۇ غەلىتە دېلو ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ مەخپىي ئارخىپىغا كىرگۈزۈلگەن ھەمدە بازا قوماندانىنىڭ ۋە شاھىدلارنىڭ ئىمزاسى قوشۇمچە قىلىنغان، ئەينى ۋاقىتتا بەزىلەر: 83  -  P تىپلىق ئايروپىلان تاشقى پلانت كىشىلىرىنىڭ ئۇچار تەخسىگە يولۇقۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ گۇمان قىلىشقانىدى. 
بىر قانچە يىل مابەينىدە <سىرلىق قايتا پەيدا بولۇش> ھەققىدە ئىزدىنىشكە بېرىلىپ كەتكەن ئالىملار غايىپ بولغاندىن كېيىن قايتا پەيدا بولۇش ھەققىدە چوڭقۇر قاتلاملىق قېزىش ئېلىپ بېرىپ، ھازىر ئون نەچچە ۋەقەلىك مىسالىنى توپلىدى. ھەمدە ئۇلار ئۈستىدە تەتقىق، تەھلىل ئېلىپ بېرىپ، فىزىكىلىق خۇسۇسىيەت، ئوپتېكىلىق ھادىسسە، ۋاقىت تەرتىپى سىستېمىسى ۋە ماكان پرىنسىپى جەھەتتىن بۇ ھەقتە ئىزاھات بەرمەكچى بولغانىدى. ئەمما ھېچقانداق بىر ئالىم<زامان - ماكان تونىلى> دائىرسىدىن چىقىپ كېتەلمىدى. 
بەزى ئالىملار: <زامان - ماكان تونىلى> ئەمەلىيەتتە ئالەمدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان <غەيرىي ماددا دۇنياسى> نىڭ ئۆزى شۇ، دەپ قارىماقتا. ئۇلار بۇنداق دېيىشتە مەشھۇر ئالىم ئېينىشتېيىن بەرپا قىلغان ماددىنىڭ ئومومىي ئېنېرگىيە فورمۇلىسىز ئاساس قىلغان، بۇ فورمۇلىغا ئاساسەن ھېسابلىغاندا ماددىنىڭ ئومومىي ئېنېرگىيىسى مۇسبەت ۋە مەنپىي ئىككى خىل قىممەتكە ئىگە بولىدۇ، ماددا مەنپىي قىممەتكە ئىگە بولغاندا بىز ئۇنى قانداق تونۇشىمىش كېرەك؟ بەزى ئالىملار بۇنى: <غەيرىي ماددا دۇنياسى> بىلەن بىرلەشتۈرگەن. بىز ھازىر پەقەت ئالەمنىڭ يېرىمىنىلا يەنى مۇسبەت ماددا جايلاشقان دائىرىنىلا بىلەلىدۇق، ئالەمنىڭ قالغان يېرىمى بولسا، مەنپىي ماددىدىن تۈزۈلگەن سىستېمىدۇر. بۇ ئىككى چوڭ قىسىم تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىدىن بىر - بىرىگە يېقىنلىشىدۇ، يېقىنلىشىپ مەلۇم چەككە يەتكەندە، قىسمەن مۇسبەت، مەنپىي ماددىلاردا ھاسىل بولىدىغان <يوقىلىش>تەسىرىدىن غايەت زور ئېنېرگىيە ھاسىل بولۇپ، ئۇ پەيدا قىلغان بېسىم ئالەمدىكى ئىككى چوڭ سىستېمىنى يەنە ئايرىۋىتىدۇ. مۇشۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، سىرلىق غايىپ بولۇش ھادىسىسىنى مۇسبەت، مەنپىي ئىككى چوڭ سىستېمىسى ھاسىل بولىدىغان <يوقىلىش> ھادىسىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قاراش مۇمكىن، <يوقىلىش> تۈگەپ، تارتىش كۈچى مەيدانى ئەسلىگە كەلگەندىن كىيىن، غايىپ بولغۇچى يەنە پەيدا بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق قاراشنىڭ ئاساسى باردەك قىلسىمۇ، بىراق نۇرغۇن ئالىملارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى، ئۇلار: <يوقىلىش> نى سىرلىق غايىپ بولۇش ھادىسسى دەپ چۈشەندۈرۈش مۇمكىن، بىراق: <يوقىلىش> بارلىق مەۋجۇداتنى مەڭگۈ يۈتۈۋىتىدۇ، ھەرگىزمۇ قايتا پەيدا قىلمايدۇ، دەپ قارايدۇ.
بەزى ئالىملار<زامان - ماكان تونىلى> نى ئالەمدىكى قارا <ئۆڭكۈر> بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك، دەپ قارايدۇ. <قارا ئۆڭكۈر> كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان تارتىش كۈچى دۇنياسىدۇر، ئەمما، ئوبيېكتىپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بىر خىل >زامان - ماكان تونىلى<، ئادەم >قارا ئۆڭكۈر<گە سۈمۈرۈلۈپ ئەكىرىلگەن ھامان سېزىمىنى پۈتۈنلەي يوقىتىدۇ، ئۇ يورۇق دۇنياغا قايتىپ كەلگەندە، پەقەت >قارا ئۆڭكۈر<گە كىرىپ كىتىشتىن ئىلگىرىكى ئىشلارنىڭ ئەسكە ئالالايدۇ، >قارا ئۆڭكۈر< ئىچىدە ساياھەت قىلغان ۋاقىتنىڭ قانچە ئۇزۇن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ يەردىكى ئىشلارنى ئازىراقمۇ بىلەلمەي قالىدۇ. شۇڭا تارىختا سىرلىق غايىپ بولغان ئادەم، پاراخوت، ئايروپىلان قاتارلىقلار ئەمەلىيەتتە ئەنە شۇ سىرلىق >قارا ئۆڭكۈر<گە كىرىپ قالغان. بۇ تەلىماتمۇ ئوخشاشلا نۇرغۇن ئالىملارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى، چۈنكى ئالىملارنىڭ تەسەۋۇردىكى ھازىرقى >قارا ئۆڭكۈر< نەزەرىيىسى >يۈتۈشنىلا بىلىپ چىقىرىشنى بىلمەيدىغان< سىرلىق دۇنيا، ئۇ ھەر قانداق ماددا ۋە ئېنېرگىيىنى )جۈملىدىن يورۇقلۇقنى( يۇتۇۋىتەلەيدۇ، ئەمما ھېچنەرسىنى چىقارمايدۇ، بولمىسا ئۇنى >قارا ئۆڭكۈر< دېگىلى بولمايدۇ. شۇڭا، >قارا ئۆڭكۈر< سۈمۈرۈپ كەتكەن ھەر قانداق نەرسىنىڭ يورۇقلۇقنى قايتا كۆرۈش پۇرسىتىنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. 
جىددىي بەس مۇنازىرە داۋامىدا، ئالىملار <زامان - ماكان تونىلى> ھەققىدىمۇ باشقىچە بىر خىل نەزەرىيىۋى تەسەۋۇرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ بىرى <ۋاقىتنىڭ توختاپ قېلىش>تەلىماتىدۇر. يەر شارىدىكى ماددىي دۇنيا ئۈچۈن ئېيتقاندا، <زامان - ماكان تونىلى> غا كىرىپ قېلىش - غايىپ بولۇشتىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدىن قايتىپ چىقىش - سىرلىق پەيدا بولۇش ھىسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن مەلۇمكى، <زامان - ماكان تونىلى> بىلەن يەر شارى بىر ۋاقىت سىستېمىسىدا ئەمەس، <زامان - ماكان تونىلى> نىڭ ۋاقتى نىسپىي تۇرغۇن بولىدۇ، شۇڭا غايىپ بولغان ۋاقتىڭىز تۆت بەش يىل ، 10 نەچچە يىل ياكى نەچچە يۈز بولۇشىدىن  قەتئىينەزەر، بىر كۈندەكلا بىلىنىدۇ. يەنى غايىپ بولغىنىڭىزدىن تارتىپ پەيدا بولغىنىڭىزغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ۋاقىت نۆلگە تەڭ بولىدۇ. ئىككىنچى: <ۋاقىت تەتۈر ماڭىدۇ> تەلىماتى، يەنە<زامان ماكان تونىلى> دىكى ۋاقىت كەينىگە يانىدۇ. غايىپ بولغۇچى مۇشۇ ۋاقىت سستېمىسىغا كىرىپ قالسا، يىراق ئۆتمۈشكە قايتىپ كېتىشى، ۋاقىت يەنە بىر قېتىم كەينىگە يانغاندا، غايىپ بولغۇچىنى غايىپ بولغان ۋاقىتغا قايتۇرۇپ كېلىشى، شۇنىڭ بىلەن سىرلىق پەيدا بولۇش ھادىسىسى بارلىققا كېلىشى مۇمكىن. 
ئۈچىنچىسى: <ۋاقىتنىڭ ئېتىلىپ قېلىش تەلىماتى>، <زامان - ماكان تونىلى> ئوبيېكتىپ مەۋجۇت بولغان ماددىي دۇنيا، ئۇنى كۆرگىلى، تۇتقىلى بولمايدۇ، ئىنسانىيەت ياشاۋاتقان ماددىي دۇنيا ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇ ھەم ئېتىك، شۇنداقلا مۇتلەق ئېتىكمۇ ئەمەس، بەزى چاغلاردا تاسادىپىي بىرەر قېتىم ئېچىلىدۇ، بۇ قېتىمقى ئېچىلىشىدا سىرلىق غايىپ بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، كېيىنكى قېتىم ئېچىلىشىدا سىرلىق پەيدا بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.[HJ0]
ھازىر >زامان - ماكان تونىلى<نى بىلىش مەسىلىسىدە ھەر كىمنىڭ قارىشى ھەرخىل. ئەمما ھېچكىم قايىل قىلارلىق بىرەر ئىلمىي پاكىتنى ئوتتۇرىغا قويالىغىنى يوق. بۇ يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ ئىزدىنىشنى تەلەپ قىلىدىغان تەبىئەت سىرى.

شىركىتىمىزگە قاراڭ | ئالاقىلىشامسىز؟ | يالغۇزلا ماڭامسىز؟ | بۇغداي سۆزىمىز بار | ھەممە ئاڭلىسۇنمۇ؟ | بېكىتىمىز بوپتىمۇ؟ | قوشۇۋېلىڭچۇ   
بارلىق ھوقۇق  شىنجاڭ ‹‹بىلقۇت›› ئېلېكترون پەن- تېخنىكا تەرەققىيات چەكىلىك شىركىتگە تەۋە 


新疆碧黎库特电子科技开发有限公司
    QQ:   250092392 (Raziman)    ,   502410794(Bilqut)        
新ICP备07002316