كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس

ياشلىرىمىز - ياشلىرىمىز - چېكىنىش ئارقىلىق ئىلگىرىلەڭ سىزنىڭ ئورنىڭىز:

چېكىنىش ئارقىلىق ئىلگىرىلەڭ

مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-9-27 12:24:42 كۆرۈلىشى: 19



   ئوتتۇرا ئەسىر مەزگىلىدە، شائىر سېر  گلوئوم گۈزەل  گيېرما  خانىمىنى بىر كۆرۈپلا ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ. ئۇنىڭ كەسىپداش دوستى سېر پيېرمۇ   ۋېنېتا  ئىسىملىك بىر ئاقسۆڭەك خانىمنى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ. 
  بىر مەزگىل بىللە ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇلار ئۆزئارا چىقىشالمايدىغان بولۇپ قاپتۇ. بىر كۈنى، پيېر  بىلەن ۋېنېتا ئەرزىمەس بىر ئىش ئۈچۈن قاتتىق سوقۇشۇپ كېتىپتۇ، ۋېنېتا ئاچچىقىدا   پيېرنى  تاشلاپ كېتىپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ دوستى گلوئومغا  ۋېنېتا  بىلەن ئەپلىشىپ قېلىشنى  خالايدىغانلىقىنى ئېيتىپ ياردەم سوراپ كەپتۇ. دەل شۇ چاغدا گلوئوم  ۋاقىتلىق سىرتقا چىقىپ كېتىپتۇ، ئۇ قايتىپ كەلگەن چاغدا،  پيېر  بىلەن ۋېنېتا ئەپلىشىپ قالغان بولۇپ، ئىككىسىنىڭ مۇھەببىتى بۇرۇنقىدىنمۇ كۈچىيىپ كەتكەندەك  قىلاتتى.
  گلوئوم بۇنى چۈشىنەلمەي قاپتۇ، پيېر  ئۇنىڭغا: <مۇھەببەت غەلىتە نەرسە ئىكەن، ئىختىلاپ قانچە كۈچلۈك بولسا، ئۇ شۇنچە مۇستەھكەملىشىدىكەن، قايتا ئەپلىشىپ قالغاندىن كېيىنكى مۇھەببەت تېخىمۇ شېرىن بولىدىكەن.> دەپتۇ.
  گلوئومنىڭمۇ  مۇھەببەتنىڭ ئاشۇنداق تەمىنى تېتىپ باققۇسى كەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن، قەستەن  گيېرماغا  قوپاللىق قىلىدىغان، ئۇنىڭغا ئاتاپ تەسىرلىك مۇھەببەت شېئىرلىرىنى يازمايدىغان بولىۋاپتۇ، ھەتتا ئۇنى تاشلاپ سىرتلاردا سەرگەردان بولۇپ يۈرۈپتۇ.
  ھېچنېمىنى چۈشىنەلمەي قالغان گيېرما خانىم گلوئومنى  ئىزدەپ ئادەم ئەۋەتىپتۇ، لېكىن  گلوئوم  قىلچە يۈز - خاتىرە قىلماستىن ئەلچىنى قوغلاپ چىقىرىپتۇ. بۇ ئىشتىن كېيىن گيېرمانىڭ  قىزغىنلىقى تېخىمۇ كۈچىيىپ، توختىماستىن ئەلچىلەردىن ئۆز قەلىمى بىلەن يازغان مۇھەببەت خەتلىرىنى ئەۋەتىپتۇ ھەم ئۆزى كېلىپ يوقلاپ تۇرۇپتۇ. لېكىن ھەر قېتىم گلوئوم  قوپال گەپ - سۆزلەر ۋە تەھدىت سېلىشلار بىلەن گيېرما  ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كېتىش قارارىغا كەپتۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن قەتئىي كۆرۈشمەسلىككە قەسەم قىپتۇ.
  ئايرىلغاندىن كېيىن گلوئوم  يەتكۈچە ھىجران ئازابى تارتىپتۇ، خۇددى پيېرنىڭ  <ئايرىلىش مۇھەببەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ> دېگىنىدەك، ئۇ سەۋدايىلارچە ئوتلۇق مۇھەببەت شېئىرلىرىنى يېزىپ، ئۆزىنىڭ قىلغانلىرىنى چۈشەندۈرۈپتۇ ھەم گيېرمانىڭ  ئەپۇ قىلىشىنى ئۆتۈنۈپتۇ.
  نۇرغۇن قېتىم يالۋۇرۇشلاردىن كېيىن گيېرمانى  ئۇنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالى تەسۋىرلەنگەن بىر پارچە شېئىرلار توپلىمى يېزىشقا بۇيرۇپتۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئوڭ قولىدىن بىر بارمىقىنى  كېسىپ قىلمىشلىرىنىڭ جازاسى سۈپىتىدە ئۆزىگە تەقدىم قىلىشنى ئېيتىپتۇ.
  گلوئوم گيېرمانىڭ  تەلەپلىرىنى تولۇق ئورۇنلاپتۇ، ئۇ ئاخىرى مۇھەببەتتىن ئايرىلىشنىڭ تەمىنى تېتىپ كۆرۈپتۇ.
  ئىشقى - مۇھەببەت دەسلەپتە دائىم ئىككى تەرەپنىڭ چىن ھېسسىياتىنى قوزغايدۇ. مۇھەببەت چوڭقۇرلاشقانسېرى، ئاسان ھاياجانلىنىدىغان، سەۋەبسىزلا ئايرىلىپ كېتىپ، قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. بۇ چاغدا قارشى تەرەپ ئۆزىنى ئەيىبلەپ، سىزگە بولغان ئىنتىلىشى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ. سىزنى كۆرەلمىگەن چاغدا سۆيگىنىڭىزنىڭ سېغىنىشلىرى كۈنسايىن ئېشىپ، مۇھەببىتى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.
  گيېرما گلوئومغا  ئىنتىلگەنسېرى گلوئوم  ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويمىدى. چۈنكى ئۇ گيېرماغا   بەك ئاسانلا ئېرىشىپ قالغان بولۇپ، ئەرزان گۆشنىڭ شورپىسى تېتىماپتۇ دېگەندەك ئىش بولغان.  گيېرما ئۇنى ئىزدەپ ئادەم ئەۋەتىشنى توختاتقاندىن كېيىنلا ئۇ گيېرمانىڭ  ئۆزى ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىملىقىنى بىلىپ يەتكەن.
  دائىم بىللە بولۇش  ياكى بەك تەشەببۇسكار بولۇش، سىزنى ئاددىيلا  بىر ئادەمدەك كۆرسىتىدۇ؛ ئەكسىچە، ۋاقىتلىق ئۆزىڭىزنى تارتسىڭىز، چەتكە ئالسىڭىز، سىز ناھايىتى سىرلىق تەسىر بېرىسىز - دە، باشقىلارنىڭ ئالدىدا جەلپكارلىقىڭىز ئاشىدۇ.
  بارغانسېرى سۇسلىشىپ كېتىۋاتقان مۇھەببەت خۇددى يۇقىلىشقا  يۈزلىنىۋاتقان نەرسىگە ئوخشاش تۇيۇقسىز باشقىلارنىڭ سېغىنىش ۋە ئىنتىلىشىنى قوزغايدۇ. بەك ئۇزۇن تۇرۇپ كەتكەن ۋە ئادەتتىكى نەرسىگە ئايلانغان ئىش ۋە ھادىسىلەر دائىم ئېتىبارسىز  قارىلىدۇ. ياۋروپانىڭ ئوتتۇرا ئەسىرىدىكى ئاقسۆڭەك خانىملار بۇ ئويۇننى بەك ياخشى ئوينىغان، چەۋەندازلار ئۇلارنى ئۇزاق مۇددەت، جاپالىق قوغداشقاندىن كېيىن، ئاندىن ئۇلارنىڭ مۇھەببىتىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئۇلار مۇشۇنداق بولغاندا مۇھەببەت تېخىمۇ كۈچىيىدۇ دەپ قارايدۇ.
  مۇھەببەتتە چېكىنىش ئارقىلىق ئىلگىرىلەش ئۇسۇلى كىشىنى ئويلاپ باقمىغان نەتىجىلەرگە ئېرىشتۈرىدىكەن. بەزىدە ئۆز ئۇسۇلىڭىزنى ئۆزگەرتىپ، مەسىلىلەرنى قارشى تەرەپتە تۇرۇپ مۇلاھىزە قىلىپ كۆرۈڭ. بەلكىم تۇرمۇشىڭىز مول ۋە رەڭدار تۈس ئېلىشى مۇمكىن.
  چېكىنىش ئارقىلىق ئىلگىرىلەشتە، شەخسىي  مۇددىئايىڭىزنى ئاشكارىلىماي تۇرۇپ، باشقىلار ئالدىدا تەشەببۇسكار ئورۇنغا ئۆتەلەيسىز. بۇ ئىنتايىن ئۈنۈملۈك ئۇسۇل بولۇپ، بۇ ئارقىلىق باشقا جەھەتلەردىمۇ خىيالىڭىزغا كەلتۈرمىگەن نەتىجىلەرگە ئېرىشەلەيسىز.

شىركىتىمىزگە قاراڭ | ئالاقىلىشامسىز؟ | يالغۇزلا ماڭامسىز؟ | بۇغداي سۆزىمىز بار | ھەممە ئاڭلىسۇنمۇ؟ | بېكىتىمىز بوپتىمۇ؟ | قوشۇۋېلىڭچۇ   
بارلىق ھوقۇق  شىنجاڭ ‹‹بىلقۇت›› ئېلېكترون پەن- تېخنىكا تەرەققىيات چەكىلىك شىركىتگە تەۋە 


新疆碧黎库特电子科技开发有限公司
    QQ:   250092392 (Raziman)    ,   502410794(Bilqut)        
新ICP备07002316