ساپ ئانا سۈتى بىلەن بېقىلىۋاتقان بوۋاقلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئارتىشى ئوڭۇشلۇق بولسا ھەم ئانىنىڭ ئەمچىكى داۋاملىق تولغان ھالەتتە بولسا، ئاتا سۈتىنىڭ يېتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، داۋاملىق ئانا سۈتى بىلەن بېقىش، باشقا يېمەكلىكلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ بېرىشنىڭ ھاجەتسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. سۈنئىي ئۇسۇلدا بېقىلىۋاتقان بوۋاقلاردا بەدەن ئېغىرلىقى ئارتىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشىغا ئەگىشىپ سۈت ئېمىش مىقدارىدىمۇ بىر ئاز تۆۋەنلەش بولۇشى مۇمكىن، بەزىدە ھەتتا قىسقا ۋاقىتلىق سۈتتىن چىقىپ قېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا سۈت ئېمىشكە زورلىماسلىق يەنىلا بۇرۇنقىدەك <ۋاقتىدا ئېمىتىش> پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، تەخمىنەن تۆت سائەتتە بىر ئېمىتىش، ئارىلىقتا قايناق سۇ ئىچۈرۈش، لېكىن ھەرگىز بوۋاققا بىردەم - بىردەم بىر نەرسە يېگۈزۈشكە بولمايدۇ. بۇ، بوۋاقنىڭ بەدىنى ۋە ئادەت يېتىلدۈرۈشىگە پايدىسىز. ئۇنىڭدىن سىرت، ھاۋا ياخشى ۋاقىتلاردا ئىمكانقەدەر بوۋاقنى سىرتقا كۆتۈرۈپ چىقىپ ئاپتاپقا سېلىش، ھاۋا مۇنچىسىغا چۈشۈرۈش كېرەك. بۇ، بوۋاقنىڭ ساغلاملىقىغا ئىنتايىن پايدىلىق. ئەگەر بۇ ۋاقىتتا بوۋاق مېۋە شەربىتى ۋە كۆكتات شىرنىسى ئىچىشكە ئادەتلىنىپ بولسا، مىقدارىنى سەل كۆپەيتىش، ھەر قېتىم 40 ~ 50 مىللىلىتىردىن كۈندە ئىككى - ئۈچ قېتىم ئىچكۈزۈش، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە بېلىق جىگىرى مېيىنى قوشۇپ بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. |