باھانە بىر تۈرلۈك ناچار ئادەتتۇر. باھانە ئىزدەيدىغان ئادەتنى يۇقتۇرۇۋالساڭ، خىزمىتىڭ ئاقسايدۇ، ئۈنۈم ھاسىل قىلالمايسەن. بۇ خىل ئادەتتىن ئادا - جۇدا بولسا - ھە، خىزمەتتە كۆرۈلگەن مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن چۈشكۈنلەشمەيسەن، بەلكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ نۇرغۇن ئۇسۇللىرىنى بىلىۋالىسەن، بۇ ھالدا باھانە بارغانچە يىراقلىشىپ، مۇەپپەقىيەت بارغانچە قۇچاق ئاچىدۇ. ئادەمدىكى ئادەت بىلىنەر - بىلىنمەس يېتىلىدىغان؛ مەلۇم قىلىق، مەلۇم ئىدىيە ۋە پوزىتسىيە قەلبنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا تەدرىجىي ھالدا شەكىللىنىدىغان ئۇزۇنغا سوزۇلغان جەرياندۇر. ئادەتنىڭ شەكىللەنمىكى ئاسان ئەمەس. بىراق شەكىللىنىۋالسا كۈچلۈك ئېنېرتسىيىگە ئىگە بولدى، دېگەن گەپ، بۇ ھالدا ئۇنىڭدىن قۇتۇلماق تولىمۇ تەس. ئۇ يوشۇرۇن ئېڭىدا تۇرۇپ ھەر قاچان ئۇ ئىشنى مۇنداق قىل، بۇ ئىشنى ئۇنداق قىل، دەپ سېنى مەجبۇرلايدۇ. ئادەت شۇنداق كاج نەرسىكى، يامان ئىش قىلغان بولساڭمۇ ئۇنىڭ تۈرتكىسىدە ئۆزۈڭنى ھەقلىق ھېسابلايسەن. بولۇپمۇ تاسادىپىي ئىشلارغا توغرا كەلگەندە ئادەتنىڭ ئېنېرتسىيىلىك رولى گەۋدىلىك بولىدۇ. باھانە ئىزدىگۈچىلەرنى ئالىدىغان بولساق: ناۋادا خىزمەت جەريانىدا مەلۇم باھانىنى ئۆزىگە تېگىشلىك سەۋەنلىك ياكى مەسئۇلىيەتتىن قېچىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلسا، ئۆزىگە بىرىنچى قېتىم باھانە ئېلىپ كەلگەن ئاراملىق ۋە ھىماتلىققا چۆمۈلۈپ ئۆزىنى چاغلىيالماي قېلىشىڭ مۇمكىن. بىراق ئەشۇ تۇنجى باھانە سېنى 2 -، 3 - قېتىممۇ ئۆزى ئۈچۈن باھانە تېپىشقا ئۈندەشتەك مۇشۇ <پايدا>نى ئاتا قىلىدۇ. چۈنكى سەن ئىدىيەڭدە باھانىگەرلىكتىن ئىبارەت بۇ قىلىقنى قوبۇل قىلىپ بولدۇڭ - دە. ئەڭ ئېچىنارلىقى مۇشۇ تۈپەيلى باھانىگەرلىكتىن ئىبارەت مەرەزنى ئۆزۈڭگە ئادەت قىلىۋالىسەن. باھانىگەرلىك خىزمەتلىرىڭنى نەس باسقۇزىدىغان، ئۆزۈڭنى لامزەللەشتۈرىدىغان شۇنداق قورقۇنچلۇق پسىخىك ئادەتكى، ئۇ سېنى ئاخىرى ئاپىرىپ كاردىن چىقىرىپ، بىر تىيىنغا ئەرزىمەس قىلىۋېتىدۇ. ئادەمنىڭ پۈتكۈل ھاياتىدا نۇرغۇن ئادەتلەر شەكىللىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ياخشىلىرىمۇ، ناچارلىرىمۇ بولىدۇ. ياخشى ئادەتنىڭ شەخسكە بولغان ئىجابىي تەسىرى زور بولىدۇ، ئەلۋەتتە. يامان ئادەتنىڭ ئەكس تەسىرىنىمۇ بوش چاغلىغىلى بولمايدۇ. تۆۋەندىكى ئاددىي ئەمما ئۈنۈمى زور بەش تۈرلۈك ئادەت ياراملىق باشقۇرغۇچىلار ھازىرلاشقا، ھەتتا ھەر بىر خادىمدا بولۇشقا تېگىشلىك ئادەتلەر بولۇپ، ناۋادا سەن بىر باشقۇرغۇچى بولساڭ ياكى باشقۇرغۇچى بولۇشنى ئىزدىسەڭ بۇ ئادەتلەرنى يېتىلدۈرۈشكە ھازىردىن باشلاپ تىرىشىشىڭ كېرەك. (1) خىزمەت ۋاقتىنى ئۇزارتىش. ئۈنۈمنى ئىش ۋاقتىدا ئاشۇرسىلا بولدى، تۆپىلەپ ئىشلەشنىڭ ھاجىتى يوق، دەپ قارايدىغان بولغاچقا، نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ بۇ ئادەتكە قارارغا كۆزى يوق. ئەمەلىيەتتە خىزمەت ۋاقتىنى ئۇزارتىشتەك بۇ ئادەت باشقۇرغۇچىلار ئۈچۈن بەك مۇھىمدۇر. سەن باشقۇرغۇچى بولۇش سۈپىتىڭ بىلەن ئۆز ئۇدۇلۇڭدىكى كەسىپ خاراكتېرلىك خىزمەتلىرىڭنىلا رېتى بويىچە بىر تەرەپ قىلماستىن، بەلكى تاسادىپىي كۆرۈلىدىغان ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن شىركەت ۋە ھەرقايسى تارماقلارنىڭ باشقۇرۇش ۋە تەرەققىياتىغا ئائىت لايىھىلىرى قاتارلىقلار ھەققىدە باش قاتۇرۇشۇڭ كېرەك. يەنە كېلىپ، نۇرغۇن ئىشلار خىزمەت ۋاقتىدا كۆرۈلمەيدۇ، شۇنداقلا بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى خىزمەت ۋاقتىدا ھەل قىلىپ كەتكىلى بولمايدۇ. مانا بۇ سەندىن ئەمەلىي ئېھتىياجغا قارىتا شىركەت ئۈچۈن ۋاقىت تاللىماستىن ئىشلىشىڭنى، خىزمەت ۋاقتىڭنى ئۇزارتىشىڭنى تەقەززا قىلىدۇ. نۇرمىدىن ئارتۇق ئىشلەشنىڭ ئۇسۇللىرى ئەمەلىي ئەھۋالغا قارىتا ئوخشاش بولمايدۇ. مەسىلەن: مەلۇم بىر پىلاننى ئورۇنلاش ئۈچۈن شىركەتتە تۆپىلەپ ئىشلىسەڭ، باشقۇرۇش تەسەۋۋۇرىنى سازلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەپتە ئاخىرىدا ماتېرىيال كۆرسەڭ، پىكىر يۈرگۈزسەڭ؛ ئۇچۇرغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئەل - ئاغىنىلىرىڭ بىلەن ئالاقىلەشسەڭ بولىۋېرىدۇ. ئۇمۇمەن سەن مۇشۇلارنى بىجا كەلتۈرەلىسەڭلا شىركىتىڭدە تېخىمۇ كۆپ ئالقىشقا مۇيەسسەر بولالايسەن. (2) شىركەت ۋە ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرىغا بولغان ئىشتىياقىنى ھەر قاچان ئىپادىلەش. بۇ، ئىش ۋاقتىدا بولامدۇ، ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتتا بولامدۇ، شىركەتنىڭ خادىملىرىغا بولامدۇ، خېرىدار ۋە دوستلىرىڭغا بولامدۇ، ئىشقىلىپ ھەرقانداق پۇرسەتتە شىركىتىڭ ۋە ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرىغا بولغان ئىشتىياقىڭنى ھازىرلىشىڭ كېرەك، دېگەنلىك. سەن باشقىلارغا ئۆز شىركىتىڭگە بولغان ئىشتىياقىڭنى سەزدۈرەلىگەن ۋاقتىڭدىلا باشقىلارمۇ سېنىڭ ۋۇجۇدۇڭدىن ئۆزۈڭگە ۋە شىركىتىڭگە بولغان ئىشەنچەڭنى ھېس قىلالايدۇ. زارلىغاق، ئۈمىدسىز ئادەملەر بىلەن ھەمدەمدە بولۇشنى ھېچكىم خالىمايدۇ. جۈملىدىن شىركەتمۇ ئۆز شىركىتىنىڭ تەرەققىياتىدىن ئۈمىدسىزلىنىدىغان، غاپىل ئادەملەرنى مۇھىم خىزمەتلەرگە قويۇشتىن ھەزەر ئەيلەيدۇ. (3) مۈشكۈل ۋەزىپىلەرنى ئۆزلۈكىدىن ئۈستىگە ئېلىش. شىركەتتىكى ھەر بىر تارماق، ھەر بىر ئىش ئورنىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ۋەزىپىسى بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ بەزى تاسادىپىي دۇچ كەلگەن ئىشلارنى يەنە كېلىپ بۇ ئىشلارنىڭ جىددىي ۋە مۇھىم بولۇشىغا قارىماي، كونكرېت قايسى تارماق، قايسى شەخسكە تەۋە ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىشقا ئامالسىز قالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. ناۋادا سەن ئۆزۈڭنى لاياقەتلىك باشقۇرغۇچى سانىساڭ، شىركەتنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش نۇقتىسىدىن بۇ ئىشلارنى ئاكتىپلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىشىڭ، ئەڭ مۇشەققەتلىك ۋەزىپە بولغان تەقدىردىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستۈڭگە ئېلىشىڭ كېرەك. مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىڭ، مەغلۇپ بولۇشىڭدىن قەتئىينەزەر سەندىكى قىيىنچىلىقنى بىلىپ تۇرۇپ پىداكارلىق كۆرسىتىشتەك روھ كۆپچىلىكنى قايىل قىلماي قالمايدۇ. يەنە بىرى، مۇشەققەتلىك ۋەزىپە ئىقتىدارىڭنى تاۋلاشتا تېپىلغۇسىز پۇرسەت بولۇپ، بۇخىل ۋەزىپىلەرنى ئادا قىلىۋەرسەڭ ئىقتىدارىڭ ۋە تەجرىبەڭ ھەسسىلەپ ئاشىدۇ. بەزى ھاللاردا ئازابلىنىشنىڭ مۇمكىن، بىراق ئازاب سېنى تېخىمۇ پىشىلدۇرىدۇ. سېنى تېخىمۇ تەدبىرلىك قىلىدۇ. (4) خىزمەت ۋاقتىدا قۇرۇق پاراڭ سېلىشتىن ھەزەر ئەيلەش. بىر بولسا، خىزمەت ئۈنۈمىڭنىڭ بەك يۇقىرىلىقىدىن، بىر بولسا، بەك چارچاپ كەتكەنلىكتىن ئازراق ئاراملىقنى خالىشىڭ مۇمكىن، بىراق نېمىسى نېمە بولسۇن، خىزمەت ۋاقتىدا خىزمەتكە مۇناسىۋەتسىز ئىشلارنى قىلىشتىن، بولۇپمۇ قۇرۇق پاراڭ سېلىشتىن، غەيۋەت - شىكايەت قىلىشتىن ساقلىنىشىڭ كېرەك. سېنىڭ نۆۋەتتىكى خىزمەت ۋەزىپەڭ ۋە ئۈنۈمىڭ شىركەتتىكى ھەممە كىشىگە ئايان بولۇشى ناتايىن. شۇڭا قۇرۇق پاراڭ باشقىلارنى ئۆزۈڭ ھەققىدە ھۇرۇن ئىكەن، خىزمەتكە ئېتىبارسىز قارايدىكەن، دېگەن تۇيغۇغا كەلتۈرۈشتىن ئۆزگىگە يارىمايدۇ، خالاس. ئۇ يەنە باشقىلارنىڭ خىزمىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ بىزارلىقىنى قوزغايدۇ. خىزمىتىڭگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىپ كەتكەن بولساڭ، كەسپىڭگە مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنى كۆرۈش، ئەڭ يېڭى كەسپىي ماتېرىياللارنى تېپىشتەك ئىشلارغا تۇتۇنغىنكى، مۇزىكا ئاڭلاش، گېزىت كۆرۈشتەك ئىشلارغا ھەرگىز كۆڭلۈڭنى چاچما. (5) مۇناسىۋەتلىك ئاپپاراتلارغا ئۆز تارمىقى ياكى شىركەتنى باشقۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلە ۋە تەكلىپلەرنى يوللاش. ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈۋالساڭ، خىزمەتتە يولۇققان مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن، مەيۈسلەنمەيسەن بەلكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ نۇرغۇن يوللىرىنى بىلىۋالىسەن. بۇ ھالدا باھانە سەندىن بارغانچە يىراقلىشىپ، ئۇتۇق بارغانچە قۇچاق ئاچىدۇ. باھانە ئىزدەشنى ھەرگىز ئادەت قىلىۋالما، خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا ھازىردىن باشلاپ بۇ قىلىقتىن قول ئۈز! |