كۇندە بىر ماقال - تەمسىل    :      دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس

دانىشمەن بېغى - چۆچەكلەر - ياغاچ ئات سىزنىڭ ئورنىڭىز:
ئەڭ كۆپ كۆرۇلگنى

ياغاچ ئات

مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-9-28 12:59:35 كۆرۈلىشى: 37



   قەدىمكى زاماندا بىر  ياغاچچى بىلەن بىر تۆمۈرچى بولغا نىكەن. ئۇلار بىر - بىرسىنى مەنسىتمەي دائىم بەسلىشىدىكەن. بىر كۈنى  ئىككىسى مۇشۇ توغرىلىق تالىشىپ قىزىرىشىپ قاپتۇ. ياغاچچى دەپتۇ:
  - مېنىڭ ھۈنىرىم سېنىڭكىدىن  ئارتۇق.
  - تۆمۈرچى دەپتۇ:
  - مېنىڭ ھۈنىرىم سېنىڭكىدىن ئارتۇق.
  زادى كىمنىڭ ئارتۇق؟ بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئىككىسى بىر كۈن تالاش - تارتىش قىلىپ، ئاخىرى پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ.
  - ھە، نېمىگە كەلدىڭلار؟ نېمە جاڭجال بۇ؟ - دەپ سوراپتۇ پادىشاھ.
  ياغاچچى بىلەن تۆمۈرچى ئۆزلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن تاكاللىشىپ قالغانلىقىنى ئېيتقاندىن كېيىن، پادىشاھ بىر ئاز ئوڭايسىزلانغاندەك بولۇپ:
  - مەن تېخى  سىلەرنىڭ ھۈنىرىڭلارنى كۆرۈپ باققىنىم يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن ئون كۈننىڭ ئىچى دە سىلەر ماڭا بىرەر  ھۈنىرىڭلارنى كۆرسىتىڭلار، - دەپتۇ.
  بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ھۈنەرۋەنلەر ئۆز ئۆيلىرىگە قايتىپ، ئۆز ھۈنەرلىرىگە تۇتۇش قىلىپتۇ، ئۇلار ھېچقاچان ئىشلىتىپ، كۆرمىگەن ئۇستىلىقىنى كۆرسىتىشكە كىرشىپتۇ. دەل ئون كۈن توشقاندا، ھەر ئىككىسى ئۆزلىرىنىڭ ياسىغان نەرسىسىنى ئېلىپ، يەنە پادىشاھنىڭ ئالدىغا كەپتۇ.
  تۆمۈرچى بىر تۆمۈر بېلىق ياساپتۇ.
  پادىشاھ بۇنى كۆرۈپ تۆمۈرچىدىن:
  - نېمەڭ بۇ؟ نېمىگە كېرىكى بار بۇنىڭ؟ - دەپ سوراپتۇ.
  - خوش پادىشاھىم، بۇ تۆمۈر بېلىقنىڭ خىسىتى ناھايىتى جىق، بۇنىڭغا مىنىپ دەريامۇ دەريا، دېڭىزمۇ دېڭىز يۈرۈپ ساياھەت قىلغىلى، ناھايىتى نۇرغۇن يۇرتنى كۆرگىلى بولىدۇ، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ تۆمۈرچى.
  پادىشاھ تۆمۈرچىنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن:
  - ھەي ئەخمەق! بۇنىڭ ئۆزى تۆمۈر تۇرسا، ئۇ سۇغا چۆكۈپ كەتمەمدۇ؟! تېخى ئۇنىڭ ئۈستىگە مىنىپ، يۈك ئارتىپ سۇدا ئوينىغۇدەكمىش، - دەپ زاڭلىق قىلىپ كۈلۈپتۇ، ئاخىرى، - ئەگەر دېگىنىڭدەك بولمىسا ئۆز گۇناھىڭ ئۆزەڭگىمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ.
  - شۇنداق تەقسىر، - دەپتۇ تۆمۈرچى.
  پادىشاھ دەرھال يۈز مىڭ تاغار ئاشلىق ئالدۇرۇپ، تۆمۈرچىگە:
  - قېنى، ئەمسە مۇشۇ ئاشلىقنى بېلىقىڭغا ئارتىپ، كارامىتىڭنى كۆرسەت! - دەپتۇ.
  شۇنىڭ بىلەن تۆمۈرچى تۆمۈر بېلىقىغا ئاشلىقلارنى بېسىپتۇ، كېيىن ئۇنى سۇغا سېلىپ، بىر يېرىنى شۇنداق بىر بۇرىغانىكەن، ھېلىقى تۆمۈر بېلىق سۇ ئۈستىدە تىرىك بېلىقتىنمۇ شوخ ۋە تېز ئويناپ يۈرگىدەك. بۇ كارامتنى كۆرگەن پادىشاھ ھەيران قېلىپ، خۇشاللىقىدا ئاغزى قۇلىقىغا يېتىپتۇ، تۆمۈرچىنى ھەدەپ ماختاپتۇ. تۆمۈرچى كۆلنى بىر ئايلىنىپ سالامەت قايتىپ كەلگەندىن كېيىن پادىشاھ خۇشاللىقىدا تۆمۈرچىگە نۇرغۇن ئىنئام بېرىپتۇ.
  ياغاچچىنىڭ ياساپ كەلگىنى قاناتلىق بىر ياغاچ ئات ئىكەن. بۇنىڭ خىسلىتى بىلمىگەن پادىشاھ كۆزگە ئىلمىغاندەك:
  - نېمەڭ بۇ؟ خۇددى ئۇششاق بالىلار ئوينايدىغان ئويۇنچۇققا ئوخشايدىغۇ، - دەپتۇ.
  ياغاچچى:
  - بۇ ياغاچ ئات، بۇنىڭ ئوڭ قۇلىقىنى بۇرىسا دەرھال ئاسمانغا ئۇچىدۇ، سول قۇلىقىنى بۇرىسا دەرھال يەرگە چۈشىدۇ، قانچە تېز بۇرىسا شۇنچە تېز ۋە ئېگىز ئۇچىدۇ، بۇنى مىنگەن ئادەم خالىغان يېرىگە بارالايدۇ، بىر كۈن ئىچىدە پۈتۈن دۇنيانى كېزەلەيدۇ - دەپتۇ.
  پادىشاھ بىلەن ياغاچچى ئات توغرىلىق سۆزلىشىپ تۇرغاندا، پادىشاھنىڭ شاھزادىسىمۇ بۇلارنىڭ يېنىدا بار ئىكەن. ياغاچ ئاتنىڭ ئۇچىدىغانلىقى توغرىسىدىكى گەپ شاھزادىنى بەك قىزىقتۇرۇپتۇ، كۆڭلىدە ئۇ: >مەن مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ دۇنيانى ئايلىنىپ كۆڭلۈمنى بىر ئېچىپ كەلمەيمۇ< دېگەن ئويغا كەپتۇ - دە، دادىسىغا:
  - دادا، ماڭا رۇخسەت قىلسىڭىز، مەن مۇشۇ ياغاچچىنىڭ ئېتىنى بىر سىناپ باقسام؟ - دەپتۇ.
  پادىشاھ:
  - ياق بالام، رۇخسەت قىلالمايمەن، بۇ ئاتنىڭ سىرىنى مەن تېخى بىلمەيمەن. راست ئۇچالامدۇ ياكى ئۇچالمامدۇ؟ قوي، بۇنىڭغا چېقىلما! - دەپتۇ.
  ياغاچچى ئاتنىڭ راست ئۇچالايدىغانلىقىغا پادىشاھنى ئىشەندۈرۈپ.
  - يوقسۇ، پادىشاھى ئالەم! - راست ئۇچالايدۇ، خەتىرىمۇ يوق. ئوڭ قۇلىقىنى بۇرىسىلا ئۇچۇۋېرىدۇ، - دەپتۇ.
  شاھزادە بۇ گەپنى ئاڭلاپ تېخىمۇ قىزىپ كېتىپتۇ. پادىشاھقا يالۋۇرۇپ تۇراۋاپتۇ. شاھزادە پادىشاھنىڭ ناھايىتى ياخشى كۆرۈپ، ئەركە چوڭ قىلغان بىرلا بالىسى ئىكەن، ئادەتتە ئۇ ئوغلىنىڭ دېگىنىنى قىلىپ بەرمەي قويمايدىكەن. بۇ نۆۋەت بالىسى بۇنداق يالۋۇرۇپ تۇرۇۋالغاندىن كېيىن، پادىشاھ ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئارتىشقا پېتىنالماي نائىلاج رۇخسەت بېرىپتۇ.
  - بالام، مېنىڭچە بولسىغۇ سەندىن بىر مىنۇتمۇ ئايرىلغىم كەلمەيدۇ. بىر مىنۇت كۆرمىسەم تۇرالمايمەن. مۇشۇ يېقىن ئەتراپتىلا ئۇچۇپ تېز يېنىپ چۈشكىن. ئانچە يىراققا بارما، ئاتنىڭ ئۈستىدە سەگەك ئولتۇر! - دەپ يېنىپ - يېنىپ تاپىلاپتۇ پادىشاھ.
  شاھزادە خۇشال بولۇپ:
  - خوش دادا! - دەپلا ئاتقا مىنىپ، ئۇنىڭ ئوڭ قۇلىقىنى بۇراپتۇ، ھەش - پەش دېگۈچە ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپتۇ. بىر ئازدىن كېيىن شاھزادە يەرگە شۇنداق قارىغۇدەك بولسا، ھاي - ھاي! تاغلار، سۇلار، دەل - دەرەخلەر، ئۆي - ئىمارەتلەر ۋە ئادەملەر... بارلىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى خۇددى جامى جاھاننامىدا تارتىپ كۆرسەتكدەك، شۇنداق چىرايلىق ۋە شۇنداق كىچىك كۆرۈنۈپتۇ. بۇ قىزىقچىلىقتا شاھزادە دادىسىنىڭ بايا ئېيتقان سۆزلىرىنى ئاللىقاچان يادىدىن چىقىرىپ قويۇپتۇ. ئۇچا - ئۇچا بەك ئېگىزگە ئۆرلەپ كېتىپتۇ. قانچە ئېگىز ئۆرلسىە يەر - زېمىن ۋە پۈتۈن نەرسە شۇنچە كىچىك ۋە چىرايلىق كۆرۈنۈپتۇ. شاھزادە خۇشاللىققا چۆمۈپتۇ! ئاتنىڭ ئوڭ قۇلىقىنى بۇراۋېرىپتۇ. شۇنداق قىلىپ بىردەمنىڭ ئىچىدە بايىقى تاغلار، سۇلار، دەل - دەرەخلەر ۋە ئادەملەرنىڭ بارلىقى شاھزادىنىڭ كۆزىدىن غايىپ بولۇپتۇ. ئۇچا - ئۇچا شاھزادىنىڭ قورسىقى ئېچىشقا باشلاپتۇ، دەررۇ ئاتنىڭ سول قۇلىقىنى ئاستا - ئاستا پەسەيتىپتۇ، بىر يەرگە بېرىپ قارىغىدەك بولسا، باشقا بىر شەھەر كۆرۈنۈپتۇ. شاھزادە ئاستا - ئاستا يەرگە چۈشۈپتۇ. يەرگە چۈشكەندىن كېيىن بىر سارايغا ئورۇنلىشىپتۇ. چوڭ بولۇپ باشقا يۇرتقا چىقىپ باقمىغان بۇ شاھزادە يېڭى شەھەرگە كەلگەندىن كېيىن خۇشاللىقى قىن - قىنىغا پاتماي قاپتۇ.
  ئەتىسى تاڭ سەھەردىلا كوچىنى كۆرۈشكە چىقىپتۇ، ئۇياق - بۇياقنى ئارىلاپ يۈرۈپ، كىرمىگەن ئارقا كوچىلىرى قالماپتۇ. بىر چاغدا بىر تار كوچىدىن چوڭ بىر مەيدانغا چىقىپ قاپتۇ. مەيدانغا قارىسا، خۇددى بازار كۈنى ياكى ھيېت كۈچنى يىغىلىشقان ئادەملەردەك شۇنداق جىق ئادەم تۇرغان، بۇ ئادەملەرنىڭ ھەممىسى نېمىدۇ، بىر نەرسىنىڭ ئاسماندىن چۈشۈشىنى كۈتۈپ تۇرغاندەك باشلىرىنى ئېگىز كۆتۈرۈشۈپ تۇرغىدەكمىش، بۇنى كۆرگەن شاھزادە ھەيران بولۇپ قاپتۇ ۋە ئۆزىمۇ شۇ كۆپچىلىكنىڭ ئىچىگە قىسىلىپ كىرگەن بويىچە بېشىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ئاسمانغا قاراپتۇ. ھېچنەرسىنىڭ دىدارى كۆرۈنمەپتۇ. بۇنىڭ تېگىنى بىلىش ئۈچۈن ئۇ يېنىدا تۇرغان كىشىلەردىن سوراپتۇ.
  - ھەي ئاكىلار، نېمىگە قارىشىپ تۇرىسىلەر؟
   ئادەملەرنىڭ ئىچىدىن بىرسى ئۇنىڭغا قاراپ:
  - بۇ گەپچە، سىز بۇ يەرگە يېڭىدىن كەلگەن ئادەم ئوخشايسىز؟ بىزنىڭ پادىشاھىمىزنىڭ بىر مەلىكىسى بار، ئۇ شۇنداق چىرايلىق قىزكى، ئۇنىڭ چىرايلىقلىقىغا دۇنيادىكى پۈتۈن قىزلارنىڭ چىرايلىقلىقى تەڭ كېلەلمەيدۇ، ئاي دېسە ئاغزى بار، كۈن دېسە كۆزى بار، شۇنداق چىرايلىق بىر مەلىكە، پادىشاھ ئۇنى ئۆزىنىڭ جېنىدىن ئارتۇق كۆرىدۇ. ئۇنى ھېچقانداق ئىنسى - جىنغا كۆرسەتمەي ساقلايدۇ. ئوردىدا ساقلاشتىن قورقۇپ، تىلسىمات بىلەن ئاسماندا ئالايىتەن بىر ساراي سېلىپ بەرگەن. پادىشاھ ھەر كۈنى مەلىكىنى بىر يوقلاپ چۈشىدۇ. پادىشاھ ھازىر مەلىكىنى يوقلاش ئۈچۈن ئاسمانغا چىقىپ كەتتى، بىر - ئازدىن كېيىن قايتىپ چۈشىدۇ، بىز ھەممىمىز پادىشاھنىڭ قايتىپ چۈشۈشىنى كۈتۈپ تۇرىمىز، - دەپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلاپ شاھزادە ھەيران بولۇپ:
  - ئاسمانغا قانداق ئۆي سالغىلى بولىدۇ، - دەپ سوراپتۇ. ھېلىقى كىشى:
  - پەرىشتىلەر ياساپ بەرگەنمىش، ئۇ يەرگە پادىشاھتىن باشقا ئادەم چىقالمايدۇ، - دەپتۇ.
  شاھزادە بۇ كىشىنىڭ سۆزىنى بىر - بىرلەپ ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن ئۆز كۆڭلىدە نېمىدۇ بىر نەرسىلەرنى پەملىگەندەك بولۇپ، ھېلىقى ئۆزى چۈشكەن سارايغا قايتىپ كېتىپتۇ. ئەل يېتىپ يېرىم كېچە بولغاندا ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ، ياغاچ ئېتىغا مىنگەن بويىچە ئۇچۇپ، بايىقى مەيداننىڭ ئۇدۇلىغا توغرا كېلىدىغان ئاسمان بوشلۇقىنى بىر نەچچە ئايلىنىپتۇ، شۇنداق قارىغۇدەك بولسا، دېگەندەك بىر بوشلۇقتا يوغان بىر ئۆي تۇرغىدەكمىش. >ھەي، مۇشۇ ئۆي بولسا كېرەك< دەپتۇ - دە، ئۆينىڭ ئالدىغا چۈشۈپ ئىشىكنى ئېچىپ ئۆيگە كىرىپتۇ. مەلىكە دادام يەنە چىققان ئوخشايدۇ، دەپ ئىشىك ئالدىغا بېرىپ قارىسا، دادىسى ئەمەس، مەلىكە ھەيران بولۇپ: >ئادىمىزاتنىڭ بۇ يەرگە چىقىشى مۇمكىن ئەمەس، بۇ پەرىشتىلەردىن بولۇشى كېرەك<  دەپ ئويلاپ شاھزادىنى بەك ئىززەت - ھۆرمەت بىلەن قارشى ئاپتۇ. شاھزادە قارىغۇدەك بولسا، مەلىكە ھەقىقەتەن ئاي دېسە ئاي ئەمەس، كۈن دېسە كۈن ئەمەس، شۇنداق چىرايلىق، نازۇك بەدەن، ساھىبجامال بىر قىز، شاھزادە بىر كۆرۈش بىلەنلا ئاشىق بىقارار بولۇپتۇ:>مۇشۇنداق بىر گۈزەل قىز بىلەن بىر يەردە بولۇش مېنىڭ بەختىم، جېنىمنىڭ راھىتى ئەمەسمۇ؟ نېمە بولسام بولاي، بۇ قىزنى قولدىن بەرمەي< دېگەن ئويغا كەپتۇ. قىزمۇ بۇرۇندىنلا دادىسىنىڭ ھىچكىمگە كۆرسەتمەي، ئادەم بالىسى يوق بىر جايغا ئېلىپ چىقىپ قويغىنىغا ئىچى پۇشۇپ، تىت - تىت بولۇپ يۈرىدىكەن ۋە ئۆزىگە مۇشۇنداق بىر يىگىتنىڭ ھەمراھ بولۇشىغا تەشنا ئىكەن، شاھزادىنىڭ پەرىشتە ئەمەس، بەلكى ئادىمىزات ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ قانداق كەلگەنلىكىنى ئۇقۇپ، مەلىكىنى كۆڭلى خۇش بولۇپتۇ. شۇنداق قىلىپ، ئىككىسىنىڭ تەلىپى بىر يەردىن چىقىپتۇ. بۇلارغا ھېچبىر خېمىرتۇرۇچنىڭ كېرىكى يوق، بىردەمدىلا بىر - بىرسى بىلەن ئېچقويۇن - تاشقۇيۇن بولۇپ، ھال - ئەھۋاللىشىپتۇ، مۇڭدىشىپتۇ، ئىككىسىنىڭ مۇھەببەت ئوتى تېخىمۇ ئۇلغىيىپتۇ، تاڭ ئاتقاندىن كېيىن شاھزادە ئېتىغا مىنىپ، بايىقى سارايغا قايتىپ چۈشۈپتۇ.
  شۇ كۈنى چۈشلەر بىلەن پادىشاھ ئادەت بويىچە قىزى مەلىكىنى يوقلاپ چۈشكىلى ئاسمانغا چىقىپتۇ. پادىشاھ ھەر كۈنى قىزىنىڭ يېنىغا چىققاندا، ئۇنى جىڭلاپ كۆرىدىكەن، چۈنكى پادىشاھنىڭ چۈشەنچىسىچە، خوتۇن كىشى ئەر كىشىگە يېقىنلاشقاندىن كېيىنلا ئېغىرلىقى ئاشارمىش. بۈگۈن پادىشاھ قىزىنى جىڭلىغۇدەك بولسا، ئادەتتىكى ئېغىرلىقىدىن ئىككى جىڭ ئارتۇق. بۇ ئەھۋالنى ئۇققان پادىشاھنىڭ غەزىپى كېلىپ كۆزلىرى پىيالىدەك، ساقاللىرى تىكەندەك بولۇپ كېتىپتۇ، قىزىنىڭ يېنىدا بىردەممۇ ئولتۇرماستىن دەرھال قايتىپ چۈشۈپتۇ. كۆپچىلىك بۇنى كۆرۈپ ھەيران بولۇشۇپتۇ. پادىشاھنىڭ ۋەزىرلىرىمۇ بۇ ئەھۋالغا ھەيران قېلىپ، پايپاسلاپ پادىشاھنىڭ قېشىغا كىرىپ سوراپتۇ. پادىشاھ پۈتۈن ئەھۋالنى بايان قىلىپ، مۇنداق بۇيرۇق بېرىپتۇ:
  - بۇ ئىشقا مېنىڭ ئەقلىم يەتمىدى. مېنىڭدىن باشقا ئاسمانغا چىقالايدىغان ئادەممۇ بارمۇ - يە؟ سىلەر بىر چارە قىلىپ مۇشۇ ئادەمنى تېزدىن قولغا چۈشۈرۈڭلار، بولمىسا ھەممىڭلارنىڭ بېشىنى ئالىمەن!
  - بۇ گەپنى ئاڭلىغان بىر ۋەزىر:
  - خوش پادىشاھى ئالەم، بۇ خىزمەتكە بىز بېشىمىز بىلەن تەييارمىز. بىزدە ئەڭ ئاتاقلىق تۆت نەپەر باتۇر بار. پادىشاھىم، ئەگەر رۇخسەت قىلسىلا، شۇ تۆت نەپەر باتۇرنى مەلىكە ئولتۇرغان ئۆينىڭ تۆت ئەتراپىغا قويساق، ئۇلارنىڭ قولىدىن ھېلىغۇ ئادەم ئىكەن، ئۇچار قۇشمۇ ئۇچۇپ ئۆتەلمەيدۇ، - دەپ مەسلىھەت بېرىپتۇ.
  پادىشاھ ۋەزىرنىڭ بۇ پىكرىنى ناھايىتى توغرا تېپىپتۇ. تۈندە ئۆزى بۇ تۆت نەپەر باتۇرنى ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ، مەلىكىنىڭ ئولتۇرغان ئۆيىنىڭ تۆت تەرىپىگە قويۇپ، ئۆزى يەرگە قاراپ يېنىپتۇ. بۇ باتۇرلار پەقەت ئويغاق ۋاقتىدىلا باتۇر ئىكەن، ئۇخلاپ قالغاندا، بۇرنىدىن چىۋىن كىرىپ ئاغزىدىن چىقىپ كەتكىنىنى تۇيمايدىكەن. پادىشاھ تېخى يەرگە چۈشە - چۈشمەستىنلا ھېلىقى تۆت باتۇر ئۇيقۇ دەرياسىغا غەرق بولۇپتۇ. شاھزادە يەنە ئۇچۇپ چىقىپ، مەلىكە بىلەن بىخارامان بىر كېچە قونۇپ، ھالدىشىپ، مۇڭدىشىپ ئەتىسى تاڭ ئاتقاندا يەرگە بىخارامان قايتىپ چۈشۈپتۇ. بۇ كۈنىمۇ پادىشاھ قىزىنىڭ يېنىغا چىقىپ، قىزىنى ئادىتى بويىچە جىڭلىغاندا ئالتە جىڭ ئارتۇق چىقىپتۇ. پادىشاھنىڭ ئاچچىقى كېلىپ، زادى نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي قاپتۇ، بۇ چاغدا مەلىكىنىڭ بۇ ۋەقەسى پۈتۈن شەھەر ئەھلىگە يېيىلىپ، يۇرت ئىچىدە سۆز - چۆچەك بولۇپ كېتىپتۇ، پادىشاھ خىجالەتچىلىكتە قاپتۇ. ئاخىرى بۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن پادىشاھ ۋەزىرگە يەنە قاتتىق بۇيرۇق قىلىپتۇ:
  - ئۇنداق بولسا پادىشاھىم، - دەپتۇ ۋەزىر، - بىز مەلىكە ئولتۇرغان ئۆينىڭ ئىچى - تېشىنى ۋە ئۆيدىكى بارلىق جاھازلارنى قىزىل بوياق بىلەن بۇياپ تاشلايلى. ئەتىسى پۈتۈن شەھەر خەلقىنى يىغىپ تەكشۈرەيلى، ئەگەردە كىمنىڭ كىيمىدە قىزىل بوياق بولسا، شۇنى تۇتۇش كېرەك، بۇنداق قىلمىساق بۇنى تۇتۇش قىيىن، - دەپ مەسلىھەت بېرىپتۇ.
  پادىشاھ بۇنى ماقال كۆرۈپتۇ.
  شۇ كېچىسى شاھزادە مەلىكىنىڭ يېنىغا چىقىپتۇ. قارىسا ئەھۋال پۈتۈنلەي باشقىچە، ئۆينىڭ ئىچى - تېشى ۋە پۈتۈن سايمانلار قىپقىزىل سىرلاغلىق. شاھزادىنىڭ مەلىكىنىڭ يېنىدا ياتماي قايتىپ چۈشكىسى كەلمەپتۇ. چۈنكى مەلىكە بىلەن شاھزادە بىر - بىرىنى كۆرمىسە كۆڭلى زادى ئارام تاپمايدىكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يولدا شاھزادىنىڭ بېشىغا كېلىدىغان مۈشكۈللۈكلەرنى ئويلاپ ئاۋار بولماپتۇ. شۇنداق قىلىپ، شاھزادە مەلىكىنىڭ يېنىدا يەنە بىر كېچە قۇنۇپتۇ. ئەتىسى قايتىپ چۈشمەكچى بولۇپ كىيىم - كېچەكلىرىگە قارىسا پۈتۈنلەي كىيىمى ۋە ئۆتۈكى قىزىل بوياققا بويىلىپ كەتكەن. ئەسلىدە شاھزادىنىڭ كىيىمىگە پۈتۈنلەي ئالتۇن - مەرۋايىت تۇتۇلغان بولۇپ، ئۆتۈكنىڭ ناھالى ئالتۇندىن ئىكەن. ئەگەر بۇنى تاشلىۋەتمىسە، سىر پاش بولۇپ پادىشاھنىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىشى تۇرغان گەپ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ كىيىمگە قىچىلىك ئاغرىنماي، ئۇنى شۇ يەردىلا يەرگە تاشلىۋېتىتپۇ. ئۆزى يالىڭاياغ ۋە ئچىكى كىيىملىرى بىلەن سارايغا ئۇچۇپ چۈشۈپتۇ.
  بۇ شەھەردە بىر قېرى مويسىپىت بار ئىكەن، ئۇ ھەر كۈنى ئەلدىن بۇرۇن تۇرۇپ، ساۋاب تېپىش ئۈچۈن ئۆيمۇ ئۆي يۈرۈپ كىشىلەرنى بىر نۆۋەتتىن نامازغا چاقىرىپ بولۇپ، ئۆزى مەسچىتكە كېلىۋاتسا، يىراقتا بىر نەرسە ۋال - ۋۇل قىلىپ تۇرغىدەك، >بۇ نېمە بولغاي< دەپ ئالدىراپ تېنەپ يېقىن كېلىپ قارىغىدەك بولسا، شاھزادىلەر كىيىدىغان كېيىم، ئۇنىڭغا تۇتقاننىڭ ھەممىسى ئالتۇن - مەرۋايىت، ئۆتۈكىنىڭ ناھالى ئالتۇن ئىكەن، بۇۋاينىڭ خۇشاللىقى ئىچى - ئىچىگە پاتماي قاپتۇ. ئۇ كۆڭلىدە: >مېنىڭ ھەر كۈنى ئاللا يولىدا قىلغان ئەمگىكىمنىڭ ئەجرى بۈگۈن يەتكەن ئوخشايدۇ. بۇ خۇدايىمنىڭ ماڭا قىلغان ئىلتىپاتى< دەپ خۇداغا يۈز مىڭ شۈكرى ئېيتىپ، شۇ يەردىلا چاپان بىلەن ئۆتۈكنى كىيىپتۇ. لېكىن مويسىپىت بۇ چاپان بىلەن ئۆتۈكنىڭ سىرنى نەدىن  بىلسۇن، شۇ خۇشاللىقىدا مەسچىتكە ھەممىدىن بۇرۇن كىرىپ ئولتۇرۇپتۇ، لېكىن پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ھېچكىمنىڭ مەسچىتنىڭ سىرتىغا چىقىشىغا رۇخسەت قىلىنماپتۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن جامائەت ھويلىغا چىقىپ ۋەزىرنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈشكە تەييارلىنىپ تۇرۇپتۇ، بىر ۋاقىتتا ھېلىقى مويسىپىت مەسچىتتىن چىقىپتۇ، ئۇنىڭ ئاجايىپ ئېسىل كىيىملىرىنى كۆرگەن ئەل - جامائەت ھەيران قېلىشىپتۇ ۋە ئۇنى مۇبارەكلىشىپتۇ. كېيىن ۋەزىر ھەممە كىشىنى بىر - بىرلەپ تەكشۈرۈپ چىقىپ، ئاخىرى مويسىپىتنىڭ يېنىغا كېلىپ قارىسا، بۇنىڭ چاپىنىدا بوياقنىڭ ئىزى تۇرغان، شۇ ھامان >جاللاپ< دەپ چاقىرىپتۇ. جاللات كېلىپ ئۇنى باغلاپ ئوردىغا ئېلىپ مېڭىپتۇ ۋە زىندانغا تاشلاپتۇ تۈرلۈك قىيىن - قىستاقلار بىلەن سوراققا ئاپتۇ، ئاخىرى ئۇنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىپتۇ. بۇ ۋەقەدىن كېيىن شەھەر خەلقى ھەيرانلىققا پېتىپتۇ، ئاسمانغا چىققان ئادەمنىڭ زادى قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى كۆرۈشكە ھەممە كىشى ئالدىراپتۇ. بۇ ئەھۋال ھېلىقى شاھزادىنىڭ قۇلىقىغا بېرىپ يېتىپتۇ. شاھزادىنىڭ بىر قېرى ئادەمنىڭ ناھەق ئۆلۈمگە كېتىۋاتقانلىقىغا ۋىجدانى چىدىماي، يۈرىكىگە خۇددى بىر ئېغىر تاشنى ئېسىپ قويغاندەك تۇيۇلۇپتۇ، ئۇ شۇ ھامان ياغاچ ئېتىنى قولتۇقىغا قىسىپ يۈگۈرگەن پېتى دار ئالدىغا بېرىپتۇ، قارىسا قېرى مويسىپىتنىڭ بوينىغا ئاللىقاچان سىرتماق سېلىنغان، شاھزادە تېخىمۇ ئالدىراپ ئۈنىنىڭ بېرىچە:
  - ھەي جاللات، توختا! ئاسما بوۋاينى! ئۇنىڭ گۇناھى يوق، گۇناھنىڭ ھەممسى مەندە. مەلىكىنىڭ يېىغا چىققان مەن، مەلىكە بىلەن بىللە ياتقانمۇ مەن، ئۇنىڭ تېپىۋالغان كىيىمى مېنىڭ كىيمىم، مېنى ئۆلتۈر، قويۇپ بەر ئۇنى! - دەپ ۋارقىراپ كەپتۇ. جاللات بۇنى ئاڭلاپ توختاپ تۇرۇپتۇ.
  پادىشاھ بۇ قېرىنىڭ ئۆلۈمىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش ئۈچۈن شەھەرنىڭ سېپىلىدا تۇرغانىكەن. جاللاتنىڭ بوۋاينى ئۆلتۈرمەي توختاپ قالغىنىنى كۆرگەن پادىشاھ دەرھال ئەھۋالنى بىلىپ كېلىش ئۈچۈن ئىككى ياساۋۇل ئەۋەتىپتۇ. جاللات ياساۋۇلغا ئەھۋالنى ئېيتىپ بەرگەندىن كېيىن ياساۋۇللار پادىشاھقا ئېيتىپتۇ. پادىشاھ:
  - ئەمسە شۇ يىگىت ئۆلتۈرۈلسۇن! - دەپ بۇيرۇق بېرىپتۇ.
  جاللات قېرىنى قويۇپ بېرىپ، شاھزادىنى باغلىغىلى كېلىش ھامان شاھزادە ئەپلەپ تۇرۇپ، ياغاچ ئېتىغا چەبدەسلىك بىلەن مىنىپتۇ - دە، ئوقتەك ئۇچۇپ ئاسمانغا چىقىپ كېتىپتۇ. جاللاتلار پاي - پېتەك بولۇشۇپ قاپتۇ. بۇنى كۆرگەن پادىشاھ ئاچچىقىغا چىدىماي بىھوش بولۇپ يىقىلىپ چۈشۈپتۇ. شاھزادە، ئۇچقان بويىچە مەلىكىنىڭ يېنىغا چۈشۈپتۇ ۋە مەلىكىگە ئەھۋالنى بايان قىلىپ:
  -ئىككىمىزنىڭ ۋەقەسى دادىڭىزغا مەلۇم بولۇپ قالدى. ئۆلۈم ئالدىدىن ئاران قۇتۇلدۇم. بۇ يەردە بىر مىنۇت تۇرماي قېچىشقا توغرا كېلىدۇ. ئىككىمىز خۇدانىڭ تەقدىرى بىلەن ئاشىق - مەشۇق بولۇشۇپ قالدۇق. مۇھەببىتىمىز كۈندىن - كۈنگە چوڭقۇرلىشىپ كەتتى، سىزدىن ھەرگىزمۇ ئايرىلغۇم كەلمەيدۇ، ئەگەر سىز مېنى خالىسىڭىز ئىككىمىز بىللە قاچايلى، - دەپتۇ.
  - مەن سىز بىلەن بىر بولغىنىم بولغان، سىزدىن ئۆلسەممۇ ئايرىلمايمەن، - دەپتۇ مەلىكە.
  - ئۇنداق بولسا يۈرۈڭ، ئاتقا مىنىڭ، - دەپتۇ شاھزادە.
  ئىككىسى ئاتقا مىنىپ ئۇچۇپتۇ. بۇلار ئۇچۇپ خېلىلا يەرگە بارغاندىن كېيىن مەلىكە تۇيۇقسىز:
  - ۋاي بولمىدى شاھزادە، مەن كىچىك چېغىمدا ئانام ماڭا ئىككى دانە گۆھەر بەرگەنىدى: >ئەرگە تەگكەن چېغىڭدا، بىرسىنى قېينى ئاتاڭغا، يەنە بىرسىنى قېينى ئاناڭغا بەرگىن< دەپ ئېيتقانىدى. گۆھەر ئۆيىدە قاپتۇ، مەن شۇنى ئېلىۋالمىسام بولمايدۇ، - دەپتۇ.
  شاھزادە:
  - ئۇچۇپ يېرىم يولغا كەلدۇق، ئەمدى قايتىش خەتەرلىك، - دېسە مەلىكە:
  - ياق بولمايدۇ، شاھزادە، مەن قېينى ئاتام بىلەن قېينى ئانامغا نېمە دەپ بارىمەن، بۇ ئانامنىڭ ماڭا قىلغان نەسىھەتى، - دەپ ئۇنىماپتۇ.
  شاھزادە مەلىكىنىڭ دىلىنى ئاغرىتماسلىق ئۈچۈن نائىلاج رۇخسەت بېرىپ، ئۆزى بىر قۇملۇق چۆل يەرگە چۈشۈپ، مەلىكىنى يولغا ساپتۇ.
  پادىشاھ ھوشىغا كەلگەندىن كېيىن دەرھال ئاسمانغا چىقىپتۇ. قارىسا مەلىكە يوق. پادىشاھ ھۆركىرەپ يىغلاپتۇ. نېمە قىلىشىنى بىلمەي تۇرغان بىر چاغدا، قىزنىڭ ياغاچ ئاتقا مىنىپ غاقىراپ ئۇچۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ ۋە بىر دالدا يەرگە كىرىپ مۆكۈپتۇ، مەلىكە ئۆيگە كىرىشى بىلەن پادىشاھ ئۇنى تۇتۇۋېلىپ، ئوردىغا ئاپىرىپ بىر يەرگە سولاپ قويۇپتۇ.
  بۇ پادىشاھتىن يىراق يەردە يەنە بىر پادىشاھ بولۇپ، ئۇنىڭ بىر ئوغلى بار ئىكەن. مەلىكىنىڭ چىرايلىقلىقى ھەققىدىكى گەپ - سۆزلەپ بۇ پادىشاھنىڭ قۇلىقىغا يەتكەندىن كېيىن ئۆز ئوغلىغا ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن نۇرغۇن قېتىملاپ ئەلچى ئەۋەتكەن بولسىمۇ لېكىن مەلىكىنىڭ دادىسى قوبۇل كۆرمىگەنىكەن. ئەمدى مەلىكىنىڭ شاھزادە بىلەن بولغان ۋەقەسى پۈتۈن شەھەر خەلقىگەتارالغاندىن كېيىن بۇ پادىشاھقا ناھايىتى ھار كەپتۇ، ئۇ قىزى مەلىكىنى كۆزدىن يىراق قىلىش ئۈچۈن، يىراقتىكى ھېلىقى پادىشاھقا بىر پارچە خەت يېزىپتۇ. بۇ خەتنى ئالغان پادىشاھ بالىسىنى توي قىلىشقا جابدۇپ، بىر قانچە ۋەزىر ۋە نۇرغۇن ئەسكەرلەر بىلەن داغدۇغىلىق يولغا ساپتۇ.
  ئەمدى گەپنى مەلىكىنىڭ ئاشىقى شاھزادىدىن ئاڭلايمىز:
  شاھزادە مەلىكىنى ئەنە كېلەر، مانا كېلەر دەپ بىر كۈن ساقلاپتۇ، ئىككى كۈن ھەتتا ئۈچ كۈن ساقلاپتۇ، قىزدىن دېرەك يوق. شاھزادىنىڭ كۆڭلىدە: >مەلىكە مەندىن يۈز ئۆرىدى، يا بىر پالاكەتكە ئۇچرىدى. ياغاچ ئاتتىنمۇ ئايرىلدىم، بۇ چۆل - جەزىرىدە ئۆلىدىغان بولدۇم، مېنىڭ ئۆلۈكۈم يىرتقۇچلارغا يەم بولىدىغان بولىدى، دېگەن ئەندىشىگە چۈشۈپ ئاھ ئۇرۇپتۇ. ئەتراپى چەكسىز كەتكەن قۇملۇق چۆل، ھەممە يەر ئېگىز قۇم تاغلىرى بىلەن قاپلانغان، ھېچيەردىن ئادەم دىدارىنى ھەتتاكى ئۇچار قۇشنىمۇ كۆرگىلى بولماپتۇ. كۈن ھەددىدىن تاشقىرى ئىسسىق، قۇم تاغلىرىدىن يانغان ئىسسىقلىق خۇددى تونۇردىن چىققان يالقۇندەك ئادەمنى كۆيدۈرۈپ تۇرىدىكەن. بىر ياقتىن كۈننىڭ ئىسسىقى، بىر ياقتىن ئاچلىقنىڭ ئازابى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇسسۇزلۇقنىڭ دەردى شاھزادىنىڭ ھېچبىر ماغدۇرىنى قويماپتۇ. كەچكە يېقىن سالقىن چۈشكەندىن كېيىن شاھزادە ئورنىدىن قوزغىلىپ >سەۋەب قىلساڭ سېۋەتتە سۇ توخيايدۇ، دەپتىكەن، مەنمۇ بىر سەۋەب قىلىپ باقمايمۇ< دەپتۇ - دە، بىر ئېگىز تاغنىڭ بېشىغا چىقىپ، ئادەم بار يەرنى ئىزلەپتۇ. ھېچبىر ئىنس - جىننىڭ دىدارى كۆرۈنمەپتۇ. شاھزادە تاغدىن سېرىلىپ پەسكە چۈشۈپتۇ، بىر ھازا يول مېڭىپ ئالدىغا شۇنداق قارىغىدەك بولسا، بىر گۈزەل چىمەنزارلىق باغ تۇرغىدەك، تۈرلۈك يەل - يېمىشلەر پىشىپ كەتكەن، رەڭمۇ رەڭ چىرايلىق گۈللەر ئېچىلغان، ئېرىقلاردا سۇلار شارقىراپ ئېقىپ تۇرغان، بۇلبۇللار سايرىشىۋاتقان ئاجايىپ كۆڭۈللۈك بىر باغ. نەچچە كۈندىن بېرى ئاچلىقنىڭ، ئۇسسۇزلۇقنىڭ ئازابىنى چەككەن شاھزادە مېۋىلەرنى يېيىش  ئۈچۈن باغقا كىرىپتۇ، لېكىن باغدا ئادەم دىدارى يوق. ئۇ بىر تۈپ شاپتۇل تۈۋىگە بېرىپ قورسىقى تويغىچە يەپتۇ. بىر ئازدىن كېيىن بىر تاتلىق ئۇيقۇ بېسىپتۇ - دە، شاپتۇل تۈۋىدە ئۇخلاپ قاپتۇ. ئەتىسى ئويغىنىپ ئىڭىكىنى شۇنداق سىلىغىدەك بولسا، بىر تۇتام ئاپئاق ساقال تۇرغىدەك، شاھزادە بۇ نېمە ۋەقە دەپ، ئورنىدىن سەكرەپ تۇرۇپ كېتىپتۇ. ئويلاپ - ئويلاپ بۇنىڭ سەۋەبىنى ھېچ تاپالماپتۇ، ئاخىرى شاپتۇلدىن گۇمانلىنىپتۇ، >ھە گەپ شاپتۇلدىكەن، ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟ ئەگەر مەلىكە كېلىپ قالسا، مېنىڭ مۇشۇ بىر غېرىچ ساقىلىمنى كۆرسە، قانداق قىلار< دەپ، ئويلا - ئويلا قورسىقى يەنە ئېچىپتۇ. شاپتۇلدىن يېيىشكە قورقۇپ، بىر تۈپ نەشپۈت يېنىغا بېرىپتۇ، ساغىرىپ پىشىپ كەتكەن نەشپۈتنى راسا تويغىچە يەپتۇ. بىر ئازدىن كېيىن بىر تاتلىق ئۇيقۇ بېسىپتۇ - دە، نەشپۈت تۈۋىدە ئۇخلاپ قاپتۇ. بىر چاغدا ئويغىنىپ، كېرىلىپ ئورنىدىن تۇراي دېسە بېشىغا بىر نەرسە يېپىشىپ ئالغاندەك بوپتۇ، بېشىنى سىلىغىدەك بولسا، بىر جۈپ ئۇزۇن ھەم قوپال مۈڭگۈز تۇرغىدەك، شاھزادە ھەيران بولۇپ >ئەمدى تۈگىشىپتىمەنغۇ، ئادەملىك سۈپىتىمدىن ھايۋانلىق سۈپىتىگە كىرىپ قالدىمغۇ، مەلىكە ماڭا قانداقمۇ قارار< دەپ داد - پەريات كۆتۈرۈپتۇ. شۇ ئېغىر قايغۇدا غەمگە پېتىپ يەنە قاتتىق ئۇيقۇغا كېتىپتۇ، ئۇيقۇدا بىر چۈش كۆرۈپتۇ. چۈشىدە ھاسا تايانغان بىر ئاپئاق ساقال بوۋاي ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ، بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ:
  - ھەي بالام، ساڭا نېمە بالا كەلدى؟ نېمانچە مۇنداق دەردلىك يىغلايسەن؟ - دەپ سوراپتۇ.
  شاھزادە بوۋايغا ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن سەرگۈزەشتىلىرىنى بىر بىرلەپ بايان قىلىپ بېرىپتۇ.
  بوۋاي:
  - يىغلىما بالام، ھېچۋەقەسى يوق، سەن بۇ باغنىڭ سىرىنى بىلمىگەنلىكىڭ ئۈچۈن مۇشۇنداق بولۇپ قاپسەن. بۇ باغدىكى مېۋىلەرنى يېيىش شەرتى شۇكى: دەرەختىكى مېۋىلەرنى يەرگە چۈشۈپ قاق بولۇپ قالغانلىرى بىلەن قوشۇپ يېسەڭ ھېچنېمە بولمايدۇ. ھېلىمۇ كېرەك يوق. سەن ئەمدى قاقلىرىنى يېگىن، شۇ چاغدا ساقال بىلەن مۈڭگۈزلىرىڭ دەرھال چۈشۈپ كېتىدۇ. بالام، سەن ھەرگىز بۇ يەردە ياتما، بۇ يەردىن تېزراق كەتكىن. بۇ باغ دىۋىلەرنىڭ بېغى، ئۇلار ھازىر ئۇخلاۋاتىدۇ، بىر ئۇخلىسا كېچە - كۈندۈز ئۇخلايدۇ. ئەگەر بۈگۈنلا بۇ يەردىن كەتمىسەڭ دىۋىلەر سېنى تىرىك قويمايدۇ. بۇ مېنىڭ ساڭا نەسىھەتىم، - دەپ كۆزدىن غايىپ بولۇپتۇ.
  شاھزادە چۆچۈپ، كۆزىنى ئۇگىلاپ قارىغىدەك بولسا، چۈشى. ئەتراپىغا قارىسا ھېچبىر ئادەم دىدارى يوق. بىر ئاز تۇرۇپ چۈشىدە كۆرگەن بوۋاينىڭ سۆزىنى ئېسىگە كەلتۈرۈپ، دەرھال شاپتۇل ۋە نەشتۈت شېخى تۈۋىگە چۈشۈپ قالغان قاقلىرىنى ئىزلەپ تېپىپ يەپتۇ. راست دېگەندەك ساقال بىلەن مۈڭگۈزلىرى دەرھال يوقاپ، شاھزادە يەنە بۇرۇنقى چىرايلىق يىگىت سۈپىتىگە كەپتۇ. بوۋايغا يۈز مىڭ غايىبانە رەھمەتلەرنى ئوقۇپ، بۇ يەردىن دەرھال كېتىشنى ئويلاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن تال - چېۋىقلارنى سۇندۇرۇپ ئېلىپ بىر دانە چوڭ سېۋەت توقۇپتۇ - دە، ئۇنىڭ يېرىمىغا دەرەختىكى پىشقان شاپتۇل، نەشتۈتلارنى، يېرىمىغا ئۇنىڭ قاقلىرىنى قاچىلاپ يولغا راۋان بولۇپتۇ. باغدىن چىقىپ قارىسا يەنە چەكسىز كەتكەن باياۋان. كۈن چىقىش قايسى، كۈن پېتىش قايسى پەرق ئەتكىلى بولمىغىدەك، ئۆزىنىڭ ئۆيى قەيەردە قالدى، مەلىكىنىڭ شەھىرى  قەيەردە قالدى بىلمىگىدەك، ئاخىرى تەۋەككۇل قىلىپ ئۇدۇل كەلگەن يولغا راۋان بولۇپتۇ. قورسىقى ئاچسا شاپتۇل بىلەن نەشپۈتتىن يەپ، ئۇيقۇسى كەلسە ئاسماننى يېپىنچا، يەرنى سېلىنچا قىلىپ يېتىپ - قوپۇپ يولنى داۋام قىلدۇرۇپتۇ. شۇنداق قىلىپ يەتتە كېچە - كۈندۈز چۆل - باياۋان ئىچىدە تېنەپ، ئاخىرى بىر چوڭ تاغقا ئۇلىشىپتۇ. تاغ ئىچىدىمۇ بىر نەچچە كۈن يۈرۈپ تاغدىن ئېشىپ چۈشۈپ، بىر چوڭ يولغا چىقىپتۇ. شاھزادە چوڭ يولغا چىقىپ قالغاندىن كېيىن چوڭ بىر تىنىۋېتىپ: >ھەر قانداق بولسىمۇ، ئادەم بار يەرگە يېقىنلىشىپتىمەن، بۇ يەردە ئولتۇرۇپ بىر ھاردۇق ئېلىۋالاي، ئاڭغىچە بىرەر يولۇچىمۇ ئۆتۈپ قالار، مەن شۇلاردىن بۇ يەرنىڭ نەلىكىنى بىلىپ ئالارمەن< دەپ، سېۋىتىدىكى شاپتۇل بىلەن نەشپۈتتىن يەپ، ھاردۇق ئېلىپ ئولتۇرۇپتۇ. ئارىدىن ئۇزاق ۋاقىت ئۆتمەيلا بىر توپ كارىۋانلار يېتىپ كەپتۇ. شاھزادە ئۇلاردىن كۈن چىقىشقا ماڭسا ئۆز يۇرتىغا كۈن پېتىشقا ماڭسا ئاشىقى مەلىكىنىڭ يۇرتىغا بارىدىغانلىقىنى سوراپ بىلىۋاپتۇ، ئۇ >يولۋاس ئىزىدىن يانماپتۇ، يىگىت سۆزىدىن، دەپتىكەن، مەنمۇ مۇشۇ يولدىن يانماي، بىر ئىلاجى قىلىپ مەلىكە بىلەن ياغاچ ئاتنى قولۇمغا چۈشۈرۈپ، ئاندىن يۇرتۇمغا قايتاي< دەپ ئويلاپتۇ - دە، چوڭ يوغا چۈشۈپ كۈن پېتىشقا قاراپ يەنە مېڭىپتۇ. بىر ئاز ماڭغاندىن كېيىن ئارقىغا قارىسا، بىر توپ ئادەملەر ئاتلىرنى ئويناتقان بويىچە چاڭ توپىلارنى توزىتىپ، بىر خىل ھەيۋەت بىلەن كېلىۋاتقىدەك، يېقىن كەلگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىدا بىر قانچە مەپىمۇ كۆرۈنۈپتۇ. ئالدىدىكى بىر مەپە شۇنداق چىرايلىق ياسالغانكى، پال - پۇل قىلىپ تۇرغان نۇرى ئادەمنىڭ كۆزىنى چاقىدىكەن. ئۇنى تۆت ئات ئۇچقاندەك سۆرەپ كېلىۋاتقان. مەپىنىڭ ئىچىدىكى مەلىكىنىڭ دادىسى ئەۋەتكەن خەتكە بىنائەت مەلىكىنى ئالغىلى كېتىۋاتقان شاھزادە، ئاتلىقلار بولسا، ئۇ شاھزادىنى ھېمايە قىلىپ كېتىۋاتقان ۋەزىر ۋە ياساۋۇللار ئىكەن.
  ئۇلار شاھزادىنىڭ يېنىغا كەلگەندىن كېيىن، ۋەزىر قوپاللىق بىلەن ۋارقىراپتۇ.
  - ھەي بالا، بۇ يەردە نېمە سېتىپ يۈرىسەن؟
  - مەن ھېچنەرسە ساتمايمەن! - دەپتۇ شاھزادە.
  - بىر نەرسە ساتمىساڭ سېۋىتىڭدىكى نېمە ئۇ؟ بۇنىڭدا شاپتۇل نەشتۈتلەر تۇرىدىغۇ! - دەپتۇ ۋەزىر، سېۋەتتىكى شاپتۇل، نەشپۈتنى ئىشارەت قىلىپ،
  - ھە! ئۆزۈمگە كېرەكتە! - دەپتۇ شاھزادە. ۋەزىر شاھزادىنىڭ بۇ گېپىگە سەل رەنجىگەندەك بولۇپ:
  - ھوي! نېمە بۇنداق ئاتىكاچى نېمىسەن؟! بىر نەچچىنى سېتىپ بەرسەڭ بولمامدۇ!؟ بىز يول يۈرگىلى بىر نەچچە كۈن بولدى، كۈن ئىسسىق، بىزنىڭ شاھزادە ئۇسسۇزلۇققا چىدىماي قالدى. بۇ نېمەڭنى بىز يېمەيمىز، شاھزادە يەيدۇ، شاھزادە! - دەپتۇ.
  سېۋەت كۆتۈرگەن شاھزادە:
  - ياق، مەيلى كىم يېسۇن، ساتمايمەن. بۇ مېنىڭ يولدا يەيدىغان ئوزۇقۇم. ئۆزەڭلار كۆرۈۋاتىسىلەر، بۇ پايانسىز چۆللۈكتە تاش بىلەن قۇمدىن باشقا نەرسىنى تاپقىلى بولمايدۇ. سىلەرغۇ ئات بىلەن، مېنىڭ ئىككى پۇتۇمدىن باشقا نېمەم بار؟ قاچان بىر مەنزىلگە يېتىپ بارغۇچە ئاچلىقتا ناھەق ئۆلىمەنمۇ، - دەپتۇ. شۇ ئارىدا مەپىدە ئولتۇرغان شاھزادە ۋەزىرگە:
  - تېز ئەپكەل شاپتۇل بىلەن نەشپۈتنى! - دەپ ۋارقىراپتۇ. ۋەزىر ئۆز شاھزادىسىنىڭ ۋاقىرىغىنىنى ئاڭلاپ، دەرھال يېنىدىن بىر تىللارنى ئېلىپ سېۋەت كۆتۈرگەن شاھزادىگە تەڭلەپتۇ. شاھزادە بولارنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۆز يۈرىكىدىكى ھەسرىىنى بىلدۈرمەستىن تىللانى ئېلىپ، ھېلىقى شاپتۇلىدن ئىككى دانە، نەشپۈتتىن ئىككى دانە بېرىپتۇ. ئەمما ئۇنىڭ قېقىدىن بەرمەپتۇ. مەپىدىكى شاھزادە شاپتۇل بىلەن نەشپۈنتنى قولىغا ئېلىش بىلەن ئاغزىغا موكلا ساپتۇ - دە، يولغا راۋان بولۇپتۇ، بىر ئازدىن كېيىن شاھزادە ئويغىنىپ ئىڭىكىنى سىلىسا بىر غېرىچتەك ئاق ساقال، بېشىنى سىلىسا بىر غېرىچ قوش مۈڭگۈز تۇرغىدەك، شاھزادە چۆچۈپ كېتىپ مەپىنى دەرھال توختىتىپتۇ. ۋەزىر، ياساۋۇللارمۇ دەرھال ئاتتىن چۈشۈپ مەپىنىڭ يېنىغا كېلىشىپتۇ، ۋەزىر، ياساۋۇللارمۇ دەرھال ئاتتىن چۈشۈپ مەپىنىڭ يېنىغا كېلىشىپتۇ. مەپىگە قارىغۇدەك بولسا، شاھزادىنىڭ ئورنىدا ئادەم دېسە ئادەم ئەمەس، ھايۋان دېسە ھايۋان ئەمەس ، خۇددى جىن - ئاۋاستىدەك بىر سەت نەرسە ئولتۇرغىدەك. بۇلارمۇ قورقۇپ كېتىپتۇ، بۇنىڭ نېمە ۋەقە ئىكەنلىكىگە ھېچ ئەقلى يەتمەپتۇ. شۇ ئارىدا ھېلىقى شاھزادىمۇ ئارقىدىن پىيادە يېتىپ كەپتۇ، ۋەزىر يۈگۈرۈپ ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ:
  - سەن بىزگە بايا سېتىپ بەرگەن نېمە ئۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. شاھزادە ھېچ ھودۇقماستىن:
  - نېمە بولماقچى، نەشپۈت بىلەن شاپتۇل! - دەپتۇ.
  - قانداق شاپتۇل ئۇ؟ نەشپۈتچۇ؟ - دەپ سوراپتۇ ۋەزىر.
  - قانداق بولاتتى؟ شاپتۇل شېخىدا پىشقان شاپتۇل، نەشپۈت شېخىدا پىشقان نەشتۈت - تە!
  - ئانداق بولسا بىزنىڭ شاھزادە يېگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا ساقال بىلەن مۈڭگۈز چىقىپ قالدىغۇ؟
  شاھزادە ئاستا مەپىنىڭ يېنىغا كېلىپ مەپىدىكى شاھزادىنىڭ سەت تەلەتىنى بىر كۆرۈپ، سالماقلىق بىلەن:
  - مېنىڭ كېچە - كۈندۈز يەپ كېلىۋاتقىنىم مۇشۇ نەشپۈت بىلەن مۇشۇ شاپتۇل، نېمە ئۈچۈن بۇ ساقال بىلەن مۈڭگۈز ماڭا چىقمايدۇ، دەپ بىر ئاز ئويلىنىپتۇ، ئاندىن بىر نەرسە دەرھال يادىغا كەلگەندەك سۆزىنى يەنە داۋام قىلىپتۇ، - شاھزادە شاپتۇل بىلەن نەشپۈتنى يەپ بولغاندىن كېيىن ئۇخلاپمۇ قالدىمۇ؟ ئئولىشىپ تۇرغانلار بىر ئېغىزدىن:
  - ھە! ھە! ئۇخلاپ قالغانىدى، - دەپتۇ.
  - مانا بۇنىسى بولماپتۇ - دە! بۇنى ئەمدى كىمدىن كۆرگىلى بولىدۇ. بۇ چۆللۈكتە ھېلىغۇ شاپتۇل بىلەن نەشپۈت ئىكەن، ھەر قانداق تاماق يېگەن كىشىمۇ ئۇخلىسا بولمايدۇ، بىر نەرسىنى يەپ بولۇپ ئۇنى ياخشى سىڭدۈرمەيلا ئۇخلاپ قېلىش خاتا! ئۇخلىغاندىن كېيىنلا مۇشۇنداق بولۇپ قالىدۇ، بۇرۇنمۇ نۇرغۇن ئادەملەر مۇشۇنداق بولۇپ قالغان، سىلەر بۇ ئىشتىن خەۋەرسىز ئىكەنسىلەر - دە؟ - دەپتۇ شاھزادە. بۇنى ئاڭلاپ ھەممىسى باشلىرىنى ساڭگىلىتىپ:
  - شۇنداق، بىز بۇ ئىشتىن خەۋەرسىز، - دېيىشىپتۇ.
  سېۋەت كۆتۈرگەن شاھزادە بۇلارنى بابلىغىنىغا خۇش بولۇپ بەكمۇ كۈلگىسى كەپتۇ، لېكىن چاندۇرماسلىق ئۈچۈن كۈلكىسىنى ئىچىگە بېسىپ تۇرۇپتۇ. ۋەزىر ياساۋۇللارنىڭ ئىچىدە تالاش - تارتىش بولۇپ كېتىپتۇ، بىر قانچىلىرى: >شاھزادە بۇ قىياپەت بىلەن مەلىكىنى ھەرگىز ئالالمايدۇ، ئەمدى مۇشۇ يەردىن قايتىشىمىز كېرەك< دېسە، بەزىلىرى: >بىز شاھزادىنى بۇنداق قىلىپ قويۇپ قايتساق پادىشاھقا نېمە دەيمىز؟ بىر ئىلاج قىلىپ ساقايتىشىمىز لازىم< دېيىشىپتۇ. شاھزادە ئۆزىمۇ قايتىشقا ئۇنىماي:
  - نەچچە يىلدىن بېرى قولغا كەلتۈرەلمەي، مىڭ بىر مۇشەققەتتە قولۇمغا كەلتۈرمەكچى بولغان قىزنى تاشلاپ نەگە بارىمەن؟! قانداقلا بولسۇن شۇ قىزنى ئېلىپ كېتىشنىڭ چارىسىنى قىلىڭلار، - دەپتۇ.
  ئاخىر ۋەزىر شاھزادىگە:
  - ئەمدى باشقا ھېچقانداق چارە يوق. ئارىمىزدىن بىر چىرايلىقراق يىگىتنى تېپىپ، ئۇنى شاھزادىلارچە كىيىندۈرۈش كېرەك. مەلىكىنى قولغا چۈشۈرۈپ، ئۆز يۇرتىمىزغا بارغاندىن كېيىن ئۇنىڭ جانابلىرىغا كۆنمەيدىغان ئىلاجى يوق، دەپ مەسلىھەت بېرىپتۇ، شاھزادىگە بۇ پىكىر بەكمۇ يېقىپتۇ ۋە شۇنداق قىلىشقا بۇيرۇق بېرىپتۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن مەلىكىگە يارىغۇدك يىگىت تېپىلماپتۇ، ھېچقايسىسىنىڭ چىرايى شاپتۇل ساتقان شاھزادىچىلىك يوق ئىكەن. ئۇلار ئاخىر شاپتۇل ساتقان شاھزادىنى ئالدىماقچى بولۇپتۇ - دە، ۋەزىرئۇنىڭغا مەقستەنى ئېيتىپتۇ. بۇ گەپ شاھزادىگە راسا ياققان بولسىمۇ لېكىن چېنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن:
  - ئۆز ئىشىڭلار ئىكەن، ئۆزۈڭلار قىلىڭلار، مەن بولسام ئوقەت قىلىپ جان بېقىپ يۈرگەن بىر يولۇچىمەن، مېنى ئۇنداق خىجىل قىلماي كېتىشىمگە رۇخسەت بېرىڭلار - دەپ ئۇنىماي تۇرۇۋاپتۇ. ۋەزىر كۆپ يالۋۇرۇپتۇ، شاھزادە ئۇنىماپتۇ. ئاخىر ۋەزىر پۇل بىلەن ئالدىماقچى بولۇپ، يېنىدىن بەشى تىللا ئېلىپ تەڭلەپتۇ، يەنە ئۇنىماپتۇ، يەتتە تىللا بېرەي دەپتۇ، شاھزادە ئاران ئۇناپتۇ.
  شۇنداق قىلىپ، ئۇلار بۇ شاھزادىنى كىيىندۈرۈپ مەپىگە ساپتۇ، مەپىدىكى شاھزادىنى باشقا مەپىگە سېلىپ، يۈزىگە چۈمبەل يېپىپ، مۈڭگۈزىنى بىر پارچە رەخت بىلەن ئوراپ قويۇپتۇ ھەم ۋەزىر ئۇنىڭغا شەھەرگە بارغاندا ئۆيدىن سىرتقا چىقماي ئولتۇرۇشنى ئۇقتۇرۇپ قويۇپتۇ.
  قۇدا بولىدىغان پادىشاھ بۈگۈن شاھزادە كېلىدۇ، دەپ پۈتۈن ۋەزىر - ئۆلىمالىرى بىلەن شەھەر ئەھلىنى قوزغاپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپتۇ، قارىسا قىزنى ئالىدىغان شاھزادە ئاجايىپ كېلىشكەن بىر يىگىت ھەم تويغا دەپ راسلاپ كەلگەن پۇل - ماللىرى ھەددى - ھېسابسىز ئىكەن، بۇنى كۆرگەن پادىشاھنىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كېتىپتۇ، لېكىن يەنە بىر تەرەپتىن قىزى توغرىسىدا  غەم - ئەندىشىگە قاپتۇ، قىزنىڭ چاتقى ئاشكارا بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، توينى چاپسانراق ئۆتكۈزۈپ، شاھزادىنى پاتراق يولغا سېلىشقا ئالدىراپتۇ، نۇرغۇن پۇل - مالنى سەرپ قىلىپ، تويغا تېزدىن تەييارلىق كۆرۈپتۇ ۋە يەتتە كېچە - كۈندۈز توي قىلىپ بېرىپتۇ.
  توي كۈنى قېرىلار بىر يەردە، ياشلار بىر يەردە بوپتۇ. كېچە - كۈندۈز ھەممە مېھمانلار مەشرەپ ۋە ئويۇن - تاماشىلار بىلەن بولۇپتۇ. لېكىن پادىشاھنىڭ ئوي - پىكرى قىزى بىلەن شاھزادىدە قاپتۇ. تىنماي باشقىلاردىن قىزى بىلەن يىگىتنىڭ ئەھۋالىنى ئۇقۇپ تۇرۇپتۇ. توينىڭ ئالتىنچى كۈنىگىچە قىز يۈزىدىن چۈمبەلنى ئالماي، تامغا قاراپ يىغلاپ ئولتۇرۇپتۇ. باشقىلار ئۇسسۇل ئويناپ، ناخشا ئېيتىپ ۋە قوشاق توقۇپ ئولتۇرسا، قىز ئۆزىنىڭ سۆيگەن يارى بولغان شاھزاىنى ئويلاپ يىغلاپتۇ. بۇ ئەھۋالنى پادىشاھ ئاڭلاپ تېخىمۇ غەمگە چۈشۈپتۇ، پۇتى كۆيگەن توخۇدەك بىر يەردە تۇرالماي قاپتۇ. توينىڭ ئاخىرقى كۈنى كۆپچىلىك بۇرۇنقىدەك يەنە ئۆز ئويۇن - تاماشىسى بىلەن بولۇپ قالغاندا، شاھزادە مەلىكىگە ئۆزىنى ئاشكارا قىلىشنى ئويلاپ، ئۇنىڭ قۇلىقىغا ئاغزىنى يېقىپ، ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بوش ئاۋاز بىلەن ئېيتىپتۇ. مەلىكە ئاۋۋال ئىشەنمەپتۇ، ئاخىرى چۈمبىلىنى ئاستا ئېچىپ قارىغۇدەك بولسا، دېگەندەك ئۆزىنىڭ سۆيگەن يىگىتى ئىكەن. مەلىكە ئوڭۇممۇ - چۈشۈممۇ دەپ، خوشاللىقىدىن ئولتۇرالماي قاپتۇ. شاھزادە باشقىلارنىڭ، خۇسۇسەن پادىشاھنىڭ تۇيۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، مەلىكىنىڭ تاقەت قىلىپ ئولتۇرۇشىنى ئېيتىپتۇ. مەلىكىمۇ چاندۇرماسلىققا تىرىشىپتۇ. شاھزادە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، قىزغا ئۆزىنىڭ بۇ يەرگە قانداق قىلىپ كېلىپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دەپتۇ:
  - ئەتە پادىشاھ بىزنى يولغا سالىدۇ، ئەگەر بىز سىزنى ئالغىلى كەلگەن شاھزادىنىڭ يۇرتىغا بارىدىغان بولساق، سىز پۈتۈنلەي شۇنىڭ ئەمرىدە بولۇپ قالىسىز، مېنى بولسا، بۇ يۇرتتىن ھەيدەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ھازىردىن باشلاپ قانداق قىلىپ بولسۇن قۇتۇلۇشقا تىرىشايلى. بۇنىڭ ئامالى قېچىش. قېچىش ئۈچۈن ياغاچ ئات كېرەك. سىز ئەتە >دادام ياغاچ ئاتنى بەرمىسە بارمايمەن< دەپ تۇرۇۋېلىڭ. دادىڭىز ھەر قانداق ئۇسۇل بىلەن قورقاتسىمۇ چىڭ تۇرۇڭ. سىزنى ھېچنېمە قىلالمايدۇ، ياغاچ ئات قولغا كەلمىسە، بىزنىڭ ئايرىلغىنىمىز ئايرىلغان.
  بۇنى مەلىكە جان - دىلى بىلەن ئورۇنداشقا ۋەدە بېرىپتۇ.
  بۇ كۈنى توي بەك قىزىپتۇ، ھەممە كىشىنىڭ دىققىتى قىز بىلەن يىگىتىڭ مۇھەببىتىدە بوپتۇ، بۇ ئەھۋالنى ئۇقۇشقا كەلگەن يەڭگە موماي بۇ ئىككىسىنىڭ بۇنداق كۆڭۈللۈك ئولتۇرغىنىنى كۆرۈپ، دەررۇ بېرىپ پادىشاھقا بايان قىلىپتۇ، بۇنى ئاڭلاپ پادىشاھنىڭ كۆڭلى ئارام تېپىپتۇ.
  تاڭ ئېتىپتۇ. ئەتىگەندىلا ھەممە مېھمانلار شاھزادە بىلەن مەلىكىنى ئۇزىتىش ئۈچۈن تەييارلىنىپتۇ. شاھزادىنىڭ ئېتىنى توقۇپ، مەپىلىرىنى قېتىپ تەييارلاپ بوپتۇ. ھەممىسى مەلىكىنىڭ چىقىشىغا قاراپ تۇرۇپتۇ. لېكىن مەلىكە چىقماپتۇ. مېھمانلار بۇ ئەھۋالغا ھەيران بولۇشۇپتۇ. پادىشاھ مەلىكىنىڭ چىقماي تۇرۇۋېلىپ، مېھمانلارنى ساقلىتىپ قويغىنىغا بەك خاپا بوپتۇ. چۈنكى مېھمانلارنىڭ ئىچىدە باشقا ئىقلىملاردىن كەلگەن مېھمانلارمۇ بار ئىكەن، پادىشاھ شۇلاردىن بەك ئۇيۇلۇپتۇ، دەرھال ئۇ بىر كېنزەكنى كىرگۈزۈپتۇ. كېنزەك چىقىپ پادىشاھقا:
  - پادىشاھى ئالەم، مەلىكىنىڭ چىقماسلىقىدا بىر سەۋەب بار ئىكەن، - دەپتۇ.
  - ھە! نېمە سەۋەب؟
  - >دادام ياغاچ ئاتنى قوشۇپ بەرمىسە بارمايمەن< دەپيدۇ، - دەپتۇ كېنزەك.
  پادىشاھ دەرھال غەزەپكە كېلىپ، جاللات، دەپ ۋارقراپتۇ. جاللاتلار شۇ ھامان پادىشاھنىڭ ئالدىغا ھازىر بولۇپتۇ. پۈتۈن مېھمانلار بۇ ئىشقا ھاڭ - تاڭ بولۇپ قاپتۇ. ئاخىرى چەتتىن كەلگەن مېھمانلارنىڭ بىرسى پادىشاھقا تەسەللى بېرىپتۇ:
  - قويسىلا پادىشاھ، بۇنىڭغا ئانچە خاپا بولۇشنىڭ ھاجىتى يوق ياش بالىلار ئويۇنغا ئامراق بولىدۇ، ئىچى پۇشقاندا ئويناپ كۆڭلىنى ئاچار، سورىغان نەرسىسىنى بەرسىلە، - دەپتۇ.
  پادىشاھ مېھمانلارنىڭ يۈز - خاتىرىسى ئۈچۈن ياغاچ ئاتنى نائىلاج مەلىكىگە قوشۇپ بېرىپتۇ. داغدۇغا بىلەن قىز - يىگىتنى يولغا ساپتۇ.
  ئۇلار بىر نەچچە كۈن يول مېڭىپ، مۈڭگۈزلۈك شاھزادىنىڭ يۇرتىغا يېقىنلىشىپتۇ، لېكىن قېچىشنىڭ پەيتىنى تاپالماپتۇ. ئەگەر ئورىدغا كىرىپلا قالسا چاتاق، شاھزادە يەنە مەلىكىگە:
  - سىز ئوردىنىڭ ئالدىغا بارغاندا، ئۆز قۇلۇم بىلەن يەتتە تەخسە تىللانى كۆپچىلىكنىڭ بېشىدىن ئۆرۈپ چاچمىسام ئورىغا كىرمەيمەن دەڭ، ئۇلار نائىلاج تىلىكىڭىزنى قوبۇل قىلىدۇ. تىللارنى ئېلىپ چىققاندا يەرگە چېچىڭ، ئاندىن ئوردىدىكى شاھزادىدىن تارتىپ پۈتۈن ۋەزىر ئۆلىمالارغىچە چىقىپ تەرسۇن دەڭ. ئۇنىمۇ قىلماي ئىلاج يوق، ئۇلار تىللا بىلەنلا بولۇپ كەتكەندە، ياغاچ ئاتقا مىنىپ قاچىمىز، - دەپ گەپ ئۆگىتىپتۇ.
  دەل ئوردا ئالدىغا كەلگەندە مەلىكە شاھزادىنىڭ دېگىنى بويىچە تەلەپ قويۇپتۇ، ئوردىدىكىلەر نائىلاج ماقۇل بولۇپتۇ... ئۇلار راست تىللا تېرىش بىلەن بولۇپ كەتكەندە شاھزادە بىلەن مەلىكە ئاتقا مىنىپتۇ - دە، ئاتنىڭ ئوڭ قۇلىقىنى بىر بۇراپ ئاسمانغا ئوقتەك ئۇچۇپ چىقىپ كېتىپتۇ. ھېلىقى ئادەملەر بولسا ھەيران بولۇپ، ئاسمانغا قارىغىنىچە قاپتۇ ... شۇنداق قىلىپ بۇ ئىككىسى سالامەت شاھزادىنىڭ يۇرتىغا ئۇچۇپ كەپتۇ.
  پادىشاھ ئۆز ئوغلىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن كېچە - كۈندۈز ئاھ ئۇرۇپ سەۋدايى بولۇپ قالغانىكەن. بۇنىڭ ھەممىسىنى ياغاچ ئاتنى ياسىغان ياغاچچىدىن كۆرۈپ، ئۇنى زىندانغا تاشلاپتۇ، ئاخىرى شەھەردىكى چوڭ دەرۋازىغا مىخلاپ قويماق بوپتۇ. شاھزادىنىڭ بۇ يەرگە يېتىپ كەلگەن كۈنى ھېلىقى ياغاچچىنى دەرۋازىغا مىخلاش ئۈچۈن ئېلىپ ماڭغان ۋاقىتقا توغرا كەپتۇ. شاھزادە كېلىپلا دادىسىدىن ياغاچچىنى سوراپتۇ، ئاندىن ياغاچ ئاتنىڭ خاسىيىتىنى، بۇ ئات بولمىسا نۇرغۇن ئىشنى كۆرەلمەيدىغانلىقىنى، شۇنىڭدەك بۇنداق چىرايلىق، ئەقىللىق بىر مەلىكىگە ئىگە بولالمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىپتۇ، ئۇ يەنە ياغاچچىغا مۇكاپات بېرىشنى تەلەپ قىلىپتۇ. دادىسى شاھزادىنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ياغاچچىنى ناھەق جازالىغانلىقىغا بەك خىجىل بولۇپتۇ ۋە شاھزادىنىڭ تەلىپى بويىچە دەررۇ ياغاچچىنى ئازاد قىپتۇ. شاھزادە شۇ ھامان ياغاچچى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنى ئوردىغا ئېلىپ كىرىپتۇ، پادىشاھ ياغاچچىدىن كۆپ ئەپۇ سوراپتۇ ھەم نۇرغۇن پۇل ئىنئام بېرىپ، ھۈنىرىنى تېخىمۇ تەكەممۇللاشتۇرۇشقا دەۋەت قىلىپتۇ. پۈتۈن يۇرتقا شاھزادە بىلەن مەلىكىنىڭ قىرىق كېچە - كۈندۈز تويىنى قىلىپ بېرىپتۇ. پادىشاھ قېرىپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئوغلىغا ئۆز تەختىنى ئۆتۈنۈپتۇ.  

تارماق سەھپلەر