كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس

ياشلىرىمىز - ياشلىرىمىز - باشقىلارنى قايىل قىلغىنىڭىز، بويسۇندۇرغىنىڭىز ھېسابلانمايدۇ. سىزنىڭ ئورنىڭىز:

باشقىلارنى قايىل قىلغىنىڭىز، بويسۇندۇرغىنىڭىز ھېسابلانمايدۇ.

مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-9-27 12:25:11 كۆرۈلىشى: 23



  ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرىدە، ۋېي بەگلىكى  شىمالدىن شۇ بەگلىكىگە  ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش قوزغايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مىڭخو باشچىلىقىدىكى مەن قەبىلىلىرى  ھەدەپ جەنۇبنى پاراكەندە قىلىدۇ. شۇ چاغدىكى باش ۋەزىر جۇگېلياڭ شىمالدىكى ۋېي بەگلىكىدىن مۇداپىئە كۆرۈش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن چوقۇم جەنۇبتىكى تەھدىتنى يوقۇتۇش مۇھىم دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قوشۇن باشلاپ جەنۇبتىكى  كرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئاتلىنىدۇ.
  جۇگېلياڭ مۇنداق قارايدۇ: <ئەڭ ياخشى ئامال جەڭ بىلەن شەھەر  ئېلىش بولماستىن، بەلكى كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشتۇر؛ ھەربىي  توقۇنۇشتىن  روھىي جەھەتتىكى مايىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش   مۇھىم. دۈشمەننىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش غەلىبىنىڭ مۇھىم ھالقىسى.>
  ئۇرۇشتا، جۇگېلياڭ توزاق قۇرۇپ مېڭخونىڭ كۆپ قىسىم قوشۇنىنى ئەسىرگە ئالىدۇ، مېڭخو ئۆزىمۇ ئەسىرگە ئېلىنىدۇ. ئەمما جۇ گېلياڭ  ئۇلارنى ھېچقانداق جازالىمايدۇ  ياكى ئۆلتۈرمەيدۇ، ئەكسىچە ئېسىل تائام، ياخشى ھاراقلار بىلەن كۈتىدۇ،  مەن ئەسكەرلىرى كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ جۇگېلياڭنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ.
  جۇگېلياڭ مېڭخودىن: <ئەگەر مەن سېنى قويۇۋەتسەم قانداق قىلىسەن؟> دەپ سورايدۇ. مەن خانى مېڭخۇ: <مەن يەنە قوشۇن توپلاپ، سەن بىلەن ھايات - ماماتلىق جەڭ قىلىمەن. ئەگەر يەنە ساڭا يېڭىلىپ قالسام، ساڭا تەسلىم بولىمەن> دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن جۇ گېلياڭ مېڭخونى قويۇپ بېرىدۇ.
  مېڭخو  ئۆزىنىڭ ئېيتقىنى بويىچە، يەنە ھۇجۇم باشلايدۇ. لېكىن ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلەر جۇگېلياڭنىڭ ساخاۋىتىگە ئېرىشكەن بولغاچقا، ئۇنى باغلاپ جۇگېلياڭغا ئاپىرىپ بېرىدۇ. جۇگېلياڭ يەنە مېڭخودىن ئوخشاش سوئال سورايدۇ، مېڭخۇ: <مەن ھەققانىي  ئۇرۇشتا يېڭىلىپ قالمىدىم، بەلكى قول ئاستىمدىكىلەر ماڭا خائىنلىق قىلدى، ئەگەر ئۈچىنچى قېتىم تۇتۇلۇپ قالسام، ساڭا ئەل بولىمەن.> دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن جۇگېلياڭ يەنە ئۇنى قويۇپ بېرىدۇ.
  كېيىنكى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە جۇگېلياڭ پەم - پاراسەت بىلەن مېڭخونى ئارقا - ئارقىدىن نەچچە قېتىم مەغلۇپ قىلىدۇ، بىراق مېڭخو ھەر قېتىم تاكتىكامنى ئىشلىتەلمىدىم، ئامىتىم كەلمىدى دېگەندەك باھانىلەرنى كۆرسىتىدۇ.
  ئالتىنچى قېتىم تۇتۇلۇپ قالغان چاغدا، مېڭخو تەشەببۇسكارلىق بىلەن: <ئەگەر مېنى يەتتىنچى قېتىمدا يېڭىۋالساڭ، مەن راستىنلا چىن دىلىمدىن ساڭا ئەل بولىمەن، مەڭگۈ خائىنلىق قىلمايمەن> دەيدۇ. جۇ گېلياڭ: <ئەگەر مەن سېنى يەنە تۇتۇۋالسام، ھەرگىز قويۇپ بەرمەيمەن> دەيدۇ.
  مېڭخو يەتتىنچى قېتىم يەنە تۇتۇلۇپ قالىدۇ، بۇ قېتىملىق قىرغىنچىلىقتىن كېيىن جۇگېلياڭنىڭ ئەسىرلەرگە قاراپ ئىچى سېرىلىپ كېتىدۇ. ئۇ ئەلچىدىن بىرنى مېڭخونىڭ يېنىغا كىرگۈزىدۇ. ئەلچى: <باش ۋەزىر مېنى سىنى قويۇپ بېرىشكە ئەۋەتتى، ئەگەر قولۇڭدىن كەلسە يەنە قوشۇن تەشكىللەپ ئۇرۇش قىلغىن، قېنى سەن باش ۋەزىرنى يېڭەلەمسەن - يوق> دەيدۇ.
  مېڭخو كۆز يېشى قىلغىنىچە، يەرگە تىزلىنىدۇ.   ئۇ ئاخىرى جۇگېلياڭغا ئەل بولىدۇ.
  جۇگېلياڭ كاتتا زىياپەت ھازىرلاپ مېڭخونى كۈتۈۋالىدۇ  ھەمدە ئۇنى قايتا تەختكە چىقىرىدۇ. ئىگىلىۋالغان يەرلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بېرىپ، قوشۇننى باشلاپ بارگاھقا قايتىدۇ، ھېچقانداق ۋاقىتلىق قوشۇنمۇ قالدۇرمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن جەنۇبتىكى تەھدىت  ئاخىرى يوقىتىلىدۇ.
  ھەقىقىي ئەقىللىق ئادەملەر يىراقنى كۆرەلەيدۇ، ئۇزاق مۇددەتلىك بويسۇندۇرۇش بويسۇنغۇچىلاردا ئۆچمەنلىك، نەپرەت پەيدا قىلىدۇ. ئاخىرى ئۇلار قوزغىلىپ قارشىلىق كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل بويسۇندۇرۇش پەقەت يوشۇرۇن خەتەر ئېلىپ كېلىدۇ. مۇۋەپپەقىيەت ۋە مەغلۇبىيەتنىڭ پرىنسىپىنى ھەقىقىي چۈشەنگەن ئادەم <كىشىنىڭ كۆڭۈل رايىنى ئۇتۇپ> كىشىنى ئۆزىگە قايىل قىلالايدۇ. قايىل بولغۇچى دەل سىزنىڭ كەلگۈسى دوستىڭىزدۇر.
  مەقسەتلىك پىلانلاش ھەم قارشى تەرەپنىڭ كەيپىياتى ۋە پسىخىك ئاجىزلىقىغا ماسلىشىش، ئېھتىيات بىلەن بويسۇندۇرماقچى بولۇش، بۇلارنىڭ ھەممىسى قارشى تەرەپنىڭ نارازىلىقى  ۋە خاپىلىقىنى قوزغايدۇ. ھەر قانداق ئادەمگە نىسبەتەن كۆڭۈل ئەڭ مۇقەددەستۇر. ئۇ ھەر ۋاقىت بىر ئادەمنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، رەھىمدىللىك ھامان رەھىمسىزلىكتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، كىشىنى چوڭقۇر كۆڭلىدىن قايىل قىلىش زورلۇق بىلەن مەجبۇرىي  بويسۇندۇرۇشتىن ئەۋزەل. ناۋادا سىز قارشى تەرەپنى پسىخىك جەھەتتىن كونترول قىلالىسىڭىز، ئۇ چوقۇم سىزنىڭ سادىق دوستىڭىز بولۇپ قالىدۇ.
  ھازىر، نۇرغۇن ئادەملەرگە تۇرمۇش خۇددى بىر ئىزدا توختاپ قالغاندەك مەنىسىز بىلىنىدۇ، ھەتتا ئابرۇيىدىن گۇمانلىنىدۇ. ئۇلار ناھايىتى پەرۋاسىز ۋە ئۆلۈك ھالەتتە بولۇپ، كۆپكە قاراپ ئىش كۆرىدىغان، بىر قېلىپقا چۈشۈۋالغان ماشىنىغا  ئوخشاپ كېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ھوقۇق يۈرگۈزۈش ياكى مەجبۇرىي  بويسۇندۇرۇش تېخىمۇ تەسلىشىپ كېتىدۇ.
  قايىل قىلىش ئارقىلىق ئۇزاق مۇددەتلىك قوللاشقا ئېرىشكىلى بولىدۇ. بويسۇندۇرۇش پەقەت ۋاقىتلىق ئىتائەت قىلدۇرۇشتىنلا ئىبارەت خالاس. ھاياتىي كۈچى يوق قونچاقنى باشقۇرغاندىن كۆرە، سىز بىلەن تىغمۇ  تىغ تۇرالايدىغان ئادەمنى قايىل قىلىپ، ئۆزىڭىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇڭ. قارشى تەرەپ بىلەن يېقىنلىشىپ، ئۇلارنىڭ تەبىئىتىنى چۈشىنىڭ . ئۇلار سىزگە چىن دىلىدىن قايىل بولسۇن.
  گراسسېئاننىڭ  ئاقىلانە پەند -نەسھەتلىرى 5 
  ھەرگىز ئەخمەقلەرچە  بىر ئادەمگە ئىشلەتكەن تاكتىكىنى بارلىق ئادەمگە ئىشلەتكىلى بولىدۇ دەپ ئويلىماڭ، قارشى تەرەپ بىلەن يېقىنلىشىشنىڭ  ئاچقۇچىنى تېپىپ، ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئېچىڭ.

شىركىتىمىزگە قاراڭ | ئالاقىلىشامسىز؟ | يالغۇزلا ماڭامسىز؟ | بۇغداي سۆزىمىز بار | ھەممە ئاڭلىسۇنمۇ؟ | بېكىتىمىز بوپتىمۇ؟ | قوشۇۋېلىڭچۇ   
بارلىق ھوقۇق  شىنجاڭ ‹‹بىلقۇت›› ئېلېكترون پەن- تېخنىكا تەرەققىيات چەكىلىك شىركىتگە تەۋە 


新疆碧黎库特电子科技开发有限公司
    QQ:   250092392 (Raziman)    ,   502410794(Bilqut)        
新ICP备07002316