باھانە — سۆرەلمىلىكنىڭ ئۇۋىسىدۇر. سۆرەلمىلىكنى ئادەت قىلغانلار باھانە توقۇيدىغان مۇتەخەسسىسلەردۇر. ئۇلار مېھنەت قىلىشقا، تاللاشقا توغرا كەلگەندە ھەمىشە بەزى باھانە - سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ كۆڭلىنى تىندۇرماقچى، ئاراملىق تاپماقچى بولىدۇ. ئىشنى ھەر قاچان ئارقىغا تارتىدىغان، ھەر تۈرلۈك باھانىلىرى يانچۇقىدىلا تۇرىدىغان بۇنداق ئادەملەردىن ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدۇ. باھانە — سۆرەلمىلىكنىڭ ئۇۋىسىدۇر. سۆرەلمىلىكنى ئادەت قىلغانلار باھانە ئىشلەپچىقىرىدىغان مۇتەخەسسىسلەردۇر. بۇنداق ئادەملەر خاس باھانە كۆرسىتىشكە يارايدۇكى، بىرەر ئىشتا ئەھدە بېرەلمەيدۇ. ئۇلار بىر بولسا، مەلۇم ئىشنى قىلماي تۇرۇپلا باھانە ھازىرلايدۇ، بىر بولسا ئىشنى نېمىشقا پىلان بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرەلمىگەنلىكىگە بىر پاتمان باھانە - سەۋەبلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ ئۆزىنى ئاقلايدۇ. بۇنداقلارنىڭ ياراملىق خادىم بولالىشى، مۇۋەپپەقىيەت، مەمنۇنىيەت دېگەنلەرنىڭ ئۇلارغا بېقىشى مۇمكىن ئەمەس. بۇنداقلارغا مېنىڭ شىركىتىمدە مۇتلەق ئورۇن يوق. <باھانىنىڭ كېرىكى يوق>، ئەزمىلىك قىلماي، جىددىي ئاتلىنىش!— مانا بۇ مەن غەربىي پوينت ھەربىي مەكتىپىدە قوبۇل قىلغان تۇنجى ئەقىدىدۇر. مەن تۇنجى قېتىم بىپەرۋالىقىم ياكى باشقا بىر سەۋەب تۈپەيلىدىن ئايىغىمنى ۋاقتىدا سۈرتمىگەندە، ئۇنداق، مۇنداق باھانىلەرنى كۆرسىتىپ جازادىن قۇتۇلۇۋالارمەن، 2 -، 3 - قېتىملاردىمۇ شۇنداق بولار. بىراق مۇشۇنداق كېتىۋەرسە ھېچ بولمىغاندا ئاياغ سۈرتىدىغان مۇشۇ ئىشتا باھانە ئىزدەيدىغان ئادەتنى يۇقتۇرۇۋېلىشىم، بۇ ئادەت مېنى ئاياغ سۈرتىدىغان مۇشۇ ئىشقا پەرۋا قىلمايدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن. ئاياغ سۈرتۈشنى قويۇپ، ئۆزىمىزنى جەڭگاھتا، قۇرۇلۇش ئۈستىدە، ئاتاكا پەيتىدە كۆرۈپ باقايلى، ئەشۇ ئادەت قانداق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرەر! سودا دېمەك جەڭ دېمەكتۇر. خىزمەت دېمەك كۆرەش دېمەكتۇر. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا يۇقىرىقىدەك پىكىر قىلىشىمىز ھەرگىزمۇ مەسىلىنى كۆپتۈرۈۋەتكەنلىك، مۇتلەقلەشتۈرۈۋەتكەنلىك ئەمەستۇر. ھەرقانداق ئىگىلىك باشقۇرغۇچىغا ئايان بولغىنىدەك، ئەزمە، ھۇرۇن ئادەملەردىن ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدۇ. شۇڭا سودىدا يېڭىلمەس ئورۇندا تۇرىمەن دەيدىكەنمىز، جەڭگىۋار، ئۈمىدۋار بىر قوشۇنغا ئىگە بولۇشىمىز كېرەك. بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويغىنىغا، ھازىر بېرىشكە تېگىشلىك تېلېفوننى بىر، ئىككى سائەت كېچىكتۈرگىنىگە، بۇ ئايدا تاماملاپ بولۇشقا تېگىشلىك مەلۇمات جەدۋىلىنى كېيىنكى ئايغا سۈرۈپ قويغىنىغا، بۇ پەسىللىك سۈرئەتنى كېيىنكى پەسىلگە ئاشۇرۇپ قويغىنىغا قارىماي ئەزمىلىككە سېزىك ئەشۇ ئادەملەرنىڭ: خىزمەتنىڭ مەزىسى قالمىدى، جېنىمىز بەك قىينىلىپ كەتتى، خىزمەت شارائىتى ياخشى ئەمەس، ئورۇنداش قەرەلى بەك قىسقا، خوجايىنىمىز ئېلىشىپ قالاي دېدى، دېگەندەك قىسما - قىسما باھانە سەۋەب، پىتنە - پاساتلارنى نەلەردىن تاپىدىغانلىقىغا ھەيران بولساممۇ، بىراق ئۇلارنىڭ خىزمەتكە بېرىلمەيدىغان، ھېچ بولمىغاندا خىزمەت پوزىتسىيىسىدە مەسىلە بار خادىملار ئىكەنلىكى ماڭا ئايان، ئۇلار تۈرلۈك باھانىلەرنى كۆرسىتىپ، شىركەتنى قارا باستۇرىدىغان، باشقۇرغۇچىلارنى گوللايدىغان مەسئۇلىيەتسىز ئادەملەردۇر. ھەر قانداق ئىشنى ئەتىگە قالدۇرۇشتەك پوزىتسىيە ئەزمىلىك بولۇپ، ئۇ تولىمۇ ناچار خىزمەت ئىستىلىدۇر. بو خاھىشقا مۇپتىلا بولغانلار ھەر قاچان مېھنەت قىلىشقا، تاللاشقا توغرا كەلگەندە بەزى باھانە - سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ كۆڭلىنى تىندۇرماقچى، ئاراملىق تاپماقچى بولىدۇ. ئەجەبلىنەرلىكى قاچانلا قارىسا ۋايساپ يۈرۈيدىغان ئەشۇ ئەزمىلەر چېنىقىشخانا، قاۋاقخانا، نەرسە - كېرەك سېتىۋېلىش مەركەزلىرىدە سائەتلەپ يۈرسە چارچىغىنىنى بىلمەيدۇ - يۇ، بىراق خىزمەتكە بارىدىغانلىقى يادىغا يەتكەن ھامان: <ئىلاھىم، ئەتە بىر ئىشلىمىسەككەن> دەيدۇ. خىزمەتكە مۇشۇنداق نىيەتتە بارغان ئادەمنىڭ ئىشقا كۆڭۈل بۆلۈشى مۇمكىنمۇ؟ نېمە ئۈچۈن بىر مۇنچە ئادەملەر خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئورنىغا باھانە ئىزدەشكە شۇنچە ھېرىسمەن دېگەننى ئويلىساملا ئىچىم سىقىلىدۇ. بۇ ھەقىقەتەن ئاجايىپ بىر غەلىتىلىك. نېمىشقا دېسەك، ئۇلار قانداق ئاماللارنى قوللىنىپ مەسئۇلىيەتتىن داجىسۇن، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى بەرىبىر قىلىدۇ؛ يەنە كېلىپ، ئەزمىلىك بىر تۈرلۈك ئۆزىنى قىيناش بولۇپ، ئورۇنداش قەرەلىنىڭ قىستاپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، خىزمەت بېسىمى كۈنسايىن ئارتىپ بارىدىغان بولغاچقا، بۇ ھالدا ئادەم تېخىمۇ ھالسىرايدۇ - ئەمەسمۇ؟ ئەزمىلىككە نىسبەتەن پەردە ئارقىسىدا رول ئويناۋاتقىنى ئېرىنچەكلىك بولۇپ، باھانە شۇ ئېرىنچەكلىككە زېمىن ھازىرلاپ بېرىدۇ. سەھەردە قوڭغۇراقلىق سائەت تاتلىق ئۇيقىدىن ئويغاتقاندا، ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئىشقا بېرىشىم كېرەك، دېگەننى ئويلايمىز - يۇ، ئىسسىق ئورۇننىڭ مېھرىدىن كېچەلمەيمىز - دە، بىر تەرەپتىن قوپمىسام بولمايدۇ دېگىنىمىز بىلەن، يەنە بىر تەرەپتىن <بىردەمدىن كېيىن تۇرساممۇ ئۈلگۈرەلەيمەنغۇ> دەپ ئۆزىمىزگە باھانە تاپىمىز. شۇنىڭ بىلەن يېتىشىمىز بەش مىنۇت، ئون مىنۇت، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۈزىراپ كېتىدۇ. بۇ كۆپىنچە ئادەملەرگە ئورتاق سەرگۈزەشتىدۇ. جەڭگىۋارلقىنى قىلچە بوشاشتۇرماي، ھۇرۇنلۇقنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە تۈپتىن يول قويماسلىق - ئېرىنچەكلىككە تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك چارىسىدۇر. كۆپىنچە ھاللاردا ئىشتىن ئىلگىرى ئاكتىپ پوزىتسىيە كۆرۈلىدۇ. ئاندىن <ئۇنداق قىلساممۇ…> دەيدىغان مۇشۇ ئوينىڭ باش كۆتۈرۈشىگە ئەگىشىپ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلگەن ئېرىنچەكلىك شۇ ھامان ھازىر بولىدۇ - دە، <توقۇنۇش> باشلىنىپ كېتىدۇ. بۇ ھالدا ئاقىۋەتكە بىر نېمە دېمەك تەس. شۇڭا ئېرىنچەكلىكنىڭ سوقۇنىۋېلىشقا پۇرسەت بەرمەسلىك ئۈچۈن ئاكتىپ پوزىتسىيە كۆرۈلگەن ھامان ھەرىكەتكە كىرىشىش لازىم. تۆۋەندىكىلەر مېنىڭ غەربىي پوينتتىكى مەكتەپ ھاياتىم ۋە كېيىنكى كەسپىي ھاياتىمدىن يەكۈنلىگەنلىرىم بولۇپ، بۇ تەكلىپلەرنىڭ ئەزمىلىكتىن قۇتۇلۇش ئىرادىسىگە كەلگەن ئەشۇ كىشىلەرگە ھەمدەم بولالايدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل. نېمىشقا دېسەك، بۇلار خادىملارنى يېتىشتۈرۈشۈمدىكى مەزمۇنلارنىڭ مۇھىم بىر تەرىپىدۇر. (1) دەرھال قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى تەرتىپكە تۇرغۇزۇپ، ئەڭ ئاسانلىرىدىن، ۋاقىت ئەڭ ئاز كېتىدىغانلىرىدىن باشلاپ، بىرمۇ بىر ئورۇنداش. (2) كۈندە بىر تۈرلۈك نىشانى ئېنىق خىزمەت بىلەن مەشغۇل بولۇش، ئۇ خىزمەتنى باشقىلارنىڭ يوليورۇقىنى كۈتمەستىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاماملاش. (3) كولباسانى يالپاقداش ماھارىتىنى قوللىنىش، كولباسانى يالپاقداش ماھارىتى دېگىنىمىزدە، كولباسانى پۈتۈن پېتىلا كاپ ئەتمەستىن، نېپىز يالپاقلىۋېلىپ، ئېغىزغا ئاز - ئازدىن سېلىپ، ئۇنىڭ لەززىتىنى تېتىش كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئىشنى بۆلۈپ تۈگىتىدۇ، دېگەندەك بۇ خىل ئۇسۇلنى خىزمەتلىرىمىزگىمۇ تەتبىقلاشقا بولىدۇ. قانداق دېسەك، مەلۇم خىزمەتنى قىلىشتىن ئىلگىرى قەغەز، قەلەمنى ئېلىپ، شۇ خىزمەتنى بىر قانچە كىچىك بۆلەكلەرگە، شۇ بۆلەكلەرنىمۇ بىر قانچە باسقۇچلارغا بۆلۈۋېلىپ ئاندىن ھەر بىر باسقۇچنى بىر خىزمەت كۈنىدە تاماملاپ بولساق، خىزمەت بىزگە ھېچقانچە ھەرەج كەلمەيدۇ. ھەر قېتىم يېڭى بىر باسقۇچقا تېگىش قىلغاندا ئەشۇ باسقۇچ تاماملانمىغىچە، خىزمەت دائىرىسىدىن ئايرىلىشقا؛ ھەقىقەتەن ۋاقىتلىق توختىتىشقا مەجبۇر بولغان تەقدىردىمۇ، شۇ خىزمەتنىڭ مەلۇم ھالقىسىنى ئاخىرلاشتۇرۇۋەتمىگىچە قول ئۈزۈشكە بولمايدۇ. (4) كۈندە ئاز دېگەندىمۇ، باشقىلارغا ئەرزىيدىغان بىر خەيرىلىك ئىشنى ئىزدەپ يۈرۈپ قىلىش. (5) خىزمەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قىلىشتەك بۇ ئادەتنى يېتىلدۈرۈشنىڭ قىممىتىنى باشقىلارغا كۈندە تەرغىپ قىلىش، ئەڭ بولمىغاندا بىر ئادەمگە يەتكۈزۈش. (6) كۈنتەرتىپكە كۈندىلىك خىزمەت تەپسىلاتىنى چۈشۈرۈش. بۇنىڭدا باشلانغان كۈن، تاماملايدىغان كۈن، ھەرقايسى باسقۇچلارنى تاماملايدىغان قەرەللەرنى يېزىش بىلەن بىرگە كىچىك باسقۇچلارغا بۆلۈپ تاماملاشتىن ئىبارەت كالباسانى يالپاقداش پرىنسىپىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك. بۇ پرىنسىپ ئارقىلىق بېسىمنى يەڭگىللىتىپلا قالماستىن، يەنە ئىلگىرىلەشكە تۈرتكە بولىدىغان مەلۇم بېسىمنى ساقلاپمۇ قالغىلى بولىدۇ. باھانە ئىزدەشتىن ئىبارەت بۇ يامان ئىللەتكە كۆنۈپ قالغانلار ئىشنى ھەر قاچان سەمىمىيەتسىزلىك بىلەن قىلىدۇ. بۇنداقلارنىڭ خىزمىتى نەزەرگە ئېلىنمايلا قالماستىن، بەلكى پەزىلىتىمۇ نەزەردىن چۈشىدۇ. خىزمەت تۇرمۇشنىڭ بىر قىسمىدۇر. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، يارامسىز خىزمەتتىن يارامسىز تۇرمۇش كېلىپ چىقىدۇ. خىزمەتنى يارامسىز قىلىۋەرسە خىزمەتنىڭ ئۈنۈمى تۆۋەنلەپلا قالماستىن، بەلكى ئادەم ئىش قىلىش ئىقتىدارىدىن مەھرۇملىنىدۇ. ئەلھاللىقتىن ئېشىپ، مۇكەممەللىكنى تاللاش — بۇ ھەممىمىزنىڭ بىر ئۆمۈر ئىخلاس قىلىشقا يېتەرلىك ئەقلىيەدۇر. خىزمەتكە نىسبەتەنمۇ، ھاياتقا نىسبەتەنمۇ شۇنداق قىلىشىمىز كېرەك. كۈرمىڭلىغان ئادەملەر بىپەرۋالىق، سۆرەلمىلىكنى ئادەت قىلىۋالغاچقا، ئۆز ئۇدۇلىدىكى خىزمەتكە ئالا كۆڭۈللۈك قىلىدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ كۆزگە كۆرۈنۈشى يوق گەپ، ئۆمۈر بويى جەمئىيەتنىڭ تۆۋەن قاتلىمىدا ياشىغىنى ياشىغان. |