كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس

ياشلىرىمىز - ياشلىرىمىز - خەق سىزگە ھاجەتمەن، لېكىن سىزدىن مىننەتدار ئەمەس؟ سىزنىڭ ئورنىڭىز:

خەق سىزگە ھاجەتمەن، لېكىن سىزدىن مىننەتدار ئەمەس؟

مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-9-27 12:22:53 كۆرۈلىشى: 16



   ياۋروپانىڭ ئوتتۇرا ئەسىر مەزگىلىدە، بىر ياللانما ئەسكەر باشلىقى بىر شەھەرنى قۇتقۇزۇپ قاپتۇ، شەھەردىكى ئاقكۆڭۈل پۇقرالار ئۇنىڭ ياخشىلىقىغا قانداق جاۋاب قايتۇرۇش ئۈستىدە باش قاتۇرۇپتۇ، قانداق جاۋاب قايتۇرۇش كېرەك؟
  پۇل بېرىش كېرەكمۇ؟ بىر شەھەرنى قۇتقۇزۇپ قالغان ئادەمنىڭ تۆھپىسىگە قانداقمۇ پۇل ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرغىلى بولسۇن؟ بەزىلەر بۇ ئادەمنى شەھەر باشلىقى سايلايلى دېيىشىپتۇ. لېكىن يەنە بەزىلەر بۇنداق قىلىش ئۇنىڭ تۆھپىسىگە جاۋاب قايتۇرۇشقا ئەرزىمەيدۇ دېيىشىپ  بۇ قاراشنى ئىنكار قىپتۇ، ئەڭ ئاخىرى ئۇلار ھەممەيلەن ئەڭ مۇۋاپىق دەپ قاراشقان بىر ئۇسۇلنى تاللاپتۇ: >ئۇنى ئېسىپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، پېچەتلەپ پەيغەمبەر سۈپىتىدە ساقلايلى!< مانا بۇ ھېلىقى ياللانما ئەسكەر باشلىقى ئېرىشكەن جاۋاب. 
  1847 - يىلى، 32 ياشلىق بىسمارك  پرۇسسىيە  پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان چاغدا، پارلامېنت ئىچىدە بىرمۇ ئىشەنچلىك دوستى يوق ئىدى. ئەستايىدىل كۆزەتكەندىن كېيىن، ئۇ ئەينى چاغدىكى ھېچقانداق ئەمەلىي  ھوقۇقى بولمىغان پادىشاھ فېئاتلېي ۋىللىيام تۆتىنچى  بىلەن ئىتتىپاق تۈزىدۇ. بۇ ئىش كىشىلەرنىڭ قىياسى بىلەن ئاسمان - زېمىن  پەرقلىق ئىدى. فېتتېر  گەرچە پادىشاھ بولسىمۇ، ئەمما ئۇ خاراكتېرى ئاجىز، ئۆزىنى ئايايدىغان ئادەم بولۇپ، دائىم پارلامېنتتىكى  ھۆرلۈك مەزھىپىگە يول قوياتتى. بۇ خىل غۇرۇرى  يوق ئادەملەر، خاراكتېرى ۋە سىياسىي  جەھەتتىن دەل بىسمارك  كۆزگە ئىلمايدىغان كىشىلەر تىپىغا كىرەتتى.
  بىسماركنىڭ قارارى ھەقىقەتەن كىشىنى ئويلاندۇرىدۇ. ئەمما ئۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن پادىشاھقا ياخشىچاق بولۇشقا ئۇرۇناتتى، باشقا پارلامېنت ئەزالىرى پادىشاھنىڭ بىلىمسىز،   قارا قورساقلىقىغا زەربە بەرگەن چاغلاردا پەقەت بىسماركلا پادىشاھنى قوللايتتى.
  ئاخىرى، 1851 - يىلى بىسماركنىڭ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى بىكارغا كەتمىدى: فېتتېر  ئۇنىڭغا ئىچكى كابىنېتنىڭ ۋەزىرلىك مەنسىپىنى بەردى. ئۇ بۇنىڭغا قانائەتلىنىپ قالمىدى، يەنە نۇرغۇن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، پادىشاھنى  ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ ھۆرلۈك مەزھىپىدىكىلەرگە قاتتىق قوللۇق بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا،  ئۆز ئىززەت - ھۆرمىتىنى ساقلىغان ئاساستا دۆلەتكە ھۆكۈمرانلىق قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، قەدەممۇ قەدەم خانلىق ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا خانلىق تۈزۈمنى پىلۇشتىكى ئەڭ قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى. پادىشاھمۇ پۈتۈنلەي بىسماركنىڭ دېگىنى  بويىچە ئىش يۈرگۈزدى.
  1861 - يىلى فېتتېر  ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىنىسى ۋىللىيام  تەختكە ۋارىسلىق قىلدى. ئەمما يېڭى پادىشاھ بىسماركنى  ئازراقمۇ ياخشى كۆرمەيتتى، ھەتتا ئۇنى يېنىدا ئەپ قېلىشنىمۇ خالىمايتتى. ۋىللىياممۇ فېئاتلېي ۋىللىيامغا  ئوخشاشلا ھۆرلۈك مەزھىپىدىكىلەرنىڭ ھوجۇمىغا ئۇچرىدى، ئۇلار ئۇنىڭ ھوقۇقىنى يۇتۇۋېلىشنى ئويلايتتى. بۇنداق خەتەرلىك ھاكىمىيەت ئورنىدا داۋاملىق ئولتۇرۇشقا ئامالسىز قالغان پادىشاھ ھوقۇقىدىن ۋاز كەچمەكچى بولىدۇ. دەل شۇ چاغدا بىسمارك  ئوتتۇرىغا  چىقىپ پادىشاھنى  قەتئىي  قوللايدۇ، ئۇنى قارشىلاشقۇچىلارغا قەتئىي  ۋە كەسكىن ھەرىكەت قوللىنىپ، قاتتىق  بېسىم ئىشلىتىپ ھۆرلۈك مەزھىپىنى دەرھال بىت - چىت قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.
  ۋىللىيام  گەرچە بىسماركقا   ئۆچلۈك قىلسىمۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ ئۇنىڭغا موھتاجلىقىنى بىلەتتى. چۈنكى بىسماركنىڭ  ياردىمى بولمىسا، ئۇنىڭ ھاكىمىيەت ئورنى خەتەر ئىچىدە قالاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىسماركنى  باش ۋەزىر قىلىپ تەيىنلىدى. گەرچە ئىككىسىنىڭ سىياسىي  ئىختىلاپى بولسىمۇ، پادىشاھ  ئۇنى يەنىلا مۇھىم ۋەزىپىگە قويدى، ھەر قېتىم بىسمارك  ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا  بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ پادىشاھقا  تەھدىت سالغاندا، پادىشاھ ئۆز مەنپەئىتىنى  كۆزدە تۇتۇپ ئۇنىڭغا يول قوياتتى، بۇ خىل ئۇسۇل ئىنتايىن ئۈنۈملۈك، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ھەقىقىي مەنىدىن ئالغاندا بىسمارك دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئىگىلىۋالغان ئىدى.
  ئەينى چاغدا، نۇرغۇنلىغان ئاچكۆز ياش سىياسىيونلار دۆلەتنىڭ ھاكىمىيەت ساھەسىدىن بىر كىشىلىك ئورۇن ئېلىشنى ئارزۇ قىلاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پۈتۈن زېھنىي  كۈچىنى  ھوقۇقدار زاتلارغا سەرپ  قىلىپ، ئۇلاردىن پايدىلىنىپ مەنسەپكە  ئېرىشىش  كويىدا بولۇشاتتى. لېكىن بىسمارك  مۇنداق قارايدۇ: كۈچلۈكلەرگە بېقىنىش ئەخمىقانىلىقتۇر، چۈنكى ئۇلار كۈچلۈك بولغاچقا سېنىڭ ئۇلارغا قىلچە كېرىكىڭ  يوقتۇر؛ ھالبۇكى ئاجىزلار بىلەن ئىتتىپاق تۈزمەك بولسا ئاقىلانىلىكتۇر، چۈنكى سەن باشقىلارنى ئۆزۈڭگە بېقىندۇرالايسەن، ئۇلارنىڭ خوجايىنىغا ئايلىنالايسەن. ئۇلار سەندىن ئايرىلالمايدۇ، سەندىن ئايرىلىش ئۇلارغا كرىزىس ئەپ كېلىدۇ، ئۇلارنىڭ مەرتىۋىسى تەھدىتكە ئۇچرايدۇ ھەتتا ۋەيران بولىدۇ.
  بىسمارك  زېرەكلىكى  بىلەن ھاكىمىيەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقتى، ئۇ پادىشاھنىڭ  قابىل ياردەمچىسى بولۇش سۈپىتى  بىلەن، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەپلا قالماستىن، يەنە دۆلەت ھاكىمىيىتىنى تىزگىنلىيەلىدى.
  ئىتالىيىلىك گراف  كارمان يورا 1442 - يىلى ۋىنىتسىيە  شەھىرىدە ياللىنىپ ئىشلەيدۇ، شۇ چاغدا ۋېنېتسىيە   بىلەن فلورىنسىيە  ئۇزاق مۇددەت ئۆزئارا ئۇرۇش قىلغان بولۇپ، تۈگىمەس زىددىيەتلەرگە تولغان ئىدى. كارمان يورا  ئاجايىپ خىزمەت كۆرسەتكەن سەردارلارنىڭ بىرى.
  بىر كۈنى گراف تەكلىپكە بىنائەن ۋېنېتسىيىگە   بارىدۇ، ئۇ يەردە ئاجايىپ ھىممەت ۋە ئالىي  شەرەپلەرگە نائىل بولىدۇ. كەچتە باش ئەلچى ئۇنى كەچلىك تاماققا تەكلىپ قىلىدۇ. ھالبۇكى ئۇ ۋالىي مەھكىمىسىدە ھەشەمەتلىك زىياپەتتە بولماستىن، تۈرمىگە ئېلىپ بېرىلىدۇ — ئۇ يوقىلاڭ بەتنام بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئىككىنچى كۈنى، سان ماركو مەيدانىدا كاللىسى ئېلىنىپ سازايى قىلىنىدۇ.
  يەنە نۇرغۇنلىغان ئۇنىڭغا ئوخشاش جەڭگە ماھىر باتۇرلار بار. بىرىنىڭ يوقىتىلىشى  ھۆكۈمرانلارنىڭ ئورنىغا ھېچقانچە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ.
  بۇ دۇنيادا ئورنىغا دەسسىتىشكە بولىدىغان بىرەر ئادەمنىڭ يوقىلىشى  ھوقۇقدارلارغا نىسبەتەن ھېچقانچە زىيان ئەمەس.
  جۇڭگودا >ئېشەك كۆۋرۈكتىن ئۆتكۈچە< دەيدىغان بىر تەمسىل بار، مەنىسى شۇكى ئىش  تۈگىگەندىن كېيىن، ئۆز ۋاقتىدا تۆھپە كۆرسەتكەن بىر قىسىم كىشىلەر تېگىشلىك جاۋابقا  ئېرىشەلمەيدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ كېرىكى  قالمىغان ھامان بىر كۈنى ئۇلارنىڭ ئورنىنى يېڭىلار ئىگىلەيدۇ. 
   گراسسېئاننىڭ  ئاقىلانە پەند - نەسىھەتلىرى.
  ھەقىقىي ئەقىل ئىگىسى كىشىلەرگە ئېھتىياجلىق ئادەم بولۇشنى خالايدۇ، ئەمما ھەرگىز تەشەككۈرگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئەمەستۇر. ئەدەپ بىلەن ئۆتۈنۈش بىدئەتلىك تەشەككۈردىن قىممەتلىك بولىدۇ، چۈنكى مەلۇم يالۋۇرۇش تۈسىنى ئالغان بولغاچقا قەتئىي  ئەستىن چىقمايدۇ، لېكىن تەشەككۈر سۆزلىرى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە  ئەگىشىپ ئەستىن كۆتۈرۈلۈپ  كېتىدۇ. 

شىركىتىمىزگە قاراڭ | ئالاقىلىشامسىز؟ | يالغۇزلا ماڭامسىز؟ | بۇغداي سۆزىمىز بار | ھەممە ئاڭلىسۇنمۇ؟ | بېكىتىمىز بوپتىمۇ؟ | قوشۇۋېلىڭچۇ   
بارلىق ھوقۇق  شىنجاڭ ‹‹بىلقۇت›› ئېلېكترون پەن- تېخنىكا تەرەققىيات چەكىلىك شىركىتگە تەۋە 


新疆碧黎库特电子科技开发有限公司
    QQ:   250092392 (Raziman)    ,   502410794(Bilqut)        
新ICP备07002316