كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس

باللار باغچىسى - تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى - بوۋاقلىق مەزگىلى دېگەن نېمە؟ قانداق ئالاھىدىلىكى بار؟ سىزنىڭ ئورنىڭىز:

بوۋاقلىق مەزگىلى دېگەن نېمە؟ قانداق ئالاھىدىلىكى بار؟

مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-9-28 11:48:22 كۆرۈلىشى: 50



     بوۋاقلىق مەزگىلى كەڭ مەنىلىك ۋە تار مەنىلىك بوۋاقلىق دەپ ئىككى خىل بولۇپ، كەڭ مەنىلىك بوۋاقلىق مەزگىلى تۇغۇلۇپ بىر ياشقا تولغىچە بولغان (يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق  مەزگىلىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) مەزگىلنى، تار مەنىدىكى بوۋاقلىق مەزگىلى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق مەزگىلى (تۇغۇلۇپ كىندىكى باغلانغان ۋاقىتتىن تارتىپ 28 كۈنلۈك بولغۇچە ئارىلىق( ئاخىرلاشقاندىن باشلاپ بىر ياشقا تولغىچە بولغان مەزگىلنى كۆرسىتىدۇ. بوۋاقلىق مەزگىلى (يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق مەزگىلىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بولسا بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىنكى ئۆسۈپ يېتىلىشى ئەڭ تېز بولىدىغان مەزگىل بولۇپ، كۆپ مىقداردا ئوزۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىققا موھتاج، بولۇپمۇ ئاقسىلغا بولغان ئېھتىياجى ئىنتايىن يۇقىرى. لېكىن بۇ مەزگىلدە بوۋاقنىڭ ھەزىم قىلىش، سۈمۈرۈش ئىقتىدارى مۇكەممەل بولمىغانلىقتىن ئاسانلا ھەزىم قىلىش ۋە ئوزۇقلۇق ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىش يۈز بېرىدۇ. شۇڭا، بۇ مەزگىلدە ئانا سۈتى بىلەن بېقىش ۋە مۇۋاپىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم. شۇنداقلا بۇ مەزگىلدە بوۋاقنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىزراق بولۇپ، پىلانلىق ھالدا ۋاكسىنا ئەملەش كېرەك.

شىركىتىمىزگە قاراڭ | ئالاقىلىشامسىز؟ | يالغۇزلا ماڭامسىز؟ | بۇغداي سۆزىمىز بار | ھەممە ئاڭلىسۇنمۇ؟ | بېكىتىمىز بوپتىمۇ؟ | قوشۇۋېلىڭچۇ   
بارلىق ھوقۇق  شىنجاڭ ‹‹بىلقۇت›› ئېلېكترون پەن- تېخنىكا تەرەققىيات چەكىلىك شىركىتگە تەۋە 


新疆碧黎库特电子科技开发有限公司
    QQ:   250092392 (Raziman)    ,   502410794(Bilqut)        
新ICP备07002316