«بىلقۇت» خەزىنىسى ئەلالاشتۇرۇلدى
«بىلقۇت خەزىنىسى» -- شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن شىنجاڭ «بىلقۇت» ئېلېكترون پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى بىرلىشىپ ئىشلەپچىقارغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆرپ - ئادەت، مەشھۇر شەخس، تېبابەت، ماقال تەمسىل،چۆچەك، رېۋايەت، چالغۇ-ئەسۋاب،يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق ئۇيغۇر مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى بىباھار گۆھەرلەر؛ كارتون ئېلىپبە، قانۇن - نىزام، ئىشارەت تىلى، پەلسەپە، تەنتەربىيە، فىزىكا، خىمىيە قاتارلىق 600 دىن ئارتۇق كەسپىي ساھە ئۇچۇرلىرى مۇجەسسەملەسىكەن ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئىنگلىزچە 3 خىل تىل، 6 مىليوندىن ئارتۇق سۆز، ئاۋاز ھەم سۈرەتلىك شىنجاڭ كومپيۇتېرچىلىق تارىخىدىكى نامايەندە خاراكتېرلىك يۇمشاق دېتال.
«بىلقۇت خەزىنىسى» 2007 - يىلى 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى بازارغا سېلىنغان بولۇپ، بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ مەزمۇن دائىرىسى كەڭ، ھەجمى زور بولغانلىقتىن مەلۇم خاتالىقلاردىن خالىي بولالمىغان بولۇشىمىز مۇمكىن، كەڭ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ تەنقىدىي پىكىر بېرىشىنى قارشى ئالىمىز.
«بىلقۇت خەزىنىسى» تۇنجى قېتىم 450 پارچە ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى قېتىلغان ئاساستا بىر قىسىم تېخنىكىلىق مەسىلىلىرى تۈزىتىلىپ ئەلالاشتۇرۇلدى، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئەلالاشتۇرۇۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
دىققەت :ئەلالاشتۇرۇشتىن بۇرۇن لوغەتنى تاقىۋتىڭ
ئەلالاشتۇرۇش ئۇسۇلى : بىرىنجى باسقۇچ تولۇقلما ھۆجقەتنى چۇشۇرۇڭ .

ھۆججەتنى چۇشۈرۇپ بولغاندىن كىيىن ئېجىرا قىلڭ
ئىكنجى باسقۇچ : تۆۋەنىدىكدەك ھالەتتە قوزغالغاندىن كىيىن لوغەتنىڭ قاچىلانغان ئورنىنى كۆرسىتىپ قويىسىز .

قاچىلاش باسقۇچى

يۇقىرقى رەسىمدىكدەك بولدۇ،
قاچلاپ بولغانىدىن كىيىن لوغەتنى قوزغۇتۇپ ئشلەتسىڭىز بولدۇ.
ئەلالاشتۇرۇش مەنزىلى : چۇشۈرۇش 1 چۇشۈرۇش 2