كۇندە بىر ماقال - تەمسىل : دۇشمنىڭ كۆپ بولسا يىقىلغان يېرىڭدىن قوپىمقىڭ تەس،دوستۇڭ كۆپ بولسا ئۇچقان يېرىڭدىن چۈشمىكىڭ تەس

ياشلىرىمىز - ياشلىرىمىز - باھانە كۆرسەتكەندىن كۆرە <بىلمەيمەن> دېگەن تۈزۈك سىزنىڭ ئورنىڭىز:

باھانە كۆرسەتكەندىن كۆرە <بىلمەيمەن> دېگەن تۈزۈك

مەنبە: بىلقۇت تورى ۋاقتى: 2007-9-27 12:21:51 كۆرۈلىشى: 18



  ھەرقانداق باھانە مەسئۇلىيەتسىزلىكنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆزىگە ۋە قارشى تەرەپكە كەلتۈرىدىغان زىيىنىنى بوش چاغلىغىلى بولمايدۇ. ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا سەمىمىي بولۇش ئاقىلانىلىقتۇر. بەزى ھاللاردا باھانە ئىزدەپ مېڭە ئۇپراتقاندىن،  ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا <بىلمەيمەن> دېيىش تۈزۈكتۇر.
  باھانە ئىزدەشكە سېزىك شۇ ئادەملەرنىڭ بۇ ئادەتنى نەدىن يۇقتۇرۇۋالغانلىقىغا، تاپقان باھانىلىرىنىڭ ئۇلارغا نېمە ئاتا قىلىدىغانلىقىغا ئەقلىم ھەيران. بۇنداق قىلىش ئۇلارنىڭ نەزىرىدە روىي  ئاراملىققا ئېرىشىشنىڭ يولى بولۇشىمۇ  ياكى بولمىسا ئۆزىنى ھېماتلاشتىن ئىبارەت تۇغۇچ بىلەن مەنبەلىنىشىمۇ مۇمكىن. بىراق نېمىسى نېمە بولسۇن شۇ بىر نۇقتا ئېنىقكى، ھەر قانداق باھانە مەسئۇلىيەتسىزلىكنىڭ ئىپادىسى بولۇپ،  ئۇنىڭ ئۆزگە ۋە قارشى تەرەپكە كەلتۈرىدىغان  زىيىنىنى بوش چاغلىغىلى بولمايدۇ. باھانە كۆرسىتىش باشقىلارغا ئالا كۆڭۈللۈك قىلىش، ئۆزىنى چەتكە ئېلىش ئۈچۈن بولسا، ئۇ ھەقىقەتەن سەمىمىيەتسىزلىكتۇر.
  ئۆزى ۋە باشقىلارغا سەمىمىي بولۇش ئاقىلانىلىكتۇر. بەزى ھاللاردا باھانە ئىزدەپ مېڭە ئۇپراتقاندىن كۆرە،  ئۆزى ۋە باشقىلارغا <بىلمەيمەن> دېيىش تۈزۈكتۇر.
  بۇ سەمىمىيەتلىكنىڭ،  باشقىچە ئېيتقاندا ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا مەسئۇل بولغانلىقىنىڭ،  شۇنداقلا مەلۇم جەھەتلەردە ئۆزىگە ئىشەنگەنلىكنىڭ ئىپادىسىدۇر. ئادەم ئۆزىگە ئىشىنىشتىن مەھرۇم بولغاندا ھە دېگەندە باھانە ئىزدەيدىغان بولۇپ قالىدۇ، بۇ بىرخىل ئۆزىنى قاچۇرۇش پسىخىكىسىدۇر.
  مېيكېنىينىڭ مەسلىھەتچىسى ئېيسىن  لاسارنىڭ بىر قېتىملىق كەچمىشى مەسىلىنىڭ  ماھىيىتىنى ئېچىپ بېرىدۇ.
  بىر كۈنى سەھەردە  بىزنىڭ بىر خېرىدارىمىز
   — <بايلىق> ژۇرنىلىدا تەرتىپكە تۇرغۇزۇلغان 500 كۈچلۈك كارخانىنىڭ قاتارىدىكى بىر ياساش شىركىتى تۈر تەۋسىيە قىلىدىغان بىر مۇھىم يىغىن چاقىردى. تۈر مەسئۇلىمىز يوھان بىلەن توپتىكىلەر بىر پۈتۈن چۈشەنچە بېرىشكە تېگىشلىك ئوخشىمايدىغان قىسىملارنى  مۇھاكىمە قىلدۇق. مەن ئۆزۈمگە تەۋە قىسمىنى مۇھاكىمىدىن ئۆتكۈزۈپ بولدۇم. بىراق ئالدىنقى ئاخشىمى سەھەر سائەت تۆتكىچە ئىشلىگەنلىكىم  ئۈچۈن چارچاپ ھېچ ھالىم قالمىدى. مۇھاكىمە باشقا بىر قىسىم (بۇ قىسىم مەن بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولۇپلا قالماي،  بەلكى بۇ قىسىم ھەققىدە بىلىدىغانلىرىم يوقنىڭ ئورنىدا ئىدى)غا يۆتكەلگەندە نېرۋام زىڭىلداپ، ئۇيقۇم بەك كەپكەتكەچكە،  باشقىلارنىڭ ئوخشىمىغان كۆز قاراشلارنى مۇھاكىمە قىلغاندىكى سۆزلىرى قولىقىمغا  كىرىپ تۇرسىمۇ،  سۇ خۇددى كىچىك بالىنىڭ بارماقلىرى ئارىسىدىن ئېقىپ كەتكەندەك يادىمدا تۇرمايتتى.
  بۇ چاغدا <ئېيسىن، سەنچە سوشنىڭ قارىشى قانداق؟> دېگەن سوئال بىلەن داراڭڭىدە چۆچۈپ كەتتىم. چۆچۈش ۋە قورقۇش تۈپەيلىدىن ھېلى مۇھاكىمە قىلىنغان مەزمۇنلارنى ئېسىمگە كەلتۈرەلمىدىم. شۇنداقتىمۇ گېربرا مەكتىپى بىلەن سودا ئىنستىتۇتىدا يېتىلدۈرگەن ئىنكاسىمغا تايىنىپ شۇ ھامان ئېسىمنى تاپتىمدە،  بىر قانچە تۈرلۈك ئادەتتىكىچە قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. ئەمەلىيەتتە مېنىڭ قىلىۋاتقىنىم نەيرەڭدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى.
  مەن يوھانغا ئوچۇق - يورۇقلۇق بىلەن: <ئىلگىرى بۇ جەھەتتىكى مەسىلىلەر كۆز ئالدىمدىن ئۆتۈپ باقماپتىكەن دېگەن بولسام ئۇنچىلىك  بولۇپ كەتمەيتتىم. ھەتتا <كەچۈرۈڭ، باياتىدىن زېھنىم چېچىلىپ قاپتۇ> دېگەن بولساممۇ ھېچقىسى يوقتى. مېنىڭچە مېيكېنىيدا ئىشلىگەن باشقىلار جۈملىسىدىن ئىلگىرى ئۇنىڭدىمۇ مۇشۇنداق كەچمىشنىڭ بولغانلىقى چوقۇم. شۇڭا ئۇ توغرا چۈشىنەتتى. بىراق مەن كۆز بويايمەن دەپ ئۆزۈمنى ئۆزۈم مات قىلدىم.
  بىر قانچە ھەپتىدىن  كېيىن تۈر تاماملاندى. توپتىكىلەر بىر تېز تاماقخانىدا يىغىلىش قىلىپ، بولدى دېگۈدەك يېدۇق - ئىچتۇق. ئاخىرىدا تۈر دىرېكتورى ھەر بىر خادىمغا بىردىن  ھەزىل ياكى يۇمۇر تۈسىگە ئىگە سوۋغات بەردى. ماڭا بېرىلگىنى  مېيىكنىڭ <<بىلمەيمەن> دېسەڭ بولمىدىمۇ> دېگەن ئۆرنەك سۆزى كۆركەم بېسىلغان ئۈستەلگە قويۇپ قويىدىغان كىچىك رامكا ئىدى.
  بۇ بەك ئاقىلانە تەكلىپ  بولۇپ، ئۇ رامكا تا ھازىرغىچە ئۈستىلىمدە قويۇقلۇق.
  ھەر قانداق باھانە زەئىپلىكنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، ئۆزىگە ئىشىنىدىغانلار باھانە ئىزدەشتىن نومۇس قىلىدۇ. مەن غەربىي پوينت  ھەربىي مەكتىپىگە كىرگەن ھامان مۇشۇ جەھەتتىكى چېنىقىشنى قوبۇل قىلغانتىم.  كېيىنكى كەسپىي ھاياتىمدا ھەر قاچان باھانە ئارقىلىق ئۆزىنى چەتكە ئېلىشقا ئۇرۇنىدىغان خادىملارغا يولۇققاندا ئۇلارغا <باھانە كۆرسەتكىنىڭدىن <بىلمەيمەن> دېگىنىڭ تۈزۈك ئەمەسمۇ> دېگەن بۇ سۆزنى ئىنئام قىلدىم.

شىركىتىمىزگە قاراڭ | ئالاقىلىشامسىز؟ | يالغۇزلا ماڭامسىز؟ | بۇغداي سۆزىمىز بار | ھەممە ئاڭلىسۇنمۇ؟ | بېكىتىمىز بوپتىمۇ؟ | قوشۇۋېلىڭچۇ   
بارلىق ھوقۇق  شىنجاڭ ‹‹بىلقۇت›› ئېلېكترون پەن- تېخنىكا تەرەققىيات چەكىلىك شىركىتگە تەۋە 


新疆碧黎库特电子科技开发有限公司
    QQ:   250092392 (Raziman)    ,   502410794(Bilqut)        
新ICP备07002316